ھەربىي-سىياسىي ئىسيان كەينىدىكى فەتھۇللاھچىلار ۋە دائېش

دائېش بىلەن 15-ئىيۇل كېچىدىكى ھەربى-سىياسىي ئىسيان كەينىدىكى فەتھۇللاھچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار....

544740
ھەربىي-سىياسىي ئىسيان كەينىدىكى فەتھۇللاھچىلار ۋە دائېش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:ئالدىمنقى پىروگراممىمىزدا فەتھۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتىنىڭ ياكى ھەرىكىتىنىڭ «زامانىۋى ئىسلام»لايىھەسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ تۈركىيە ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا تەكىتلىمەي ياكى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەي كېلىۋاتقان، بىراق غەرب دۇنياسىدا ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پىرىنسپلىرى ۋە تەرغىباتلىرى بار ئىدى. ئۇلار رادىكال-ئاشقۇن، ئەسەبىي «ئىسلام»غا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ھەر پۇرسەت ۋە ھەر يەردە تەكىتلەپ كېلىشتى.

دۇنيادىكى ھېچقانداق ئىسلامىي ئېقىم، ھەرىكەت، جامائەت، تەشكىلات بىلەن ئىدىيە ۋە پىكىر بىرلىكى ئىچدە ئەمەسلىكلىرىنى تىنىمسىز كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتى.  ھېچقانداق ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، قوراللىق كۈرەشكە ئىجابىي قارىمايدىغانلىقلىرىنى جار سېلىشتى.

ئىسرائىلىيەنى ياقلاپ، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئىسلامنى زەھەرلەۋاتىدۇ»دېيىش ئارقىلىق رەت قىلىشتى.

ھەر قانداق قوراللىق ھەرىكەتتىن، ھەتتا  ھەر قانداق ھەرىكەتتىن(تاكى 15-ئىيۇل كېچىگىچە ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى مۇستەسنالار سىرتىدا) يىراق تۇرۇشتى.

غەربچە ۋە زامانىۋى مائارىپنى، ھەر قانداق غەلبىنى ئىلاھلاشتۇردى. «دىنلار ئارا دىئالوگ»نى ياقىلاپ پۈتكۈل دىنلارغا چەكسىز ئىلتىپات قىلىشنى توغرا تېپىشتى، پاپانى مۇقەددەسلەشتۈردى، ھەتتا ئەزاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنىمۇ چىقىرىشتىن يالتايمىدى.

ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنى ئازراقمۇ تەنقىدلەپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەلىرى، قىلمىشلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ھەم ئەگەشكۈچىلىرى ھەمدە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى سوئاللارنى سورىشى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئىدى. فەتھۇللاھ گۈلەن بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتە قىلچىمۇ قىينلىپ ئولتۇرمىدى.

بۇ ھەرىكەت ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئۆزىنىڭ باتىل قاراشلىرىنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن خالىغانچە پايدىلاندى. ئايەت ۋە ھەدىسلەر تاپالمىغاندا فەتھۇللاھ گۈلەننى بەزىدە ئەۋلىيا، بەزىدە مەھدى، بەزىدە پەيغەمبەر، ھەتتا تەڭرى ئورنىغا كۆتۈرۈپ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشتى. بۇ ھەرىكەت ئىسلامدىن ۋە ئىسلامىي جامائەتتىن تولىمۇ يىراق ئىدى، بۇ ھەرىكەتنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، چەك-چېگرالىرى، نىزاملىرى فەتھۇللاھ گۈلەن تەرىپىدىن بېكىتلگەن بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پەرقلىق بىر «دىن» شەكىللەندۈرگەنىدى.

بۇ يېڭى «دىن» قىيىن-قىستاقنى، قاقتى-سوقتىلىقنى، زۇلۇمنى، ئايرىمچىلىقنى، ئوغرىلىقنى، زىنانى، ھاراق ئىچىشنى، يالغانچىلىقنى، بۆھتاننى، تۇزاقنى، پۈتكۈل غەيرى ئىنسانى ۋە غەيرى ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن مۇباھ كۆرەتتى. ئەگەر «خىزمەت» نامىغا، «جامائەت»نامىغا قىلىنىسا، پۈتكۈل بۇ ئەخلاقسىزلىقلار قىلغۇچىغا «ساۋاب» بولاتتى، جەننەت ئۇنىڭ ئۈچۈن كاپالەتلىك بولاتتى.

تەشكىلاتنىڭ ئاستىدىكىلەر تەشكىلات كاتتىبېشىدىن كەلگەن ھەر قانداق يوليۇرۇق ۋە بۇيرۇقلارنى شەرتسىز ئورۇندايتتى، ئۇلار ئىمتىھان سوئاللارنى ئوغرىلىغاندا، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەندە، ئىئانە ۋە سەدىقە-زاكاتلارنى باشقا تائىپىلەر ئۈچۈن ئىشلەتكەندە، باشقىلارنىڭ شەخسىي ھۇجرىلىرىنى كۆزەتكەندە، مەھرەم ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندا، بۆھتان ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلغاندا، جىنايەتلەرنى سادىر قىلغاندا، ئايروپىلان، تانكىلار ۋە مىلتىقلار بىلەن قەتلىئام ئېلىپ بارغاندا يەنىلا «چوڭ ساۋاب»ئىشلىگەنلىكلىرىگە ئىشىنەتتى.

فەتھۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتى بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى 11-سېنتەبىر ھۇجۇمى ۋە  ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەل قائىد بىلەن دائېشقا قارشى تۇرۇشقا، ھەتتا بۇلارنىڭ پان زەھىرى (زەھەر قايتۇرغۇچى) ئىكەنلىكىرىنى تەكىتلەشتى.

فەتھۇللاھ گۈلەن دائېشقا قارشى تۇرۇشنىڭ غەربتە بازار تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە ئۆزلىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتى.

ئۇنداقتا، ھەقىقەتەن فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى دائېشقا قارشىمۇ، پان زەھىرىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس...

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش، دائېشمۇ زامانىۋى بىر تەشكىلاتتۇر. گويا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش، دائېشمۇ زامانىۋى ۋاستىلارنى، زامانىۋى ئۇسۇللارنى ۋە زامانىۋى تىلنى ئىشلىتەتتى.

فەتھۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتى ئايەت ۋە ھەدسىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرغان ۋە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن، تەشكىلات كاتتىباشلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرگەن ۋە يېڭى بىر «دىن»تەرغىپ قىلغان بولسا، دائېشمۇ ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنى بۇرمىلاپ، كاتتىباشلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۇپ، دىن نامىغا ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشتىن يالتايمايتتى.

فەتھۇللاھ گۈلەن ئوغرىلىقتىن زىناغىچە، بۆھتاندىن زۇلۇمغىچە بولغان ھەر قانداق غەيرى دىنى، غەيرى ئەخلاقىي، غەيرى ئىنسانىي قىلمىشلارنى يوللۇق قىلغان، ھەتتا بۇلارنى جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋاستىسىدەك كۆرسەتكەن بولسا، دائېشمۇ جىنايەتنى، قەتلىئامنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنى ۋە تېررورىزىمنى يوللۇق قىلماقتا، مۇقەددەسلەشتۈرمەكتە، شۇنداقلا بۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى جەننەتكە كىرىش بىلەن ئالدىماقتا.

بۇ زامانىۋى ۋە باتىل تەشكىلاتلاردا كاتتىباشلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىنىدۇ، بۇيرۇقلىرى شەرتسىز ئورۇندىلىدۇ. تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى ئەگەشكۈچىلىرى ئۈستىدە مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئىگە. فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى بىلەن دائېشنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: بۇ تەشكىلاتلار پەقەتلا مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارغا زىيان سالىدۇ، مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق باھانىلەرنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا تېپىپ چىقىدۇ.

مودا ۋە زامانىۋى ئۇقۇملار بىلەن ئېيتساق: دائېش غەربلىك «ئۈستۈن ئەقىل» (hard power) قاتتىق كۈچىگە خىزمەت قىلغان ببولسا، فەتھۇللاھ گۈلەنمۇ ئوخشاش ئۈستۈن (soft power)يۇمشاق كۈچكە خىزمەت قىلىدۇ.

قىسقىسى، نە فەتھۇللاھ گۈلەن دائېشنىڭ پان زەھىرى ئەمەس، نە دائېش ئاشقۇن ۋە ئەسەبىي تەشكىلات ئەمەس. فەتھۇللاھ گۈلەن بىلەن دائېش بىر-بىرلىرىنىڭ زىتىدەك كۆرۈنسىمۇ، دەل ئەكسىچە بىر-بىرلىرىنى تاماملايدىغان، بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى بولغان، زامانىۋى، باتىل، غەيرى ئىسلامىي تەشكىلاتلاردۇر.

غەربكە نىىسبەتەن مەسىلە شۇ بولۇپ قالدى: دائېشمۇ غەربمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدا پاش بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر