ھىجاز قۇرۇلتىيى

ھىجاز قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيى بولۇپ، 1992 – يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ داۋامى، يەنى ئىككىنچى قۇرۇلتاي ھېسابلىنىدۇ.

529178
ھىجاز قۇرۇلتىيى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كەشمىردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەشكىللىك ھالدا ھەرىكەت قىلىش ۋە مىللىي دەۋانى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تايىف شەھىرىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا 1954 – يىلى 30 – ئاۋغۇستتىن 6 – سېنتەبىرگىچە قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي تارىختا «ھىجاز قۇرۇلتىيى» دەپ نام ئالىدۇ.  

قۇرۇلتايدا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازدلىق كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل بولۇپ سايلىنىدۇ. قۇرۇلتايدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 250 كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن، تۆۋەندىكىدەك توققۇز تۈرلۈك قارار[1] ئېلىنىدۇ.

  1. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىجازدىكى بارلىق تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ۋە زالىم رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار بىلەن ھەرىكەت قىلىشى؛ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقلالىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشى؛ ئەگەر گومىنداڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقلالىنى تونۇمىغان تەقدىردە، بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ، دۇنياغا ئاڭلىتىشى؛ بۇ ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشقا مەجبۇر قىلىشى ئۈچۈن بىر ۋەكالەتنامە تەييارلىنىپ، ئىككى رەھبەرگە تەقدىم قىلىنىدۇ.
  2. بۇندىن كېيىن، ھېچقانداق تۈركىستانلىقنىڭ ھەرقانداق سەۋەب ۋە ھەرقانداق نام ئاستىدا تەيۋەندىكى گومىنداڭ بىلەن مەخپىي ۋە ئوچۇق – ئاشكارا ئالاقە قىلىشى ھەمدە ئۇلاردىن پۇل ياردەم ئېلىشى چەكلىنىدۇ.
  3. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىجازدىكى تۈركىستانلىقلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت ۋە دەۋالىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەيئەت تەشكىللىنىدۇ.
  4.   «تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسى ئىدارىسى ئۈچۈن تەييارلانغان نىزامنامنامە ۋە مەجمۇئە، تۈركچە، ئىنگلىزچە، پارسچە، ئۇردۇچە چىقىرىلىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەجمۇئەنىڭ تۈركچە نەشر ئىشلىرىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ.     
  5. ھەر قايسى جايلاردىكى تۈركىستانلىقلار «تۈركىستان ئاۋازى» ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  6. «تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسىنىڭ مۇخبىرلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدىن تاللىنىدۇ.
  7. «تۈركىستان ئاۋازى» مەجمۇئەسى تۈركىستانلىق ھاجىملارغا ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىدۇ.
  8. ھەر يىلى ھەجگە كەلگەن ھاجىملارغا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىستانلىق ھاجىملارغا قىلىۋاتقان ياخشىلىقلىرى ۋە ياردەملىرى ئاڭلىتىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىملارغا تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت – ئەھۋالى ئاڭلىتىلىپ، دەۋا پائالىيىتى كېڭەيتىلىدۇ ۋە كۈچەيتىلىدۇ.
  9. بۇرۇن قۇرۇلغان خەير فوندىنىڭ پائالىيىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

ھىجاز قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان قارارلارغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇلتاي مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق دەۋاسىنى جانلاندۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىشلارنى بېكىتىش، تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى ھەمكارلاشماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىش ياكى ئالماسلىق مەسىلىلىرىنى بەلگىلەش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھىجاز قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيى بولۇپ، 1992 – يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ داۋامى، يەنى ئىككىنچى قۇرۇلتاي ھېسابلىنىدۇ. ھىجاز قۇرۇلتىيىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىدۇر.

تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشنى رەت قىلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا چوڭ قۇرۇقلۇق كوممۇنىستلاردىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئەينى ۋاقىتتا، تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن. ھەم مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلار گومىنداڭ بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغاچقا، ئۇلار ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان ۋە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكەن.    

 

[1] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 100- بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر