ھەر قانداق قىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىقمۇ بار

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (50)

631945
ھەر قانداق قىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىقمۇ بار

 

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ گويا پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ» دەيدۇ. (سۈرە مائىدە 32 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرىلىشى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ يوق قىلىنىشىدىنمۇ ئېغىردۇر» دەيدۇ. (تىرمىزى)

ئەزىز مۆئمىنلەر!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن مەۋلىد قاندىلى ھارپسىدا بىر پۈتۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىپلاس تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۈچ كەلدۇق. ئادىمىيلىكتىن نىسىۋىسىنى ئالمىغان جىنايەت شايكىلىرىنىڭ بۇ لەنەتلىك ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە سەۋر – تاقەت ۋە تەمكىنلىك ئاتا قىلسۇن.

ئەزىز قېرىنداشلار!

جىنايەت مەيلى ئىستانبۇلدا، مەيلى ھەلەبتە، مەيلى ئاراكاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىنسان ئۆلتۈرگەن، جېنىغا زامىن بولغان، ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىپلاس مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلارنى ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئىككى ھۆكمى ھەرگىز جازاسىز قويمايدۇ.

ئاللاھنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمدە «ھەر قانداق كىشى جانغا زامىن بولسا، بىر ئىنساننى ئۆلتۈرسە، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، ناھەق جان ئالغان ۋە ئىنسان ئۆلتۈرگەن  كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قاتىلى سۈپىتىدە ھازىر قىلىنىدۇ. ئىستانبۇلدا 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلار 44 قېتىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەن بولىدۇ. ھەلەبتە بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلەرمۇ ئوخشاشلا قانچىلىغان قېتىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرۈشكەن بولىدۇ. بۇ قەتلىئاملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قاتىللىرى سۈپىتىدە ھېسابقا تارتىلىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ قاتىلى بولغان قانخۇرلارغا قارىتىلغان ئىككىنچى ھۆكۈمدە بولسا، «ھەرقانداق كىشى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرسە ئۇنىڭ جازاسى ئەبەدىيلىك جەھەننەم بولىدۇ»  (سۈرە نىسا 93 – ئايەت) دېيىلگەن. چۈنكى «بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇنيانىڭ يوق قىلىنىشىدىنمۇ ئېغىردۇر» (تىرمىزى)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «ھېچ شۈبھىسزكى، ھەر قانداق قېيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىقمۇ باردۇر» (سۈرە ئىنشىراھ 5 – ئايەت) دېگەن بولۇپ، بىز شۇنىڭغا ئېشىنىمىزكى، مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۇ قىيىنچىلىقلار ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. ئۆتمۈشتە بىز باشتىن كەچۈرگەن قىيىن باسقۇچلار بىزگە نىسبەتەن يېڭىدىن تىرىلىشنىڭ خۇشخەۋەرچىسى بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىرلىكتە باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۇ ئازاب - ئوقۇبەتلەرمۇ ئىنشائاللاھ يېڭى بىر تىرىلىشنىڭ، ئاللاھنىڭ لۇتفى ۋە رەھمىتىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالغۇسى. بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.

بىز پەقەت بۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىساقلا بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەلكىمىزدىكى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ھەققىگە يارىشا تولۇق ئادا قىلساقلا بولدى. شېھىتلىرىمىز جان پىدا قىلغان ئەشۇ مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزدىن، بىرلىك،  باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقىمىزدىن، ھەق ۋە ئادالەتتىن ئۇزاقلاشمىساقلا بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قەلب رىشتىمىزنى ھېچ قانداق ئايرىمچلىق قىلماستىن تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. ئۆزئارا ئۇلپەت - مۇھەببەتلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر تۈرلۈك سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۇزاقلىشىشىمىز لازىم. ھەر تۈرلۈك ھېلە - نەيرەڭ، توزاق، قىلتاق ئويۇنلارغا قارشى سەگەك بولىشىمىز، ئىنسانىيەتكە ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىمىزغا قارشى جىنايەت شايكىلىرىنىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەمكىنلىكىمىز ۋە قەتىئىي ئىرادىمىزنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى، ئادالىتى ۋە مەغپىرىتى قانچىلىق ھەق بولغان بولسا، ئۇنىڭ غەزىپى، لەنىتى ۋە قەھرىمۇ يەنە شۇنچىلىك ھەقتۇر. ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئونلىغان بىگۇناھ ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغانلار ۋە بۇنداقلارنى قوللىغانلار چوقۇم جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ. مەۋجۇتلۇقىمىزغا، مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقىمىزغا قەست قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ «قاھھار» دېگەن سۈپىتى بىلەن چوقۇم ھالاك قىلىنىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار!

ئۇنداقتا كېلىڭلار! بۇ مۇبارەك سائەتلەردە چىن قەلبىمىز بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرايلى!

ئى رەببىمىز! بىرلىكىمىز ۋە ئىتتىپاقىلىمىزغا كۆز تىككەنلەرگە، شان – شەرىپىمىز ۋە ئىززەت – ئابىرويىمىزغا قەست قىلغۇچىلارغا پۇرسەت بەرمىگىن! مىللىتىمىزنى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى ھەر تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەردىن مۇداپىئە قىلغىن! 

ھەلەبتە ئىنسانىيەتكە خىلاپ قەتلىئاملارغا دۇچار بولغان سەبىي بالىلار، گۇناھسىز ئاياللار، مۇيسىپىت، ياشلار ۋە پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلغىن!

ئى رەببىمىز! سەن بىزگە پاراسەت، قەتئىي ئىرادە، تەمكىنلىك ۋە كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلغىن! ۋەھشىيانە تېررورلۇقتىن، قان ۋە كۆز ياشلىرىدىن ئوزۇقلىنىدىغان قانخۇرلارغا قارشى پۈتۈن مىللىتىمىزگە بىر تەن، بىر جىسىم بولۇشنى نىسىپ قىلغىن! كاپىرلارغا ۋە ئىنكارچىلارغا قارشى بىزگە ياردەم قىلغىن!

ئى رەببىمىز! بىزلەرنى ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە ئىگە چىقىدىغان، ئۇلارنىڭ جانلىرىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بىزگە ئامانەت قالدۇرغان ئۇلۇغۋار مەنىۋىي بايلىقلىرىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ھەمدە ئەملىيلەشتۈرىدىغانلاردىن قىلغىن! ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر