ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ مەنىسى ۋە ھېكمەتلىرى

ئىبادەت ساۋاپ بولغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش كۆزلەنگەن ئاڭلىق ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدىغان ھادىسە ۋە ئاڭدۇر.

529897
ئىسلامدا ئىبادەتنىڭ مەنىسى ۋە ھېكمەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىبادەت ئۇلۇغ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ يىغىندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىبادەت ساۋاپ بولغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش كۆزلەنگەن ئاڭلىق ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدىغان ھادىسە ۋە ئاڭدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەندىنىڭ ئۆز ھالىنى بىۋاستە ئاللاھقا بىلدۈرەلەيدىغان ۋاستە. بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىبادەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىر ئەمەلنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇشى، ئىبادەت نىيىتى بىلەن قىلىنىشى، قىلغان كىشى مۆئمىن ۋە ئىخلاسى بولۇشى كېرەك. ئىمان ئىبادەت بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەكس ئېتىدۇ ۋە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىسىنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتنىڭ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان[2]. شۇڭلاشقا، ئىبادەت - بەندىنىڭ نەپسىدىكى ئارزۇلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى ۋە ئۇ تەلەپ قىلغان شەكىلدە ياشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەت – ئىگە بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ يولى ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئاندا ئىبادەت ئۇقۇمى، ئىسلامنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشنى، ئەمىر – مەرۇپ ۋە چەكلىگەنلىرىگە رىئايە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ رامكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبادەت ئاللاھقا بولغان ئىتائەتنىڭ ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھاياتتىكى بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبادەتكە تار مەنىدىن قارىغاندا، مەجبۇرىيەتلىرى ئىچىدىن سىستېمىلىق ھالدا ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىبادەتلەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئىسلام چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ھەر بەندىنىڭ كاللىسىدا، بولمىدى دېگەندە، پەرز نۇقتىسىدا ئىبادەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئىسلام بەش پەرز ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇلار، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ شاھادەت كەلتۈرۈش؛ ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە روزا تۇتۇش» دېگەن ۋە ئىبادەتتە ئەڭ باشتا تۇرىدىغان پەرزلەرنى رەتكە تىزغان. ئۆزىدىن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سورىغانلارغا ھەردائىم پەرز ئىبادەتلەرنى ساناپ، ئىسلام ۋە ئىماننى ئاساسلىق پەرز ئىبادەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن. «جىبىرائىل ھەدىسى» دەپ بىلىنىدىغان داڭلىق ھەدىستىمۇ بۇ مەسىلە ئوخشاش ئىزاھلىنىدۇ[3]. بۇنىڭدىن قارىغاندا، پەرز ئىبادەتلەرنىڭ مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دىننىڭ ئەمىر – مەرۇپلىرىنى ئادا قىلىش ۋەزىپىسى بولغان مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھەر بىر تىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ، كۈندىلىك، ھەپتىلىك، يىللىق ۋە ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلىدىغان تۈرلىرى بار. بەش ۋاقىت ناماز، كۈندىلىك ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. جۈمە نامىزى ھەپتىدە بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ. روزا، زاكات، ھېيت نامازلىرى ۋە قۇربان ھېيتتا قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھەر يىلى بېجا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىبادەتلەردۇر. ھەج بولسا، كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ سىرتىدا، مۇئەييەن ۋاقىتقا باغلانمىغان ھالدا ئوقۇلىدىغان مېيىت نامىزى، ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقلار، نەپلە ناماز، سەدىقە، دۇئا ۋە زىكىر قاتارلىق ئىبادەتلەرمۇ بار بولۇپ، ئۆزىگە خاس شەرتلەرگە ئىگە.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر مەسىلىدىكىگە ئوخشاش، ئىبادەت ۋە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشتىمۇ ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ھەدىسلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا سۈننەت ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ:

«‹ئاللاھ تائالا، قۇلۇم ماڭا پەرز قىلغانلىرىمدىن تېخىمۇ ياخشى نەرسە بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ. نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۇنى ياخشى كۆرگەنچە ئۇنىڭ ئىشىتىدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. مەندىن تىلىگىنىنى ئۇنىڭغا بېرىمەن، پاناھلىق تىلىگەندە ئۇنى قوغدايمەن، دەيدۇ[4]›» دېگەن. بۇ ھەدىس نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىبادەتنىڭ ئاز بولسىمۇ، داۋام قىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئاللاھقا بولغان قۇللۇق ئېڭىنىڭ ھەردائىم جانلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پەندى – نەسىھەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھاياتنىڭ ھەر بىر ساھەسىگە ئالاقىدار ياخشى ئىشلارنىڭ ئىبادەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ياردەم تەلەپ قىلغانغا ياردەم قىلىش، سالام بېرىش، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش، خۇشپېئىل بولۇش، كىشىگە يول كۆرسىتىش، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش، بىر توساقنى يولدىن ئېلىۋېتىش، ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەش، ئاتا- ئانىلىرىغا ياخشىلىق قىلىش، يېتىمنىڭ بېشىنى سىيلاش قاتارلىق ياخشى ئىش- ھەرىكەتلەرمۇ ئىبادەت دەپ قارىلىدۇ.

ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشنىڭ ئىپادىلىنىشى بولغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى – ئېھسان قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېھسان، ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر. سەن كۆرەلمىسەڭمۇ، ئۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ[5]» دەيدۇ. بۇ ئاڭغا ئىگە بولغان مۇسۇلمان كىشى، باسقان ھەر بىر قەدىمىنى، قىلغان ھەر بىر ئىشىنى، نىيەت قىلغان ھەر بىر ئىبادىتىنى «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن ئادا قىلىدۇ. بۇ ئاڭ سايىسىدە، ئادەتلەر ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئىبادەتلەر ئاللاھنىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئىبادەتلەردە بەزى ھېكمەتلەر، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پايدىلىق ئىشلار بار. ئىبادەتلەر بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق ۋە گۇناھلاردىن قوغدايدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلدۈرىدۇ. ماددىي ئارزۇ – ھەۋەسلەرگە بېرىلىشتىن قۇتقۇزىدۇ ۋە روھىي جەھەتتىن يۈكسەك قىلىدۇ. كىشىنى ئىنتىزامچان قىلىپ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. ماسلىشىشچان، تۇراقلىق، تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ۋە خاتىرجەم ھاياتتا ياشىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ. جەمئىيەت ھاياتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئىبادەت سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان پايدىلىق تەرەپلەرگە ئىگە.     

 

[1] سۈرە زەرىيات 51 – سۈرە، 56 - ئايەت

[2] بۇخارى، جىھاد 46 – بەت، مۇسلىم، ئىمان 48 - بەت

[3] بۇخارى، ئىمان 37 - بەت

[4] بۇخارى، رىقاق 38 - بەت

[5] بۇخارى، تەپسىر لوقمان 31 - بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر