ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ كەيندىكى گۈلەن ۋە مۆتىدىل ئىسلام -2

15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ كەيندىكى فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇ تەشۋىق قىلغان مۆتىدىل ئىسلام ھەققىدە

539490
ھەربىي-سىياسىي ئىسياننىڭ كەيندىكى گۈلەن  ۋە مۆتىدىل ئىسلام -2

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئىسلام دۇنيا مىقياسىدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسى سۈپىتىدە قىزىق نۇقتىلاردىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. دەرۋەقە، 21-ئەسىرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەلىك خەرىىتىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىسلامنىڭ ئوينايدىغان رولى غەربنىڭ يامان چۈشى بولغان بولسا، مۇسۇلمانلارغا ئۈمىد بېغىشلايتتى.

ئىسلامغا قارشى سەپتىن ئورۇن ئالغۇچىلار، ئىسلامنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تارىخ سەھنىسىگە قايتىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولۇش غەرىزىدە نۇرغۇن لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇشتى. رادىكال، جىھادچى ئىسلامدىن سېكۇلار (دىندىن خالىيلىق ۋە دەھرىيلىك)، پىروتېستان ۋە مودېرىن (زامانىۋى) ئىسلامغىچە بولغان بىر-بىرىگە زىت لايىھەلەر، بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ لايىھەلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى دىنغا قارشى دىن سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىدى. يەنى ئۇلار بۇ دۇنياغا ئىسلام لازىم بولىدىغان بولسا، پەقەت بىزلا ئۇنى بەلگىلەپ بېرىمىز، دېمەكچى ئىدى.

غەرب ئىسلامنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈشنى خالىسىمۇ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ بولسىمۇ ئىسلامنى غەربچە تەرىقىدە چۈشەندۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىدى. غەرب يېڭى دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلغاندا بۇنىڭغا قارشى چىقمايدىغان، ماسلىشىپ بېرەلەيدىغان، مۇسۇلمانلارنى چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە سالاھىيتىىگە رازى قىلالايدىغان قۇرۇلما ۋە ھەرىكەتلەرگە ئېھتىياجى بار ئىدى.

غەرب بىلەن ئامېرىكا بۇلارنى ئۆز قولى بىلەن قىلسا بولمايتتى، شۇڭلاشقا مۇسۇلمان دۇنياسىدىن بۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر شەخس ۋە جامائەتلەرنى تېپىشى كېرەك ئىدى. مۇسۇلمان دۇنياسىدا تەشۋىق قىلىنىشقا ۋە دەسسىتىلىشكە تېگىشىلىك ئىسلام مودېلى  بولسا غەرب ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۆتىدىل ئىسلام لايىھەسى ئىدى. مۆتىدىل ئىسلام لايىھەسى قانداقتۇر بىر قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك ، قۇرئان كەرىم تەكىتلىگەندەك ئوتتۇرا يول مەنىسىدىكى ئىسلام ئەمەس ئىدى.

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن رادىكال (ئاشقۇن) ئسىلامىي ھەرىكەتلەردىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقىمسىزلىق ۋە سىياسىي كىرىزسلارنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە، بىخەتەرلىك جەھەتتىىكى ئاجىزلىقلارغا ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا چۈشەنچە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مودېرنىست (زامانىۋىيلىق تۈسى) ۋە پىروتېستان (خىرىستىيانلىقنىڭ بىر مەزھىپى) ئىسلام ئېقىمىدۇر.

مۇسۇلمان دۇنياسىدا بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشقانلار چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىر دائىرەىسى ۋە نوپۇزى ئەڭ كۈچلۈك، سىستېمىلىق ۋە رەھبىرىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىش پىرىنسىپى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان «فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى» بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى ياكى مۇۋاپىق كۆرۈلدى. دەسلەپ گۈلەن قاتارلىق بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كانايچىلىرى ئەگەشكۈچىلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى، تۇمانلىق ھاۋادا بۆرىلەرنىڭ دىققىتىنى قويلارغا تارتماستىن ئالغا ئىلگىرىگىلى ۋە قۇدرەت تاپقىلى بولىدىغانلىقىغا قايىل قىلدى.  

گۈلەننىڭ مۆتىدىل ئىسلام قاراشلىرى ھىندونېزىيەدىن ماراكەشكىچە بولغان نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. مەسىلەن، ھىندونېزىيەدە يەرلىك تىلغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار ئىچىدە گۈلەننىڭ كىتابى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپلىرىدە گۈلەن تەتقىقات مەركىزىي قۇرۇلۇشقا باشلىدى.

15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن فىقىھى ئالىمى بولغان پىروفېسسور دوكتور فارۇق بەشەر «قايسىمىز ئالدانمىدۇق؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، «فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى» دىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلامنىڭ 150 يىللىق ئويغىنىش دەۋرىدە ئىككى چوڭ ھەرىكەت مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىرى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»، يەنە بىرى «گۈلەن ھەرىكىتى» ئىكەن.

فارۇق ئۇستازغا ئوخشاش  مۇسۇلمان دۇنياسىدا مۇشۇنداق ئويلايدىغان نۇرغۇن ئالىم، يازغۇچى ۋە سىياسەتچى بارلىقى مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان دۇنياسىدىمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە سەۋەب بولدى.

فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتى مەقسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەتئىي ۋاستە تاللىمايتتى. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەرىكەتكە باغلىق كىشىلەر ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئوغرىلاپ ئەگەشكۈچىلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن، باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىقىچە سوقۇنۇپ كىرىپ ئۇلارنى ئوغرىلىقچە تىڭشىغان، باشقىلارنىڭ ئەڭ مەھرەم ئىشلىرىنى ئوغرىلىقچە لېنتىغا ئېلىپ، ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلغان. ئىسلامغا خىزمەت قىلىش نامىغا ياغلىق ئارتىدىغان خانىم-قىزلارغا بېشىنى ئېچىشقا پەتىۋا بەرگەن. دىن نامىغا دىننىڭ قائىدە-پىرىنسپىلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلغان.

گۈلەن تەرىپىدىن ئارمىيە سېپىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسكەرلەر چوڭلىرىدىن ئالغان بۇيرۇق بويىچە تاھارەت ئېلىپ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. تاھارەتلىك ئىسيانچىلار تۈركىيەنىڭ تاھارەتلىك جۇمھۇر رەئىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە بومبا ئاتتى، پۇقرالارنى قەتلى قىلدى.

بۇ قىملىشلارنى مۆتىدىل ئىسلامنى كۆككە كۆتۈرۈپ چىققان بىر ھەرىكەتنىڭ ئەگەشكۈچلىرى سادىر قىلىشتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئىيساننىڭ ماكرو پىلاندا پىلانلىغۇچىلىرى بۇلار بولمىسىمۇ، مىكرو جەھەتتىن پىلانلىغان ۋە ئىشقا ئاشۇرغان دەل مۇشۇلار ئىدى.  

فەتھۇللاھ گۈلەن ن«ىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلدۇرغان ماقالىسىدە مۆتىدىل ئىسلام لايىھەسىنىمۇ پاش قىلدى.  ماقالىسدە، ئامېرىكىغا ئۆزىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتقان گۈلەن، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنڭ غەرب ئەللىرىنىڭ خىزمىتىدە ئىكەنلىكىنى «غەربنىڭ مۆتىدىل مۇسۇلمانلارغا ئېھتىياجى بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر