ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۈركىيەدە

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تالانتلىق، كۆپ قىرلىق، ئۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە ئەل سۆيگەن شائىرلارنىڭ بىرى.

512784
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۈركىيەدە

 1.تۈركىيەدىكىتەتقىقاتلاردائۆتكۈر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تالانتلىق، كۆپ قىرلىق، ئۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە ئەل سۆيگەن شائىرلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسىدۇر. ئۆتكۈرنىڭ 1946-يىلى 23 يېشىدا يېزىپ لەنجۇدا نەشىر قىلدۇرغان «يۈرەك مۇڭلىرى» ۋە 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلدۇرغان «تارىم بويلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى ئۇنى ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۈكەر يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرغان. شائىرنىڭ ئۇ يىللاردا يازغان شىئېرلىرىدىن زاماننىڭ زۇلمى، ئاۋامنىڭ زارى، دەۋرنىڭ دەرت - ھەسرەتلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئايالى خەلىچىخان ئانىمىزنىڭ يەتكۈزۈشىچە، ئۆتكۈر 1949-يىلى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھاكىمىيىتىدە كاتىپ بولغان. شۇ مەزگىلدە شاھىد بولغان زۇلۇم، تەڭسىزلىك، چىرىكلىك ۋە ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەن ئىكەن. شائىر ئەينى زاماندا زالىم ھاكىمىيەتنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ زۇلمىنى شىئېرلىرى ئارقىلىق جاھانغا پاش قىلغان. شۇ مەزگىلدىكى ھېسلىرىنى «خەجلە خائىنلار خەجلە» ماۋزۇلۇق شىئېرىدا مۇنداق ئىپادىلىگەن.

خەجلە، خائىنلارەي خەجلە. بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،

يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،

تالان-تاراجدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.

 

دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،

سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلاپ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.

كۆلدە بېلىقى كۆپ دەپ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ،

قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھىلە، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.

 

پالانى ئاقچىدۇر، كۆكچى. بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى

دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

شائىر 1950-يىللاردىن كېيىن، تەقىپ قىلىنىپ، ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇ تا 1956- يىلغىچە بىر مەزگىل نازارەت ئاستىدا تەھرىرلىك ۋە تەرجىمانلىققا ئوخشاش خىزمەتلەرگە سېلىنغان. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشقان. مەسىلەن، شۇ مەزگىلدە ۋە كېيىن مودا قىلىنغان ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە «سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش» ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ قوللىنىلغان «سۈنئى ھەمراھ» سۆزىنى ئۆتكۈر ئەپەندىم ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئاتالغۇ دەل جايىدا ۋە ۋاقتىدا ياسالغانلىقى ئۈچۈن تېزلا ئومۇملىشىپ كەتكەن. مەرھۇمنىڭ خانىمىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۆتكۈر ئەپەندى 80-يىللارغىچە بولغان تۈرلۈك تۈمەن بېسىم، زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ئۈمىدلەندۈرۈپ تۇرغان ئىكەن. مەھرۇملۇق يىلسېرى زورايغان ۋە ئېغىر كۈلپەتلەر، تۆھمەتلەر، ھاقارەتلەرگە ئۇلىشىپ يۈرەكلەرنى زىدىلىگەن بولسىمۇ شائىر نىشاندىن ھىچ تايمىغان. شائىر بۇ يىللاردىكى ھەسرەتلىرىنى:

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،

شامال دارىپ كېكەچ قىلدى تىلىمنى.

قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچمەن،

نېمە بىرلە رازى قىلاي ئېلىمنى.

دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شائىر ئۆزىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى «باھار چىللايمەن» ماۋزۇلۇق شىئېرىدا باھار تېمسالى ئارقىلىق مۇنداق يازغان؛

ئۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،

تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ،

كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،

ئىسسىق قانىمدىن باھار چىللايمەن.

شائىرنىڭ 1980-يىللاردىن تارتىپ، يېزىپ نەشر قىلدۇرغان «قەشقەر كېچىسى»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس ئابىدىلەرگە ئايلاندى. كۈنىمىزدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تەرجىمە قىلىنىپ، ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى چاغداش تۈرك تىللىرى فاكۇلىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسىدە ئۆتكۈر شېئىرلىرى ئوقۇتۇلماقتا. تۆۋەندە بىز ئۆتكۈرنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئابدۇلكەرىم باقى ئىلتەبىردۇر. ئۇ 1991-يىلى يازغان «بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرىدا ئازادلىق تېمىسى» ناملىق ماقالىسىدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۈلزادە تانرىداغلى خانىم، 1996-يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىغان «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر رومانچىلىقى» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرىنى تەھلىل قىلغان. مەرھۇم شۈكۈر تۇران 1998-يىلى يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەدەبىياتى» ناملىق ئەسىرىدە، ئۆتكۈر قاتارلىق كۈرەشچان شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختالغان.2007 - يىلى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئۆزگۈر ئاي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان. ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىمنىڭ، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابى، تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە رومانلىرىدىن ئارىيەلەر ئوقۇتماقتا، باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرى يازدۇرماقتا. بۇلاردىن باشقا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1947 - يىلى يېزىپ قالدۇرغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرى، تۈرك ناخشا چولپانلىرى تەرىپىدىن سەھنىدە ئېيتىلىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى قازاقىستاندىكى خەلقئارالىق مۇنبەردە شائىرنىڭ «ئىز» سەرلەۋھىلىك شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۆتكۈر ئەسەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋە تۈركچەنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنيادا تونۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيادا تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان ۋە قۇشۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتىدا ئەڭ ئاكتىپ ۋە ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىمدۇر. يەنە گۈلزادە تانرىداغلى، ئۆزگۈر ئاي قاتارلىق تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ سەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلىرىدۇر. ھۈليا خانىم تەتقىقاتىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى تۈركىيە تۈركچەسىگە تەرجىمە قىلىغاندىن سىرت، مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن تەھلىل قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھۈليا خانىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىكى كۈرەش، ھۆرلۈك، ۋەتەن ۋە سۆيگۈ تېمىلىرىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، مەخسۇس ماقالىلەرنى يازدى. ھۈليا خانىم تۈركىيەدە ئېچىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، ئۆتكۈر ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى سۇنغاندىن باشقا، شائىر ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللىدى.

ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات قىلغان يەنە بىر ئىزدەنگۈچى دوكتور ئۆزگۈر ئايدۇر. ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» رومانىنى تېكىستشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ، تۈركچەگە تەرجىمە قىلىپ چىققان ۋە بۇ ھەقتە دوكتورلۇق ماقالىسى يازغان. ئۆزگۈر ئاي ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» رومانىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆ مەزكۇر ئەسەر ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى تۈركىيەنىڭ «تانزىمات دەۋرى» ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىپ ئاھمەت مىتھاتقا تەققاسلايدۇ. ئۆزگۈر ئاي ماقالىلىرىدە، «ئىز» رومانىدا رومانچىلىق ھۈنەرلىرىنىڭ جايىدا قوللىنىلمىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. روماندا دېداكتىك ئامىللارنىڭ موللىقى، ئاپتورنىڭ چىنلقىنى يېزىش تەرەپدارى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەدەبىيلىكنىڭ يېتەرسىز قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.

ھۈليا خانىم تەشكىللىگەن 2015-يىلى  18- دېكابىر كۈنىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور سەردار چام، ب د ت ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇلى ئۆجال ئوغۇز، غازى ئۈنىۋېرسىتېتى مۇدىرى بەربەرئوغلۇ، داڭلىق تۈركولوگ پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، تونۇلغان تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى، ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان، تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، پىروفېسسور ئابدۇررائۇف پولات ئەپەندىلەر قاتناشتى. يىغىدا يەنە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىدىن پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەنقەرەدىكى ئۇنۋېرىستېتلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. گېرمانىيە گۆتۈڭگەن ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت، نەۋشەھىر ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر، دوكتور ئاھمەت قارامان، دوكتور گۈلزادە تانرىداغلى، دوكتور ئايسىمە مىرسۇلتان، دوكتور رىدۋان ئۆزتۈرك، دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى، دوكتور كونۇر ئالپ ئەرجىلاسۇن، دوكتور دەريا ئەرسۆز قاتارلىق تۈركىيەدە ئۇيغۇرشاناسلىق بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان زىيالىيلار ئىشتىراك قىلدى ۋە ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.  يىغىن تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تۈرك جامائىتىگە كۆرەك قىلدى. ھۈليا خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئەڭ كۆپ تەتقىقاتچى يىغىلغان، ئەڭ قىزغىن داۋاملاشقان ۋە ئەڭ كەڭ ساھەدىكى ئالىم ۋە مۇتەخەسىسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان بىر يىغىن بولدى. يىغىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تېپىلماس پۇرسەت ياراتتى.

يىغىننىڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھۈليا خانىمغا تون كىيدۈرۈشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەدئىمىن ئوبۇلقاسىموۋ، دوكتور رۇسلان ئارزىيىۋ قاتارلىقلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سالامى ۋە ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرچە توننى ھۈليا خانىمغا كىيدۈرگەندە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن كەلگەن ئىشتىراكچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى ئەگىدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ھاجەتتە ئۇنىۋېرىستېتى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ھۈليا خانىمغا رومال ئارتتى. يىغىندا مۇھەممەدئىمىن ئوبۇلقاسىموۋ ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن يېزىشقان بارلىق مەكتۇپلىرىنى ھۈليا خانىمغا ھەدىيە قىلدى. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم دادىسىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ مىللەت قايغۇسى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ھۈليا خانىم سۆھبەتلىرىدە، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا قىياسلىدى. يىغىندا ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ زاماندىشى بولغان مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنماسلىقى بولدى. يىغىندا باشتىن ئاخىرى ئىززەتلەنگەن بۇ تەۋەرۈك بوۋاينىڭ ئۆتكۈر ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىيالمىغانلىقى يىغىن قاتناشچىلىرىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتناشچىلارنىڭ قەلبىدە بىر ھەسرەت بولۇپ قالدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتى تۈركىيەدە ھازىر كەڭلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلەندى. دەسلەپكى تەتقىقاتلاردا ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلار توپلاملىرى، رومانلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسا؛ نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئايرىم نەزمىلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەسىلەن، رىدۋان ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» ماۋزۇلۇق شېئىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى شۇنداق چوڭقۇرلاشلارنىڭ مىسالى ھېسابلىنىدۇ. رىدۋان ئەپەندى تەتقىقاتىدا 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرزۇرۇمدا ياشىغان، تۈركىيەدە «ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «ياق، ياق» ماۋزۇسىدىكى شېئىرى بىلەن ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. بۇندىن باشقا دوكتور ئاھمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «قەشقەر كېچىسى» داستانى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىنچىكە ئىزدىنىشلەرنىڭ قانات يېيىۋاتقانلىقىغا مىسال بولىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مۇشۇنداق كۈچىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ شائىرنىڭ ئەسەرلىرى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر