ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

ئاخىرەت – ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىش بىلەن باشلىنىدىغان ۋە ئەبىدىي داۋام قىلىدىغان ھاياتنىڭ نامى بولۇپ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش، ئىمان ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

512779
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مەنىسى، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاخىرەت – ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىش بىلەن باشلىنىدىغان ۋە ئەبىدىي داۋام قىلىدىغان ھاياتنىڭ نامىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش، ئىمان ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشقا، «مەھشەر» دەپ ئاتىلىدىغان جايدا توپلىنىدىغانلىقىمىزغا ۋە بۇ دۇنيادا قىلغان – ئەنكەنلىرىمىزدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشتۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام ئېتىقادىي ئاساسلىرىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى، باشقا ئېتىقادىي ئاساسلارغا ئاسانلا ئىشىنىدۇ. ھېس – تۇيغۇلار بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان، ئەمما بارلىقى ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ئاخىرەت ھاياتىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي قۇلى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ئىمان ئاساسلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

ئىسلام ئاخىرەت كۈنىنى مۇنداق ئاساسلارغا ئىگە قىلغان: ئىنسانلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يوقلۇقتىن بار قىلىنىپ، ئىمتىھان مەيدانى بولغان بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلگەن. دۇنيادا ھەممە نەرسىنى ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئۇلۇغ ئاللاھ[1] ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بەرمەستىن، ياراتقۇچىنى تونۇش ۋە ئۇ رازى بولىدىغان شەكىلدە ياشاش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. ئۆزىگە بېرىلگەن ئۆمۈر تۈگىگەندە ئۆلىدىغانلىقى ۋە ئەبىدىي دۇنيا بولغان ئاخىرەت ھاياتىدا تىرىلىدىغانلىقى، ئۇ يەردە ھېساب بېرىدىغانلىقى ئىنسانغا بىلدۈرۈلگەن. ئىنسانلارغا توغرا يول كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئىشىنىپ – ئىشەنمەسلىك، ئىسلامغا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى قىلىش – قىلماسلىق مەسىلىسىدە، ئىنسان مەجبۇرلانماستىن، ئەركىن ئىرادىسىگە قويۇپ بېرىلگەن. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، ئىنكار ۋە ئىسيان قىلىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ جەننەت ياكى جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى شەرت قىلىدۇ. ئىسلام ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا، كاپىر، مۇشرىك ۋە مۇناپىقلار جەھەننەمدە ئەبىدىي قالىدۇ. گۇناھكار مۆئمىنلەر ئاللاھ ئەپۇ قىلمىغاندا جەھەننەمدە جازاسىنى تارتىدۇ، ئاندىن ئىمان ئېيتقانلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن جەننەتكە كىرگۈزۈلىدۇ.

ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش پەرز قىلىنمىغاندا، ھالال ۋە ھارام دەپ ئايرىلىدىغان دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ؛ ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توغرا ۋە خاتا دەپ ئايرىشنىڭ؛ دۇنيادىكى شەيئىيلەرنى گۈزەل ۋە سەت دەپ ئايرىشنىڭ؛ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەخلاقنىڭ ھېچقانداق مەنىسى بولمايتتى. بۇ سەۋەبتىن، قۇرئاندا ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كۆپ چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھنى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ[2].

قۇرئان ئاڭلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلىقلىرىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئاننىڭ بۇ ئايەتلىرى ئاخىرەت ئېتىقادىنى مۇھىم ئاساسلارغا ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ رۇم سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

«مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»

مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 115 – 116 - ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ:

« ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟[115]ھەق ـ پادىشاھ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[116]. »   

ئەنبىيا سۈرىسىدنىڭ 47 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

«قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز[47].»

رۇم سۈرىسىنىڭ 19 – ئايىتىدە ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىش ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

« ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر[19]. »

ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى ھەققىدىكى ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. ئىمانى ئۇنى ھەر تۈرلۈك يامانلىق، مۇسىبەت ۋە كېسەللىككە بەرداشلىق بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ مۇكاپاتى تېخىمۇ يۇقىرى ۋە ئەبىدىي بولغان ئاخىرەت كۈنىدە بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇلار ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا توسالغۇ بولالمايدۇ.

  ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ئۆلۈمنى بىر يوقىلىش ئەمەس، بەلكى جەننەتكە ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋەسىلە دەپ بىلىدۇ. ئىمان سايىسىدە، ئۆزىنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرغان كېسەللىكنى ۋە قېرىلىقنى ناھايىتى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ دەرت – ھەسرىتىگە سەۋر قىلىدۇ. ئۆلۈمنى بىر يوقىلىش دەپ ئىشىنىدىغان كىشىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ئۇ كۈنى ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، كىشىنىڭ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. كىشى ئىمان سايىسىدە دۇرۇستلۇقتىن ئۇزاقلاشمايدۇ. رىزقىنى ھالال يولدىن تېپىپ يەيدۇ، ھىيلە ۋە نەيرەڭۋازلىق قىلمايدۇ، ئۆمرىنى ۋە تاپقىنىنى پايدىلىق يوللارغا سەرپ قىلىدۇ.

ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش، گۈزەل ئەخلاقلىق جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىمان تەسىرىدە پەيدا بولغان ئاڭغا ئىگە مۇسۇلمان ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت، خاتىرجەم بولىدۇ.  شۇڭا، شەخس، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت – سائادەتكە ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى، پەقەت قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرەلەيدىغان ئاخىرەت ھاياتىغا ئىشىنىشكە باغلىق. بارلىق يامانلىقنىڭ ئاستىدا ئاخىرەت كۈنى ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك ياتىدۇ.

ئارزۇ – ھەۋەسلىرىنىڭ چېكى بولمىغان ئىنسان، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئۇلارغا زۇلۇم سېلىشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ھەر تۈرلۈك ھىيلە – نەيرەڭۋازلىقلاردىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. ئاخىرەت كۈنىدە ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە جازاغا تارتىلىشتىن قورقۇش، ئۇنى باشقىلارغا يامانلىق قىلىشتىن توسىدۇ، ھەق – ھوقۇقىنى ۋە چېكىنى بىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشنى بولسا، ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ.  

ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىش، كىشىنى ئەبىدىي بولغان جەننەتكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىمۇ جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ.     

 


[1]سۈرە لوقمان، 20 - ئايەت

[2]4 – سۈرە نىسا، 38 – 39 - ئايەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر