ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى

تەۋھىد سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى «بىر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىقىنى، بىر ئىكەنلىكىنى، بارلىق ئۇلۇغ خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى، كەم – كۈتىسىز ئىكەنلىكىنى، ئايالى ۋە تەڭدىشىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىشتۇر.

517709
ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تەۋھىد ئېتىقادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەۋھىد سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى «بىر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىقىنى، بىر ئىكەنلىكىنى، بارلىق ئۇلۇغ خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى، كەم – كۈتىسىز ئىكەنلىكىنى، ئايالى ۋە تەڭدىشىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئېتىقاد ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا «لا ئىلاھە ئىلاللاھ (ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر)» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئايەت «كەلىمە تەۋھىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇرئان تەۋھىد ئېتىقادىنى ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ بىر ئىكەنلىكى، دۇنيا ۋە ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئاللاھ بىردۇر، ھېچقانداق نەرسىگە موھتاج ئەمەس؛ ئۇ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، تۇغقانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر[1]. ئىلاھلىقتا ئۇنىڭ شېرىكى يوق[2]. ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئېنىقكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەرتىپى بۇزۇلاتتى[3]. ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە قىزىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلغانلار، ئاللاھقا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ[4]. ھېچقانداق گۇرۇپپىغا ياكى كىشىگە زىيادە يېقىن ۋەياكى زىيادە يىراق ئەمەس. ئۇ ھەممىنىڭ رەببىدۇر[5].

تەۋھىد - بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى، ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى، ئىخلاس بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىشنى، پەقەتلا ئۇنىڭدىن ياردەم سوراشنى، ئۇنىڭغا ئىشىنىشنى، ھېچقانداق مەسىلىدە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكنى شەرت قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمىر قىلغان شەيئىلەرنى ياخشى كۆرۈش ۋە بېكىتىلگەن قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇشمۇ تەۋھىدنىڭ شەرتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىماننىڭ دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىنى بەلگىلىشى، تەۋھىدنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە تەۋھىد ئېتىقادىنىڭ ئەكس ئېتىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىسلامنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى دۇنياۋى بولۇشىدۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن دىنلار ئارىسىدا، تىل، جۇغراپىيە ۋە تارىخىي مۇساپە جەھەتتىن ئوخشىماسلىقلار بار. ئەمما، ئېتىقاد ئاساسلىرى ۋە ئىبادەت چۈشەنچىسى بىلەن، ئادالەت، دۇرۇستلۇق، سۆيگۈ، ياردەم قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ياخشى؛ ئۇنىڭغا زىت مەنىدىكى ئۇقۇملارنىڭ ناچار بولۇشتەك ئاساسىي ۋە   دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە توغرىلار ئىلاھىي دىنلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ۋەھىينى مەنبە قىلغان بارلىق دىنلار ئوخشاش بولۇپ، ئىسلام ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇيان چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى ۋە ئاخىرقى ھالقىسى. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دۇنياۋىيلىققا ئىگە. ئىسلام يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلارنى ۋە قىيامەتكىچە بولغان پۈتۈن زامانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[6]. ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى قۇرئاننىڭ خۇش خەۋەرلىرى، قىيامەتكىچە بولغان بارلىق زامانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە بارلىق ئىنسانلارنى، ھەتتا جىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە[7].  

بۇرۇن كەلگەن دىنلار مۇئەييەن دەۋر بىلەن چەكلەنگەن ياكى مۇئەييەن بىر جەمئىيەتكە خىتاب قىلغان. ئەمما ئىسلام بولسا، پۈتكۈل زامانلارغا ۋە بارلىق ئىنسانلارغا ھەتتا بارلىق مەخلۇقاتلارغا خىتاب قىلىدۇ. قۇرئانمۇ پەقەت مۇئەييەن بىر گۇرۇپپىنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدۇ[8]. شۇڭا قۇرئاندا، «ئى ئىنسانلار»، «ئى ئىمان ئېيتقانلار»، «ئى ئىنسان ئوغلى» دېگەن ئومۇمىي خىتاب شەكلى قوللىنىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ھەر پەيغەمبەر پەقەت ئۆزىنىڭ قەۋمىگىلا ئەۋەتىلگەن. مەن بولسام، بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتىلدىم[9]» دەيدۇ.

ئىسلام ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە جىنسىيىتىگە ئاساسەن ئايرىمايدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپلار، ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى يورۇتىدۇ. كۈنىمىزدە دۇنياۋى خاراكتېردە قوبۇل قىلىنغان بارلىق مەنىۋى قىممەت - قاراشلار، ئىسلامدا ئاساسىنى تاپىدۇ. ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق، دۇرۇستلۇق، بىخەتەرلىك، ئادالەت، مەرتلىك، مېھماندوستلۇق، باراۋەرلىك ھەمدە ياشانغانلار، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش، بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، تىنچلىقپەرۋەر بولۇش قاتارلىق دۇنياۋى پىرىنسىپلارنىڭ ھەممىسىنى تەكىتلەيدۇ ۋە تەۋسىيە قىلىدۇ. 

ئىنسان ئەقلىگە ئەھمىيەت بېرىشمۇ ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەقىل ئىنسانغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن قۇۋۋەت. ئىنسان بۇ كۈچ سايىسىدە، ياخشى بىلەن يامان، پايدىلىق بىلەن زىيانلىق شەيئىلەرنى بىلەلەيدۇ. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئايرىيدىغان ئەقىل، ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. قۇرئاندا «سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلىتىشكە، كائىنات ۋە يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ[10].

ئىسلام دىنىدا ئەقىل، دىنىي بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن جاۋابكار بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى. ئىمان، ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلامدا ئەقىلنىڭ قوغدىلىشى، ئاساسىي مەقسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئەقىلنىڭ فۇنكىسيۇنلىرىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش ياكى ئىشلىتىش چەكلەنگەن. ئەقىلنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدىغان پەرەز، دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ تۆت ئاساسىي مەنبەسىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىسلام قانۇنىدا كۆپ قوللىنىلغان.

ئىسلامنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى بولسا، ئىنسانلارغا يارىتىلمىش مەخلۇقلار ئىچىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ تىن سۈرىسىنىڭ 4 – ئايتىدە: « بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق» دەيدۇ. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 70 – ئايىتىدە بولسا: « شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» دەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ پەيدا بولىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرى، مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلىنغان. ھەربىر ئىنسانغا، ئاللاھ ياراتقان ئەڭ ھۆرمەتلىك مەخلۇقات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. كىشىنىڭ ئېتىقادى، جىنسىيەتى، ئېتنىك يىلتىزى، ئىجتىمائىي سالاھىيىتى ۋە ئورنى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىگە بېرىلىدىغان ئېتىباردا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئىسلام چۈشەنچىسىدە، يارىتىلغاننى ياراتقاننىڭ سەۋەبىدىن سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆرسىتىش، ئاللاھقا بولغان ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. قۇرئاندا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 134 – ئايىتىدە، بۇ ھەقتە كۆرسىتىلگەن مۆئمىنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى رەتكە تىزىلغاندا، «تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ» دېيىلىدۇ.

 

[1] سۈرە ئىخلاس 1 – ئايەتتىن تۆتىنچى ئايەتكىچە

[2] سۈرە ھاشر23 - ئايەت

[3] سۈرە ئەنبىيا 22 - ئايەت

[4] سۈرە نەھل 57 – ئايەت، سۈرە يۇنۇس 68 - ئايەت

[5] سۈرە بەقەرە 186 – ئايەت، سۈرە فاتىھا 2 - ئايەت

[6] سۈرە ئال ئىمران 19- 83 – 85 – ئايەتلەر؛ سۈرە سەبەئ 28 - ئايەت

[7] سۈرە رەھمان 31 – 35 – ئايەتلەر؛ سۈرە ئىبراھىم 1 - ئايەت

[8] سۈرە سەبەئ 28 – ئايەت؛ سۈرە فۇرقان 1 – ئايەت؛ سۈرە ئەئراف 158 - ئايەت

[9] بۇخارى، تەيەممۇم

[10] سۈرە يۈسۈف 109 – ئايەت، سۈرە ئەنبىيا 10 – ئايەت؛ سۈرە مۇئمىنۇن 80 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر