قۇربانلىق ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (36)

570806
قۇربانلىق ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

قۇربانلىق ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (36)

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ««ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدا سىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئۈلگە باردۇر»  (سۈرە مۇمتەھىنە 4- ئايەت) دەيدۇ. 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «مەن ئاتام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى، قېرىندىشىم ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇشخەۋىرى ۋە ئانام ئامىنەنىڭ چۇشى (ئارزۇسى)مەن»دەيدۇ. (ئىبنى ھەنبەل)

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىر كۈنى ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يا رەسۇللاھ بىزگە ئۆزەڭ ھەققىدە گەپ قىلىپ بەرسەڭ» دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام ئۇلارغا: «مەن ئاتام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى، قېرىندىشىم ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇشخەۋىرى ۋە ئانام ئامىنەنىڭ چۇشى (ئارزۇسى)مەن»دەپ جاۋاپ قايتۇردى. (ئىبنى ھەنبەل)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھقا ھەمدۇ – سنالار بولسۇنكى، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇربان ھېيتقا قەدەم قويۇمىز. دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن كەلگەن مىليونلىغان ھاجى نامزاتى قېرىنداشلىرىمىز ئارافاتقا چىقىدۇ. ئۇلار ئەراپات تېغىدا ئاللاھقا يېلىنىپ تۆۋبە ۋە تىلەكلەردە بولىدۇ. دۇئالىرىدا بىزنىمۇ ئەسلەيدۇ. ئۇلار ھەج ئىبادىتىنى خاتىرجەم بىر شەكىلدە ئادا قىلىۋاتقان پەيتلەردە، بىزمۇ بۇ يەردە قۇربانلىقلىرىمىزنى قىلىمىز. ئاللاھقا ۋە بىر – بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىن بولۇشنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلايمىز. ئاللاھ قۇربان ھېيتىمىزنى مانا بۇ چۈشەنچە بىلەن ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن ئامىن.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

بىز ھەر يىلى بۇ كاتتا ھېيتنى كۈىتىۋالىمىز، بىراق قۇربان ھېيت بىلەن مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن كاتتا پەيغەمبىرىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە تۇنىمايمىز. ئۇ دەل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە خەلىلۇللاھ، يەنى ئاللاھنىڭ دوستى دەپمۇ ئاتلىدىغان ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرسىدۇر. ئۇ ئۆزىدىن كېيىنكى پۈتۈن مۆئمىنلەرگە ئۈلگە ئورنىدا سۇنۇلغان ئاجايىپ ئىسىل ئوبراز بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى ئۈلگە كۆرسىتىپ: «ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدا سىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئۈلگە بار»  (سۈرە مۇمتەھىنە 4- ئايەت) دېگەن ئىدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دېيىلگەن ھەر قانداق چاغدا، ئىنساننىڭ ئەقلىگە تەۋھىد ئەقىدىسى كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەۋھىد ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى كېلىدۇ. چۇنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېتىقادى ئۈچۈن يانار تاغدەك ئاتەشكە ئېتىلىشقىمۇ كۆكرەك كىرگەن ئىدى. ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە بەندىچىلىكنىڭ زادى قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. ئىنسانغا قۇللۇق قىلىشنى رەت قىلىپ، ھەق، ھەقىقەت، ئادالەت، دۇرۇستلۇق ۋە ھەقىقىي ئەركىنلىك يۈرىشىدىن قەتئىي چېكىنمىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دېيىلگەن ھەر قانداق چاغدا، ئىنساننىڭ ئەقلىگە بىرلىك ۋە ئۈممەت كېلىدۇ. ئۇ بىرلا پەرزەنتى بىلەن بىر پۈتۈن ئۈممەتنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۆزىدىن كېيىنكى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە پۈتۈن مۆئمىنلەرنىڭ ئاتىسى بولۇش شەرىپىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن ھەر بىر پەيغەمبەر ئۇنىڭ دۇئاسىدا ئۇرۇن ئالغان ئىدى. يەنە شۇنىڭدەك ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دېيىلگەن ھەر قانداق چاغدا، ئۇنىڭ تەسلىمىيىتى  (يەنى ئۆزىنى ئاتىۋېتىشى) ۋە سادىقىتى ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى ئىسمائىل بىلەن ئىنتايىن ئېغىر بىر ئىمتىھاننى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. بۇ ئىمتىھاندا پۈتۈن بارلىقىنى ئاللاھقا ئاتاشتەك ئېگىلمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامنىڭ سىمۋولى ۋە ئالامىتى ھېسابلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە ئەمەللىرىمىزدە ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ ئىزنالىرى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇ كەبىنى ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن ياسىغان ۋە ھەر تۈرلۈك ھېكمەتلەرگە تولغان ھەج ئىبادىتىنى ئىنسانىيەتكە ئۆگەتكەن ھەمدە ئاللاھقا يېقىنلىقنىڭ ۋەسىلىسى بولغان قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىزگە نىسبەتەن چوڭ بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈممەتكە رەھبەرلىك قىلىش، تەۋھىد يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرىشى، ھېجرىتى، ئۇنىڭ سەۋرچانلىق ۋە تەمكىنلىكى، شۈكۈرچانلىقى ۋە مەرتلىكى بىزگە نىسبەتەن كاتتا ئۈلگىدۇر. ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە ئۇرۇن ئالغان  ۋە ھەر بىرسى بەندىچىلىك ئېڭىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان دۇئالىرىمۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسلامنىڭ ئېزىدىن ماڭغان ئىدى. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش تەۋھىد ئېڭىغا ئىگە بولۇش، بىرلىك چۈشەنچىسىگە ۋە بەنچىلىك ئېڭىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ساداقەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر. قۇرئاندىن ئىلھام ئالغان ھالدا ياشلارغا ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشىمىز لازىم.

خۇتبىمىزنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كېرىمدە بىزگە ئۆگەتكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.

ئى رەببىمىز! بىزنى ۋە كەلگۈسى نەسلىمىزنى ساڭا ئىتائەت قىلدىغانلاردىن قىلغىن!

ئى رەببىمىز! پەقەتلا ساڭا تايىنىمىز، ساڭىلا ئىلتىجا قىلىمىز، قايتىدىغان يېرىمىز پەقەتلا سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. بىزلەرنى كاپىرلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراتمىغىن!

ئى رەببىمىز! مېنى ۋە نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنى ناماز ئۆتەيدىغانلاردىن قىلغىن! دۇئالىرىمنى قوبۇل قىلغىن، ھېساب كۈنى مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلغىن! ئامىن!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر