ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى ۋە تەشەببۇس قىلدىغان جەمئىيەت شەكلى

ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى- ئىنساننى ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ، دۇنيادە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىققا، ئاخىرەت كۈنىدە بولسا، ئەبەدىي سائادەتكە ئېرشتۈرۈشتۇر.

507322
ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى ۋە تەشەببۇس قىلدىغان جەمئىيەت شەكلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پىروگراممىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، كىملەرگە خىتاب قىلدىغانلىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ زادى قانداق جەمئىيەت شەكلىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىمىز….

ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى- ئىنساننى ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ، دۇنيادە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىققا، ئاخىرەت كۈنىدە بولسا، ئەبەدىي سائادەتكە ئېرشتۈرۈشتۇر. «ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى، سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلدە بولىدىغانلىقىنى  سىناش ئۈچۈن ياراتتى» دېگەن مەنىدىكى ئايەت، ئىسلامنىڭ ئىنساننى ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى-ئىنساننىڭ ئەقىل، ئىرادە ۋە  ۋىجدانىنى ئىشلىتىشنى؛ مەسئولىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلەن، ئۆزى بىلەن، باشقا ئىنسالار بىلەن ۋە تەبىئەت بىلەن چىقىشىپ ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى- ئىنسانلارنى پانى دۇنيا ھاياتىغا ۋە ھەۋەسلىرىگە قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، يارىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن باشىشىنى ئۆگىتىشتۇر.

ئىنساننىڭ رۇھىي جەھەتتىن يۈكسېلىشى ئۈچۈن قىلىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىلىرىنى، ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە كۆرسەتمىلىرىنى، ياخشى بىلەن ياماننى، توغرا بىلەن خاتانى تونۇپ، ياخشىغا يېتىپ بېرىشىنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.

ئىنساننىڭ قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى، ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ھاياتنى مەنىگە ئىگە قىلىش ۋە خاتىرجەملىككە ئ‍ېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇ.

ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ساغلام يېتىلىپ، يەتكىلى بولىدىغان ئەڭ ئۈستۈن سەۋىيەگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ مەقسىتى - ئىنساننى تەبىئ‍تىگە ماس كېلىدىغان ئىشنى قىلىشنى، ئەقل ۋە ۋىجدانىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«سەن يۈزۈڭنى توپتوغرا بۇ تەرەپكە، ئاللاھ تەرەپكە قىلغىن، ئۇ ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئاساسەن ياراتتى. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ھېچقانداق نەسە يوق، مانا بۇ ئەڭ توغرا دىندۇر، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ.»

ئىسلام دىنى ئەقىلى بار كىشىلەرگە خىتاب قىلىدۇ. ئولارنىڭ بىلىپ، ئۆزى خالىغان ھالدا ۋە ئەركىن كىرادىسى بىلەن قىلغانلىرىنى قەدىرلەيدۇ. ئىسلام دۇنياۋى دىن بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە ئەۋەتىلگەن. شۇڭا، ئىسلام دىنى ھەر دائىم دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ياشايدىغان ئەقلى جايىدا ۋە ھۆر ئىرادىگە ئ‍گە كىشىلەرگە خىتاب قىلدۇ.

ئىسلام دىنى شەخىسنى ئاساس قىلدۇ. گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىپ، ئىبادەت بىلەن پىشىپ يېتىلگەن ھەر بىر ياخشى ئىنسانلاردىن ياخشى جەمئىيەت شەكىللىندۇ. ھەر بىر ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ ياخشى يۈزلىنىشىگە ۋە قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىسلام ئوغلىنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدىغان،ئىنسانلىقنىڭ كېرەكلىك ماسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ياراتىلىشىغا ئۇيغۇن دۇنياۋى قىممەت ئۆلچەملەرگە ئىگە، ئەقىلى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشنى بىلىدىغان، ھاياتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشايدىغان كىشىلىككە ئىگە ئىنسانلاردىن ئەشكىل تاپقان ئىقتىدارلىرىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشنى بىلىدىغان، ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشايدىغان كىشىلىككە ئىگە ئىنسانلاردىن ئەشكىل تاپقان جەمئ‍يەت بەرپا قىلىشىنى مەقسەت قىلدۇ.

ئىسلام ئائىلىنى ئاساسقىلغان ھالدا جەمئىيەتنىڭ سۆيگۈ، ھۆرمەت، قېرىنداشلىق، كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق، دۇرۇستلۇق، ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئادالەت، ئەپۇچانلىق،سەۋر، كىچىك پىئېلىق، ۋەدىسىدە تۇرۇش، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە چىرايلىق سۆزلەش قاتارلىق ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام تەشەببۇس قىلغان جەمئىيەت ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرىيدىغان تەشكىل تاپىدۇ. مال-مۈلۈك، ھوقوق، ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق ياكى باشقا دۇنيا ئىشلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەيدىغان بۇ سۆيگۈ جەمئىيەتتە گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ياشنىشىنى، يامانلىقلاردىن ۋازكېچىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيكىسسالامنىڭ دېگىنى بويىچە ئېيتقاندا« ئاللاھ ئۈچۈن بىر- بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەر  ھەقىقى مەنىدە ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان كىشىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.»  مۇنداق جەمئىيەتتە تەمەسسۇم، ئۈلپەتچىلىك، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە  گۈزەل ئەخلاق  ھۆكۈمىران بولىدۇ. ئىشەنچىلىق  مۇھىت بەرپا بولىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرسىدە مەرھامەت ئاساسلىق ئورۇنغا ئۈتىدۇ. زۇلۇم، ھاقارەت، بىربىرىنى پەس كۆرۈش ۋە بىپەرۋالىققا ئوخشاش خاتا قاراش ۋە مۇئامىللەرگە ئورۇن قالمايدۇ. ئىسلام جەمئىيەتىنىڭ ياشاش شەكلى باشقىلارنىمۇ ئويلايدىغان ۋە پىداكارلىق  تۇيغۇسى ئۈستىگە بىنا قىلىنغان،  ئىنسانلار تاغاقنىڭ چىشىغا ئوخشاش تەڭ ۋە باراۋەر ھېساپلىنىدۇ. تىل، ئېرىق، جىنسىيەت، چوقوق ۋەياكى سالاھىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار ھەق-ھوقوقنىڭ ئىجىرا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. جەمئىيەتتىكى ئەزالار بىبىرىگە مەھكەم باغلانغان بىناغا ياكى بىر بەدەننىڭ ئەزالىرىغا ئوخشايدۇ.

ئىسلام تەشەببۇس قىلغان جەمئ‍ىيەتتە- ئىنسانلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا، مۇھىتقا پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىش، زىيان سالىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئوتتۇردىن يوق قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىش ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن رېقابەتلىشىش مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىسلام جەمئىيەتدە ئاللاھنىڭ رىزاسى بارلىق غائىلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ھەددىدىن ئ‍ېشىش  ۋە ئادەتتنى تاشقىرى ئاجىزلىقتىن يىراق بولىدۇ. ئوتتۇر يولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولالايدىغان ئ‍ەخلاقى پىرىنسىپلارغا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە دىن، جان، نەسىل، مال ۋە ئەقىل قوغدىلىدۇ. ياخشىلىقنىڭ ھۆكۈمىران ئ‍ورۇنغا ئۈتۈشى ۋە يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيەتنىڭ  ئورتاق ۋەزىپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ« ئاراڭلاردا خەيرىلىك ئىشلارغا چاقىرىلدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇلدڭغان ۋە يامانلىقتىن توسۇيدۇغان بىرتوپ كىشى بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر