تۈركىيەدە سەھىيە ساياھەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

تۈركىيەدە سەھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى توغرۇلۇق

578858
تۈركىيەدە سەھىيە ساياھەتچىلىكى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

بۇ پىروگراممىمىزنىڭ نۇرغۇن بۆلۈملىرىدە ساياھەتچىلىكنىڭ مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولمىسۇن مەيلى تەرققىي تاپقان دۆلەتلەر بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەنىدۇق، ساياھەتچىلىك ساھەسى سېلىنما ئاز كېتىدىغان بىراق ئىش پۇرسەتلىرى تولىمۇ كۆپ بولغان ساھە بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ھەر 11 كىشىدىن بىرى ساياھەتچىلىك ساھەسىدە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا خىزمەت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ بۇ تەرىپى بولۇپمۇ يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ ساھەنىڭ نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بولسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېكسپورت بىلەن شۇغۇللانغاندەكلا تاشقى پىرۋۇت كىرىمى ئېلىپ كىرىپ دۆلەت ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. بىر دۆلەتكە تاشقى پىرۋۇت كۆپلەپ كىرسە دۆلەت سېلىنمىسىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا يېڭى سېلىنمىلار ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبەتلىرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە يەنى سېلىنما چىقىملىرىنىڭ ئازىيشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ساياھەت ساھەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى سېلىنمىلارغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

تۈركىيە تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك20 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 80 مىليونغا يېقىن ياش ۋە دىنامىك نوپۇسى بولغان تۈركىيەدە مال ۋە مۇلازىمەت تەلەپلىرى تولىمۇ جانلىق. تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك ساھەسى جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات ئەۋەزلىكىدىن سىرت كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەلا بولۇشى، شۇنداقلا سېلىنمىلار تۈرتكىسىدە تەرەققىي قىلماقتا. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كېلىدىغان 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەدە يېقىنقى يىللاردا تەرەققىي قىلغان ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى سەھىيە ساياھەتچىلىكىدۇر. سەھىيە ساياھەتچىلىكى دېگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەم ساياھەت قىلىش ھەمدە كېسىلىنى داۋلىتىش مەقىستىدە ئېلىپ بارغان ساياھىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە پەقەت كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ساياھەتمۇ سەھىيە ساياھەتچىلىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدىكى ساياھەتچىلىك تۈرلىرى ئىچىدە سەھىيە ساياھەتچىلىكى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنڭ سانى 600مىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قالدۇرۇپ كەتكەن تاشقى پىرۋۇت مىقدارى 2 مىليارد 500مىلىيون دوللارغا يەتكەن. 2023-يىلغىچە سەھىيە ساياھەتچىلىكىدە كىرىمنى 20 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان تۈركىيەدە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاز بولۇشى، بۇ ساھەگە بولغان قىزىقشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادا 30مىڭ ياۋرو كېتىدىغان بىر ئوپراتسىيە تۈركىيەدە ئاران 7000 دوللارغا قىلىنىدىكەن. چىقىمى تۆۋەن بولۇشى سەۋبىدىن تەلەپ يۇقىرى بولغان بۇ ساھەگە مەبلەغ سالىدىغانلار كۆپەيمەكتە.  ھەم تەلەپ سەۋەبىدىن تاشقى پىرۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ھەمدە يېڭى سېلىنمىلار بۇ ساھەنىڭ كېلەچىلىكىنىڭ تولىمۇ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تاشقى پىرۋۇتنىڭ كۆپلەپ كىرىشى، سېلىنما مىقدارىنىڭ ئېششى ۋە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە 600مىڭ بىمار ئالدى بىلەن داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيەدە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇۋاپىق باھادا ۋە سۈپەتلىك بولۇشى بۇ ساھەنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىمىزدىكى يىللاردا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ ئېشىشىدا، ئىقتىسادنىڭ زورىيىشىدا ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىمۇ مۇھىم رول ئويناشنى داۋملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر