مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى

نەپىسىنى يىڭىش، بىر خىل ئىچكى جەھەتتە ئۆزى توغرىسىدا قاتتىق ھېساب – كىتاب قىلىش بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

520017
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نەپىس – روھ ۋە ھايات دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ھاۋايى – ھەۋەس، بەدەننىڭ يامان ۋە ناچار ئارزۇلىرى دېگەندەك مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ئەنئەنىسىدە نەپىس ھەممىدىن بەكرەك ئىنساننىڭ ئىچىدىكى يامان ھېس – تۇيغۇ ۋە توغرا بولمىغان ئارزۇ – ئىستەكلەرنىڭ مەنبەسى دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلغان. شۇڭا، نەپىسىنى يىڭىش، بىر خىل ئىچكى جەھەتتە ئۆزى توغرىسىدا قاتتىق ھېساب – كىتاب قىلىش بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

قۇرئانغا ئاساسلانغاندا، نەپىس شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسان ئۇچرايدىغان[1] بولۇپ، ئۆزىمۇ ئىنسانلارنى بىر قاتار يامانلىقلارنى قىلىشى ئۈچۈن ۋەسۋەسىگە سالىدۇ. قاف سۈرىسىنىڭ « بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز» دېگەن 16 – ئايىتى؛ نىسا سۈرىسىدىكى «ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» دېگەن 128 – ئايەت ۋە سۈرە يۈسۈفتىكى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلىنغان «مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېگەن 53 – ئايەتلەر، نەپىسنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئوغلىنىڭ ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆز ئىنىسى يۈسۈفنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىشىغا مۇناسىۋەتلىك بايان قىلىنغان ئايەتلەر، نەپىسنىڭ ئىنساننى قەيەرلەرگىچە ئاپىرالايدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنىڭ نەپىسنىڭ يامان تۇيغۇلىرىدىن قوغدالغان ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەك، ئىنسان نەپسىنىڭ ۋەسۋەسە سېلىشلىرىدىن، يامان ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ[2]

ئىسلام ئىدىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئاخىرەتتە ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئۆمۈرنىڭ ھەر بىر مىنۇت – سېكۇنتى ۋە بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سورىقى بولىدۇ. بۇ ئىمتىھان قارىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى سۈپىتىدە، ئىنسان ھەرقاچان ئىچكى دۇنياسىدا ئۆزى توغرىسىدا قاتتىق ئويلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەردائىم ئۆزىنى سوراققا تارتىپ تۇرۇشى، نەپىس كۈرىشى دېيىلىدۇ. ئاڭلىق مۇسۇلمان كىشى قىلغانلىرىنى پات – پات كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆزىنى تەنقىدلىيەلىشى كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مۇسۇلمان كىشى قىلغان ياخشى ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئاللاھقا شۈكرى قىلىدۇ. قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، تۆۋبە قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئۆزى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىش، مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم غەيرەت ھېسابلىنىدۇ. نەپىستە ئويغانغان يامان تۇيغۇلارنىڭ تىزگىنلىنىشىگە ۋە مۇسۇلمان كىشىنىڭ سەمىمىي، ئەخلاق – پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ يېتىلىشىگە ۋەسىلە بولىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھ شەمس سۈرىسىنىڭ 9 – 10 – ئايىتىدە: « روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ [9]. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ» دەيدۇ. نەفىسنى پاكلاش، يامان خۇي – مىجەزلەردىن قۇتۇلۇش، پەقەت ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى قامداش ۋە تېگىشلىكىنى قىلىش ئۈچۈن نەپىسنى پات – پات سوراق قىلىپ تۇرۇش لازىم. ھەزرىتى ئۆمەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ھەزرىتى ئۆمەر مۇنداق دېگەن:

«سوراققا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارنى سوراق قىلىڭلار، چوڭ ھېساب بېرىش كۈنىگە تەييارلىنىڭلار! چۈنكى قىيامەت كۈنىدە ھېساب بېرىش، ئۆزى دۇنيادىكى ۋاقتىدا ئۆزىنى سوراققا تارتقانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئاساندۇر[3]

بۇ ئاللاھ يولىدا قىلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك كۈرەشنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسىگە ئاساسلانغاندا، نەپىس ئىنساندىن ئايرىم تۇرىدىغان مەۋجۇدات ئەمەس. شۇڭا، نەپىس بىلەن كۈرەش قىلىش - ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن، خىرىسلىرى بىلەن، تۈگەشنى بىلمەيدىغان ئىستەك – ئارزۇلىرى بىلەن ئىمتىھان قىلىنىشى ۋە كۈرىشى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئەقىللىق كىشى نەپسى بىلەن ھېسابلىشىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغان ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى دۇنيا ئۈچۈن ئىشلىگەن كىشىدۇر. بىچارە كىشى بولسا، نەپسىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە بويسۇنغان ۋە شۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىرغىچە ئاللاھتىن ياخشىلىقنى كۈتكەن كىشىدۇر[4]» دېيىش ئارقىلىق كۈرەشنى ئەقىللىق بولۇشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە كۆرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپىسنىڭ يا شەيتاندىن ياكى پەرىشتىدىن ئالغان ئىلھام بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. شەيتان ئىنسانغا دۇنيا ھاياتىنى ھەشەمەتلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى چىقىرىش توغرىسىدا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تەلقىنلەرنى قىلىدۇ. پەرىشتىلەر بولسا، كىشىنى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئويلىشى توغرىسىدا ئىلھاملاندۇرۇپ، قاتتىق ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا بۇ ئىلھاملارنىڭ نەتىجىلىرىنى خاتىرىلىتىش مەقسىتىدە: «جەھەننەم نەپىس ياقتۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن؛ جەننەت بولسا، نەپىس ياخشى كۆرمەيدىغان قىيىنچىلىقلار بىلەن قورشالغان[5]» دەيدۇ. نەپىس توغرىسىدا ئويلىنىشتا كۆز ئالدىدا تۇتۇش كېرەك بولغان مۇھىم شەرت ۋە مەنىۋى ئۆلچەملەردىن بىرى، ئۆزىنى ئۆزى تەنبىھ قىلىشتۇر.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىشى، ئۆزى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى خاتىرىلىشىغا، ئاخىرەت سەپىرى ئۈچۈن باسقان مۇساپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە ۋە ئەھۋالى ئۈستىدە ئويلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. نەپىس ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشنى پەقەتلا ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، كىشى ئۆلۈمنى ئويلىشى، بەزى ھۇزۇرلىنىشلاردىن ۋاز كېچىپ، قىيىن ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە تېخىمۇ غەيرەت قىلىشى كېرەك. قىزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە دۇنيا ھاياتى، مال – مۈلۈككە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىش ۋە نەپىسنىڭ ئارزۇ – ھەۋەسلىرى، كىشىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى، ئاخىرەت كۈنىنى ۋە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەسلىدە ئىنسان بولۇشنىڭ يوللىرىنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ھەقتە ھاشر سۈرىسىنىڭ 19 - ئايىتىدە: «سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر» دېيىش ئارقىلىق دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىپ، بىزنى ئويغىتىدۇ.  

ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، مۇسۇلمان كىشىگە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى، خىرىسلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. توغرا ياكى خاتالىقلىرىنى ۋىجدانىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. نەپىستە بارلىقى بىلىنىدىغان سەلبىي ھېس – تۇيغۇلىرىنى خەيرلىك يۆنۈلۈشكە ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. قىسقىسى، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، مۇسۇلمان كىشىنى نەتىجىگە ئاپىرىدىغان قىممەتلىك يول باشلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

 

[1] سۈرە ئىبراھىم 22 - ئايەت

[2] بۇخارى تالاق 11 - جىلد

[3] ئۆزى تىرمىزى رىۋايىتى

[4] ئىبىن ماجە، زۇھىد 31 - بەت

[5] بۇخارى رىكاك 28 - بەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر