ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بومباي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىردىكى پائالىيەتلىرى

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كەشمىر رايونىدا ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە كەشمىر چېگراسىدا توسۇلۇپ قالغان قازاقلارنى باشقا دۆلەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

527910
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بومباي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىردىكى پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1951 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدا ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە كەشمىر چېگراسىدا توسۇلۇپ قالغان قازاق قېرىنداشلارنى باشقا دۆلەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. پىروگراممىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈملىرىدە بايان قىلغىنىمىزدەك، كەشمىردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىدىغان دۆلەت ئىزدەش يولىدا، بىرىنچى تۈركۈمدە 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ياردەم قىلىشى ئاستىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا سېلىنغان ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىرىنچى تۈركۈمدىن ئېشىپ قالغان 62 ئۇيغۇر بىلەن، يەنە بومبايدىكى خەيرپەرۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ پاراخوت بىلەن يولغا چىقىدۇ.

پاراخوتتا، ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان 800 دىن ئارتۇق ھەجگە ماڭغان ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بار بولۇپ، سەپەر سەككىز كۈن داۋاملىشىدۇ[1].ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ چىراي – تۇرقى ۋە كىيىم – كېچەكلىرى پاراخوتتىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالىرىمۇ بار ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن پاراخوتتىكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تەقدىر – قىسمەتلەرنى ۋە رۇسىيەنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ئىزىلىۋاتقان غەربىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل تۈزگەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى ناملىق كىتابتا، پاراخوتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇيغۇرلار ۋە  سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم چۈشەندۈرۈلگەن ئەھۋاللار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىدىن ھامىت سىددىق ئىسىملىك بىر زات مەندىن: ‹سىلەر كىم؟ قەيەردىن كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. مەن: ‹مېنىڭ ئىسمىم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈرك - ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بولىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى بولىمىز، ھازىر كەشمىردىن  كەلدۇق› دېدىم. ئۇلار يەنە: ‹سىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن نېمە ئۈچۈن ئايرىلدىڭلار؟› دەپ سورىدى. مەن: «بىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949 – يىلى خىتاينىڭ قىزىل ئارمىيەسى ئىشغال قىلىشىغا ئۇچرىشى بىلەن، كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ دەۋاسىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ، كەشمىردە پاناھلاندۇق› دېدىم.»

پاراخوتتىكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى ۋە كوممۇنسىتلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بۇنىڭغا جاۋابەن، كوممۇنىزمنىڭ دىننى «ئەپيۇن» دەپ قارايدىغان، دىنسىزلىك ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق ئىدېئولوگىيە ۋە دىننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى باشقا ئىزىلگەن مۇسۇلمانلار، «ئىزىلگەن خەلقلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ ئىشىنىۋاتقان سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمنىڭ غەربىي تۈركىستاندا خەلققە قانداق ۋەھشىيلىكلەرنى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاقتىدا ئۇلارغا ئوخشاش كوممۇنىستلارنى «مەزلۇم ۋە مەھكۇم خەلقلەرنىڭ ھامىيسى» دەپ ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما غەربىي تۈركىستاندا يەتتە يىل تۇرۇش جەريانىدا، «جەننەت» دەپ ئاڭلىغان رۇسىيەنىڭ «دوزاخ» قا ئوخشايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئىرق، مىللەت ۋە مەدەنىيەت دەيدىغان ئورتاق مەنىۋىيەتلەرنى يوق قىلىپ، سوتسىيالىزم مەدەنىيەتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن باشقا مىللەتلەرنى ئەقىلگە كەلمەيدىغان زۇلۇم، ئىشكەنجىلەر بىلەن قىيناۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ رۇسىيەدە رۇس تىلى ۋە يېزىقىنىڭ مەجبۇرىي قىلىنىپ، تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىر قانچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ يوق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 62 ئۇيغۇر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا پائالىيىتىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇ 3 – 2 كىشىلىك ھەيئەت تەشكىللەپ، مەككە شەھىرىدىكى «ئۇممۇل كۇرا» ۋە «ئالبىلادىس سۇئۇدىيە» گېزىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىستان مەسىلىسىگە ئورۇن ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇ گېزىتلەرنىڭ ھەجگە ئاتاپ نەشر قىلغان مەخسۇس سانلىرىدا تۈركىستانلىقلار توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ھەج باشلانغاندا، مىنادا ۋە ئەرەفات تاغلىرىدا تومۇز ئىسسىققا قارىماي دەۋا قىلىشنى توختاتمايدۇ. ئۇ مىنادا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىستانلىقلارغا قىلغان ياخشىلىقىلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مىنادا ئۇيغۇر ۋە غەربىي تۈركىستانلىق ھاجىملارنى يىغىپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە قىلغان ۋە كېيىن قىلماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ. ئۇ مەقسەتلىرىنىڭ  كوممۇنىستلار ۋە كوممۇنىزمنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانداق چوڭ خەتەر ئىكەنلىكىدىن ئىسلام دۇنياسىنى خەۋەردار قىلىش؛ خىتاي ئاسارىتى ئاستىدا قالغان «شەرقىي تۈركىستان» بىلەن رۇسلارنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا قالغان «غەربىي تۈركىستان» ۋە باشقا تۈرك يۇرتلىرىنىڭ كوممۇنىزم زۇلمى، ھەمدە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا ئىقامەت بېرىلگەنلىكىگە؛ تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا؛ ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە ۋە ھەج بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مىسىرغا كەلگەندە، مىسىر خەلقى سۈۋەيش قانىلى سەۋەبىدىن ئەنگلىيەگە قارشى قوزغالغان، قاھىرە شەھىرى نامايىشلارغا تولغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەتتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياخشى پايدىلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى.

مىسىردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بۇ ۋەزىيەتتە رۇسلار ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ۋەزىيەت پەسەيگەندە ئاندىن پائالىيەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بولسا، بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىشنىڭ ۋە سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ: «پائالىيىتىمىزنى مۇشۇنداق زۆرۈر ۋاقىتلاردا باشلىشىمىز كېرەك. ۋەزىيەت ياخشى ۋاقىتتا ھەممە ئادەم ئىش قىلالايدۇ. رۇسلارغا ۋە خىتايغا قارشى ئادەمگە، ئۇلار توغرىسىدا يامانلاپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. بەلكى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمغا ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەرگە، رۇسلار بىلەن خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرسىنى كۆرستىپ بېرىش ۋەزىپىمىزدۇر. ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىتىم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتتىن ۋاز كەچمەيمەن» دەيدۇ.

ئۇ ھەر خىل پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرلەرگە ھەيئەت ئەۋەتىشنى؛ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيەگە نوتا تاپشۇرۇلۇشىنى؛ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشىنى، شۇنداقلا ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلار ئىچىدە قالغان تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مىسىر زىيارىتى جەريانىدا، مىڭدىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇر ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قەتئىيلىك بىلەن پائالىيەت قىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمىغان بىيۇكراتلار ۋە ئاخبارات خادىملىرى سوتسىيالىزم، كوممۇنىزم ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ھالغا ئۆزگىرىدۇ.

پىروگراممىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈمىدە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تۈركىيەدە دەۋا قىلغاندا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، قىلغان سۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن بىرمۇ كىشىنىڭ چىقىمغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدۇق. ئۇنداق بولسا، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلار بىلەن مىسىر مۇسۇلمانلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمنى ياخشى دەپ قارايدۇ؟

بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىغا، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىدىكى بىرىنچى سەۋەب، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ كىشىنى ئالدايدىغان، «ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش؛ ھەممە مىللەت ۋە خەلقلەر تەڭ باراۋەر ۋە ئەركىن؛ تەڭ ئىشلەپ، تەڭ چىشلەش؛ ھەممە مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قىلىش» دېگەندەك نەزەرىيەلىرىنىڭ تەسىرى ئىدى. ھەممە بىلگەندەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا سوتسىيالىزم قۇرۇلغاندا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەزەرىيەلەرنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشماستىن، رۇس بولمىغان باشقا  مىللەتلەر رۇس شوۋېنىزمىنىڭ ئېغىر باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. دىن «ئەپىيۇن» دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى چەتكە قېقىلىپ، ئورتاق سوتسىيالىزم مەدەنىيەتى بەرپا قىلىش تەكىتلەنگەن ئىدى. سابق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇستى دۈمكۆمتۈرۈلگەن قازان بولغاچقا، باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ ۋەزىيەتتىن بىخەۋەر ئىدى.

ئىككىنچىدىن، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىل بولغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پەيدا بولغان بۇ پۇرسەتتىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى پايدىلانغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى يوق دېگىلىمۇ بولمايتتى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن نەنجىڭدىكى ۋاقتىدا، تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان بولۇپ، تۈركىيەگە كەلگەندە بۇ كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئىككىنچىدىن، 1930 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بىرىنچى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن مۇھىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىدىكى پائالىيەتلەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ رولىمۇ چوڭ بولغان ئىدى.

ئۈچىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ ئىچكى  - تاشقى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىرتقى جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمنىڭ بېسىمى بار ئىدى. ئىچكى جەھەتتە، بۇ ۋاقىت، تۈركىيەدە سوتسىيالىزم، كوممىزمغا ئەگىشىدىغان سول ھەرىكەت كۆپىيىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ پائالىيەتلىرى بۇ ۋەزىيەتتە پايدىلىق ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا، تۈركىيەدە مەندەرەس ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ،  ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىللىيەتچى كىشىلەر ئىدى.

ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنچى سەۋەب بولسا، تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان قان - قېرىنداشلىق مۇھەببەت رىشتىسى كۈچلۈك ئىدى.

 

[1] دوچەنت دوكتور ئۆمەر قۇل: ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى 30 - بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر