بەزى چەت ئەل مېدىيالىرى نېمە ئۈچۈن ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى قوللايدۇ؟

بەزى چەت ئەل مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى قوللىشى

541866
بەزى چەت ئەل مېدىيالىرى نېمە ئۈچۈن ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى قوللايدۇ؟

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن 15-ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىغا، بەزى چەت ئەل مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇراتتى.

ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن زوراۋنلىق ۋەقەلىرىنى توختىماي خەۋەر قىلغان بۇ مېديالار بۇ قېتىم «ھەربىي-سىياسىي ئىسيان»ئىبارىسىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتى. بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، ھەربىي-سىياسىي ئىسيان بېسىقتۇرۇلغاندا بولسا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالدىن «ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى. بۇ مېدىيا ئورگانلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، ساقچى ئىدارىسى بومباردىمان قىلىنغان، ھەتتا خەلق تانكىلار تەرىپىدىن ئېزىلگەن تۇرۇپمۇ يەنىلا مۇشۇنداق قىلدى. بۇ مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى مۇشۇ تەرىقىدە ئېلان قىلىشى بىزنى ھەقىقەتەن ئويغا چۆمدۈرۈپ ئەندىشىگە سالدى.

مىللەت كوچىغا چىقىپ ھەربىي-سىياسىي ئىسياننى بېسىقتۇردى.

ھەربىي كىيىم كىيىۋالغان تېررورچىلارنىڭ ۋەھشىيانە كۆرۈنۈشلىرى، گويا تۈركىيە خەلقى ئۇرۇشقا كىرگەندەك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. تانكىلار ئالدىدا ئۆزىنى قالقان قىلغان ياشلار گويا بىر-بىرىنى قەتلى قىلىۋاتقاندەك خەۋەر قىلىندى.

گويا «ئەسكەر»گە ئوخشاش كۆرسىتىلگەن ھەربىيچە كىيىم كىيىۋالغان تېررورچىلار خەلقنى بومباردىمان قىلماي، دېموكراتىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقاندەك تارقىتىلدى.

دۆلەت بىلەن مىللەت مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان خائىنلارغا زەربە بەردى.

خەلق بەزى جايلارنى ئىگىلىۋالغان تېررورچىلارنى مۈشۈك چاشقاننى قوغلىغاندەك تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتتى. دۆلەت بۇ خائىنلارنى كىرىلىۋالغان تۆشۈكىدىن تېپىپ چىقتى.

بىر كېچىنى تانكا، ئايروپىلان، بومبا ئاۋازلىرى ئاستىدا تۇرۇپمۇ تاڭ سەھەرگە چىقارغان، جامەلەردىن كۆتۈرۈلگەن ئەزان ئاۋازلىرى بىلەن زۇلمەتلىك كېچىنى يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرگەن، «يا بىرلىكتە تىرىلىمىز ياكى بىرلىكتە ئۆلىمىز»دېگەن تۈرك مىللىتىگە كۈچىڭلار قانداق يېتىدۇ؟

ئى ئۆزلىرىنى مېديا، قىلغان ئىشلىرىنى خەۋەر دەپ ئويلىۋالغۇچىلار! بۇ جەھەتتە ئېغىر خاتالاشتىڭلار. بىز بۇ قىيىن ئەھۋالدىن تېخىمۇ كۈچىيىپ چىقىمىز. دوستىمىزنى دۈشمىنىمىزگە قارىغاندە بەكرەك تونۇيمىز ۋە بىر-بىرىمىز بىلەن تېخىمۇ ھەم نەپەس بولىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئەبەدىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، سىلەر بولساڭلار ھازىر قىلغىنىڭلاردەك، تىك ياردىن تۆۋەنگە غۇلاپ چۈشۈشكەندە ۋاقىرغان ئاۋازىڭلار بىلەن ئەسكە ئېلىنىسىلەر، خالاس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر