ھەفتەر موسكۋادىن ياردەم سورىماقتا | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھەفتەر موسكۋادىن ياردەم سورىماقتا» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

629519
ھەفتەر موسكۋادىن ياردەم سورىماقتا | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋىيە كىرىزىسىغا ئالاقىدار بۇرۇنقى پىروگراممىلىرىمىزدا لىۋىيە دىيالوگ گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان <لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى> ھەققىدە توختالغان ۋە كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ 2016 – يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ پايتەخت ترابلۇستا خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئورتاقلاشقانىدۇق.  ھەتتا، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ دائېشنى سىرتە شەھىرى ۋە پۈتكۈل لىۋىيەدىن چىقىرىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى يۈرگۈزۈشتە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدۇق. تىزىملىكى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بولۇشىغا قارىماي، مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان توبروكتىكى ۋەكىللەر مەجلىسى ئورۇن ئالماقتا. ۋەكىللەر مەجلىسىگە قاراشلىق بىر ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ بېشىدىكى گېنېرال خەلىفە ھەفتەر، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي يارىشىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلە شۇ نۇقتىغا بېرىپ يەتتىكى، لىۋىيەنىڭ شەرقىدە كۈچىنى بارغانچە مۇستەھكەملەۋاتقان ھەفتەر رايوندا بىر ھەربىي ھاكىمىيەت تىكلەشنىڭ كويىغا چۈشتى.

لىۋىيەدە بىرلىك ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر ئامىل بولسا، لىۋىيەدىكى سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسەت مۇزاكىرىلىرىگە ئىشتىراك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تاشقى كۈچلەرنىڭ لىۋىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ماسلاشمايدىغان بولۇشىدۇر. نۆۋەتتە لىۋىيەدىكى ئەھۋاللارغا ئارىلىشىشقا تىرىشىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھەتتا تۈركىيەنىڭ بىر – بىرىگە ماس لىۋىيە سىياسىتى يوق. بۇ ئەھۋال، ھەر بىرى ئوخشاش ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئوخشاش بولمىغان لىۋىيەلىك گۇرۇپپىلارنى قوللاشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلماقتا. شۇڭا، بۇ نۇقتىمۇ مىللىي بىرلىك ئورنىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ھەفتەر لىۋىيەنىڭ شەرقىدە كۈچىنى كۈنسېرى مۇستەھكەملەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئەھۋالدىن دېگەندەك مەمنۇن ئەمەس. مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ئوچۇق – ئاشكارا، فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان يېپىق ياردەملەر ھەفتەرنى بالدۇرراق ئۆزى خالايدىغان شەكىلدە بىر چارە تېپىپ چىقىشىغا يەتمەيۋاتماقتا.

ھەفتەر، رۇسىيەنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىگە ئاكتىپ مۇداخىلە قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغىنىدا، سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش ئويۇننى ئۆزگەرتكۈچى رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، رۇسىيەنىڭ ئوچۇق قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى؛ ئاخىرقى بۇ زىيارەتكە تۈرتكە بولغان ئامىل بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپنىڭ غەلىبە قىلىشى بولدى. ترامپنىڭ يېڭى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى توغرىسىدىكى باياناتلىرى، پۈتكۈل ئىسلامچىلارغا قارا - قويۇق تېررورچى، دەپ قارىشى ۋە سىسى بىلەن پۇتىنغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى ھەفتەرگە ئىلھام بېغىشلايدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. ھەفتەر، ترامپ مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مىسىر ۋە رۇسىيە ئارىسىدا ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ھەمكارلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇنداقكەن، ھەفتەر بۇنداق بىر ئىتتىپاقنىڭ لىۋىيەدىكى تاللىشىنىڭ توبرۇك ھۆكۈمىتى بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گېنېرال ھەفتەر رۇسلاردىن قورال ۋە ھەربىي مەشىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن موسكۋاغا باردى.

ئەگەر موسكۋا لىۋىيە مەسىلىسىگە تەرەپلەردىن بىرىگە پايدىلىق بولىدىغان شەكىلدە پوزىتسىيە بىلدۈرسە، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئويۇن ئۆزگەرتكۈچى بىر تەسىر يارىتىدىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى سوئال، موسكۋا بۇنداق بىر يولنى تاللامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىيەدىكى پوزىتسىيەسىدىن پەرقلىق ھالدا رۇسىيە ھازىرغىچە لىۋىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى ۋە بۈگۈنگىچە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە لىۋىيەگە ئالاقىدار ھېچبىر قارار لايىھەسىنى رەت (ۋېتو) قىلمىدى. يەنە كېلىپ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان لىۋىيە سىياسىي دىيالوگى مۇزاكىرىلىرىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىققان كېلىشىمىنى رۇسىيە قوللاپ كەلدى. ھەتتا، لىۋىيە مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ھەفتەر ۋە توبرۇك ھۆكۈمىتىگە يېقىن تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇملۇق. لىۋىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسى فىرانسىيە، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېقىن ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە تەلەپ قىلغان ھەربىي ياردەمنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەفتەر ئورتاق دۈشمەن تېررورىزم كارتىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشتى. لېكىن، كىرېملىننىڭ رەسمىي باياناتچىسى، ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ بۇ ياردەمنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى. ھەتتا ئۇ، رۇسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى پەرقلىق سىياسىي قاتلاملار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، ھەفتەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭمۇ بۇ مۇساپىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. يەنە، رۇسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ لاۋروۋ – ھەفتەر ئۇچرىشىشىغا دائىر خەۋىرىمۇ تەلەپ قىلىنغان ياردەمنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلمىدى. لاۋروۋ ھەفتەرگە رۇسىيەنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا ئاساسەن، لىۋىيەدە مىللىي بىرلىك ئورنىتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ سايلام دولقۇنى ئەسناسىدا پۇرسەت تاپسىلا ئوباما دائىرىلىرىنى ۋە ھىلارى كىلىنتوننى لىۋىيە سىياسىتى سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل ھالدا پۇتىن توغرىسىدا ئىجابىي ئىپادىلەرنى بىلدۈرگەن ترامپ، پىرېزىدېنت بولغىنىدا ئوتتۇرا شەرقتە رۇسىيە بىلەن توقۇنۇش ئەمەس، ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. مانا بۇ سەۋەبلەر يۈزىسىدىن ھەفتەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ترامپنىڭ غەلىبىسىگە ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر ئەھۋال، دەپ باھا بەردى ۋە ئۇنى تەبرىكلەشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ترامپ لىۋىيە مەسىلىسىدە سىسى بىلەن يارىشىپ، رايوندا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ ۋە لىۋىيە توقۇنۇشىدا رۇسىيەنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىغا قارشى چىقمايدۇ. بۇ ئاكتىپ رول، ئەلۋەتتە، توبرۇك ھۆكۈمىتىگە ۋە ھەفتەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا ھەربىي شۇنداقلا سىياسىي ياردەمنىڭ بېرىلىشى شەكلىدە روياپقا چىقىدۇ.

رۇسىيەنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە ھازىرچە لىۋىيەدە مىللىي بىرلىكنىڭ ئورنىتىلىشى يولىدىكى ب د ت  رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ. لېكىن، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەردىن بىلىمىزكى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ماس ھەرىكەت قىلىش قايغۇسى يوق. نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلە سۈپىتىدە باشقىلارنىڭ ئالدىغا قويۇشتىن تارتىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلار روشەن كۆرسىتىپ بەردى.

نۆۋەتتە شىمالىي ئافرىقىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بىر – بىرىگە ماس سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتىكى ئاجىزلىقى ئەسلىدە لىۋىيەدىمۇ رۇسىيەنى مۇۋاپىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن، رۇسىيە ئىمكانىيىتى ۋە تاقىتىدىن ھالقىيدىغان شەكىلدە كېڭىيىشنى خالىمايدۇ. قىسقىسى رۇسىيە، دىمياتقا گۇرۇچ ئالغىلى بارىمەن، دەپ ئۆيدىكى ئارپىدىن قۇرۇق قالماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر