بۇ پۈتۈن مىللەت بىر بولىدىغان ۋە كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىدىغان كۈندۈر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (30)

540552
بۇ پۈتۈن مىللەت بىر بولىدىغان ۋە كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىدىغان كۈندۈر

بۇ پۈتۈن مىللەت بىر بولىدىغان ۋە كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىدىغان كۈندۈر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (30)

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «كۆڭلىڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بوشاشماڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم ئۈستۈنلىك قازىنىسىلەر.» دەيدۇ. (سۈرە ئەل ئىمران 139 - ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «مۆئمىنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەقىقتەن ھەيران قالارلىق، ھەممىلا ئەھۋالى ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. بۇ ئەھۋال پەقەتلا مۆئمىنلەرگە خاستۇر. سۆيىنىغان بىر ئەھۋالغا يولۇقسا شۈكرى قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىك بولىدۇ. ئەگەر قىيىن ئەھۋالغا يولۇقسا سەۋىر قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىك بولىدۇ» دەيدۇ. (مۇسلىم)

ئەزىز قېرىنداشلار!

بىشىمىزدىن ئۆتىۋاتقان قىيىن كۈنلەردە چەكسىز رەھمىتى بىلەن خەلقىمىزنى چوڭ بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلىغان ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ – سانالار بولسۇن.

بۇ جەرياندا شېھىتلىك نەسىپ بولغان قىرىنداشلىرىمىزغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت - مەغپىرەت، دوست - يارەنلىرىگە ۋە خەلقىمىزگە سەبىر ۋە چىدامچانلىق تىلەيمىز. يارىلانغان قىرىنداشلىرىمىزغا شىپا بىرىشىنى ئۇلۇغ رەببىمىزدىن ئۆتىنىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!

15 - ئىيۇل كىچىسى تارىخىمىزنىڭ ئەڭ قېيىن، ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ قاراڭغۇ كىچىسىنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇلۇغ ئاللاھ خەلقىمىزگە ئىتتىپاقلىقنى نەسىپ قىلدى ۋە خەلقىمىز ئامانەتكە ساھىپ چىقتى. ھىچ شۈبھىسىزكى، مىللىتىمىزنىڭ قېنىدىكى بۇ بىرلىك - ئىتتىپاقلىق ۋە قىرىنداشلىق روھى ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك نىمەتلىرىدىن بىرىسىدۇر. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى! بۇ بۈيۈك نىمەت سايىسىدە گۆرۈگە چۈشۈپ قېلىشتىن ۋە زۇلمەتكە چۆكۈشتىن قۇتۇلۇپ قالدۇق.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ ئاچچىق ساۋاق بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، ھىچقانداق بىر كۈچ ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان يۈرەكلەردىن كۈچلۈك ئەمەس. بۇ خائىن ئىسيانچىلار بىزگە شۇنى ئۈگەتتىكى، شەرەپلىك خەلقمىزنى چۈشكۈنلەشتۇرۈشكە، ئىتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار زەزىللىككە ۋە پەسكەشلىكتە مەھكۈم بولىدۇ. كىم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ناھەقچىلىققا ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ ۋە مۇساپىرلارنىڭ يېنىدا بولىدىكەن، جانابى ئاللاھنىڭ قۇدرەت - رەھمەت ۋە ئىلتىپاتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇ تۇپراقلار ئەسىرلەردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى بولۇپ كەلدى. بۇ خەلق شېھىتلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.  بۇ ئەزەنلار، بۇ جۈمەلەر ئسلامنىڭ سېمۋولىدۇر. بۇ دىننىڭ بىر تال ھەرىپىمۇ ئۆزگەرتىلمىگەن بىر كىتابى باردۇر. بۇ دىننىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىلىك بىر پەيغەمبىرى  ۋە 14 ئەسرلىك مول تەجرىبە - ساۋاقلىرى باردۇر. ۋىجدانىمىزنى بىر كىشى ياكى گۇرۇپنىڭ مونوپوللىقىغا ئەسىر قىلالمايمىز. دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن دىنىمىزدىن تاناممايمىز. دىنىمىزنى ۋاستە قىلىپ مال - دۇنيا قولغا كەلتۈرۈشكە پىتىنغانلارغا بولسا قەتئىي تۈردە قارشى چىقىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!

كىلىڭلار! بۇ جۈمە كۈنىدە، بۇ مۇبارەك ۋاقىتلاردا ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ رەببىمىزگە يالۋۇرايلى!

ئاللاھىم!

ئىززىتىڭنى قوغداش ئۈچۈن تانكىلارغا كۆكرەك كېرگەن بۇ مىللەتنى زاۋاللىققا پاتۇرمىغىن!

ئەسىرلەردىن بۇيان مەزلۇملارنىڭ ئىشەنچ - ئۈمىدى بولغان، ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغانلارنىڭ يېنىدا بولغان ۋە مۇساپىرلاغا  قۇچاق ئاچقان بۇ مىللەتنىڭ ئۈستىدىن رەھمەت ۋە نۇسرىتىڭنى ئايىمىغىن!

ئۈمۈدلىرىمىزنى ۋە خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزۇشقا پىتىنغانلارغا، تۇپرىقىمىزغا پىتنى - ئىغۋا ئۇرۇقلىرىنى تىرىشماقچى بولغانلارغا يول قويمغىن!

دىنىمزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان ئىچىمىزدىكى ۋە تىشىمىزدىكى دۈشمەنلەردىن بىزنى خالاس قىلغىن!

بىز ساڭا تاياندۇق، ساڭا ئىشەندۇق، كۈچىمىزنى ساڭا كەلتۈرگەن ئىمانىمزدىن ئالدۇق، نابۇت بولىشىمىزغا ۋە چىچىلىپ كىتىشىمىزگە يول قويمىغىن!

زالىملار زۇلۇم قىلىۋەرسىمۇ، بىرنى ئادالەت ۋە مەرھەمەتتىن ئايرىمىغىن!

يامانلار يامانلىق قىلىۋەرسىمۇ، بىرنى ياخشىلىقتىن ئايىرىمىغىن!

ئىنتىقام تۇيغۇسىغا بىرىلىپ، ئادالەتتىن ئاداشقان، ئاچچىقىغا يىڭىلىپ ھەقىقەتتىن ئۇزاقلاشقان، مەغرۇرلىنىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان قۇللىرىڭدىن بولۇپ قىلىشتىن ساڭا سىغىنىپ پاناھلىق تېلەيمىز.

سەن مىللىتىمىزنىڭ بۇ شانلىق كۆرىشنى بىر ئادالەت ۋە ھەقىقەت كۆرىشىدەك مۇزەپپەر قىلغىن!

ئامىن...

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر