‹نەھدە (گۈللىنىش)› ھەرىكىتى نېمىشقا ‹مۇسۇلمان دېموكرات› لىق يولىنى تاللىدى؟

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۇنىستا ‹نەھدە (گۈللىنىش)› ھەرىكىتى نېمىشقا ‹مۇسۇلمان دېموكرات› لىق يولىنى تاللىدى؟» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

505714
‹نەھدە (گۈللىنىش)› ھەرىكىتى نېمىشقا ‹مۇسۇلمان دېموكرات› لىق يولىنى تاللىدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆتكەن ھەپتە راشىد ئەلغەننۇشى رەھبەرلىكىدىكى تۇنىس نەھدە ھەرىكىتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. بۇ قۇرۇلتاي ھەم نەھدە ھەرىكىتى تارىخى نۇقتىسىدىن ھەم تۇنىس سىياسىي تارىخى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلتايدا ‹سىياسىي ئىسلامچى› نەھدە ھەرىكىتىنى ‹مۇسۇلمان دېموكرات› بىر سىياسىي پارتىيەگە ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى.

نەھدە ھەرىكىتىنىڭ بۇ قارارى ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. غەرب مېدىياسى ۋە ئىستراتېگىيە ئورگانلىرى بۇ قارارغا ‹ئىسلامچىلىقنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنىڭ ئىسلامچىلار تەرىپىدىن رۇيخەتكە ئېلىنىشى› دەپ باھا بەردى. ئاساسىي ئېقىم ئىسلامچى يازغۇچىلار بولسا، نەھدەنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا ‹نەھدە ھەرىكىتىنىڭ رېلىسىدىن چىقىپ كېتىشى› دەپ باھا بەردى.

لېكىن، بۇ ئەھۋالغا باھا بېرىش قارارنىڭ قايسى دائىرىدە چىقىرىلغانلىقىغا قاراشنى شەرت قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بېرىلگەن باھالار تۇتامسىز سۆز - ئىبارىلەر دۈۋىسى بولۇشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى توغرا ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا تۈزۈمدىكى سىياسىي ئىسلام تونۇشى، ئوتتۇرا شەرق شارائىتىدا سىياسىي ئىسلامغا قانداق قارىلىدىغانلىقى ۋە تۇنىسنىڭ ئىچكى دىنامىكلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، سوۋىت تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن سىياسىي ئىسلام ياكى ئىسلامچىلىق كوممۇنىزمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، غەرب دۇنياسى كوممۇنىزمنىڭ ئورنىدا ئىسلامچىلىققا ئۆزىنىڭ يېڭى ‹ئۇ تەرەپتىكىلىرى› سۈپىتىدە قارىدى. ‹قىزىل خەۋپ› نىڭ ئورنىغا ‹يېشىل خەۋپ› قويۇلدى. خۇسۇسەن 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلەندى. گەرچە بۇ جەرياندا تەرەپلەرنىڭ نەزىرى زوراۋانلىقنى بىر خىل ئۇسۇل، دەپ قارايدىغان ھەرىكەتلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، سىياسىي ئىسلامچىلىق ئومۇمەن چەتكە قېقىلغان بىر ئېقىم ئىدى. بۇمۇ پۈتكۈل سىياسىي ئىسلامچى ئېقىملارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن بېسىم سىياسەتلىرىگە پەرۋاسىز قاراش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

1967 – يىلىدىكى ئەرەب – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مىسىر بىلەن سۈرىيەنىڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، رايوندا سوتسىيالىست ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ يوللۇقلۇق كىرىزىسىنى پەيدا قىلدى. بۇ كىرىزىس ياراتقان بوشلۇقنى ئىسلامچى ھەرىكەتلەر تولدۇردى. ئوتتۇرا شەرقتە ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئۆكتىچىلەر گەۋدىسىنى ھاسىل قىلىشى رايوندىكى مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەربنىڭ خەۋپ ئېڭىدا ئىسلامچىلىقنىڭ كوممۇنىزمنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى رايوندىكى مۇستەبىت كۈچلەر ئۈچۈن سىياسىي ‹كىرىم› ياراتتى. رايوندىكى مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ئىكەنلىكى قارىشى ئىزچىل تەكىتلەندى. 1979 – يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابى پەيدا قىلغان سىياسى ۋە پىسخىئولوگىيەلىك تەسىر بۇ سىياسىي مەنپەئەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئىران ئىنقىلابى رايوننى چۆرىدىگەن يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك مۇستەبىت كونسېرۋاتىپ تۈزۈملەرنىڭ سىياسىي ئىسلامچىلىققا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ تېخىمۇ قوپاللىشىشىغا زېمىن ھازىرلىدى.

ئەرەب باھارىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن سايلاملار نەتىجىسىدە ئىسلامىي پارتىيەلەرنىڭ ئۇتۇقلىرى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋەتتى. مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ ئەركىن سايلاملار نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى مۇستەبىت تۈزۈملەرگە نىسبەتەن ھەم ئىدىئولوگىيەلىك ھەم قانۇنىيلىق مەسىلىسى پەيدا قىلدى. مىسىردىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە لىۋىيە دۇچار بولغان ئىچكى ئۇرۇش بۇ خەۋپ تونۇشى سايىسىدا قىلىنغان مۇداخىلىلەر نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. تۇنىستا نەھدە ھەرىكىتى بۇ ئەھۋالدا مەۋجۇدىيىتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

رايون نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر مەسىلە، زوراۋانلىق تەرەپدارى تەشكىلاتلارنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىۋاتقان بولۇشىدۇر. مۇقىمسىزلىق بار دۆلەتلەردە دائېش بىلەن ئەلقائىدە مۇئەييەن جايلاردا ھاكىمىيەت تىكلىيەلىدى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە تەسىرى ئاساسىي ئېقىم ئىسلامىي ھەرىكەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئاچتى. بۇ جەھەتتە تۇنىس سەزگۈر بىر نۇقتىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەم دائېشنىڭ ھەم ئەلقائىدەنىڭ لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشى بۇ سەۋەبتىن مۇھىمدۇر. دائېشقا قېتىلغانلارنىڭ ئىچىدە تۇنىسلىق ياشلارنىڭمۇ بولۇشى دىققەتنى تارتماقتا.

تۇنىس ئەرەب باھارىدىن ئىلگىرى ئاشقۇن لائىك ـ سېكۇلار - سىياسەتلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان بىر دۆلەت. ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت زەينەل ئابىدىن بىن ئەلىنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئەركىن سايلامدا نەھدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى ۋە ئىككى لائىك پارتىيە بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىش مۇساپىسىدە لائىك قاتلاملارنىڭ سەزگۈرلۈكىگە قولىدىن كېلىشىچە دىققەت قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، لائىك قاتلاملار دۆلەت تەۋەلىكىدە كۆپىيىپ قالغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ نەھدە ھەرىكىتىگە قارشى مىسىردىكىگە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن زەربە بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى. 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا نەھدە ئىككىنچى پارتىيە بولۇپ چىقتى. ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن بىرلەشمىنىڭ سىرتىدا قېلىشىمۇ نەھدەگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنىڭ سالمىقىنى ئازايتمىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە سېپىدە پارچىلىنىش يۈز بېرىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىستىپا بېرىشى نەتىجىسىدە نەھدە ھەرىكىتى قايتىدىن پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى. ئەمما، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك شېرىكى بولۇش يولىنى تاللىدى.

تۇنىسنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇشى ئېغىر مۇقىمسىزلىق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان كوللېكتىپ نامايىشلار مۇستەبىت تۈزۈمگە قايتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مۇستەبىت بىر تۈزۈم قايتىدىن ئورنىتىلغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىنىڭ نەھدە ھەرىكىتى بولىدىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا، نەھدەنىڭ بىرىنچى قەدەمدىكى ئىشى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش  ئەمەس.

شىمالىي ئافرىقىدىكى زوراۋان تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى، ئۇ تەشكىلاتقا تۇنىسلىقلارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇشى، دۆلەت ئۈچۈن بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۆرۈنۈشتە ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتقاندەك قىلىۋاتقان دېموكراتىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى نازۇك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

نەھدە ھەرىكىتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چىقارغان قارارىنى بۇ ئۈچ نۇقتىدىن ئانالىز قىلىش كېرەك. نەھدە ھەرىكىتى داۋالغۇش ئىچىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئوكيانىدا لەيلىگەن ھالدا ئىلگىرىلەشكە تىرىشىۋاتقان تۇنىس پاراخوتىنىڭ كاپىتانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خاپىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا. چۈنكى، داۋالغۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، نەھدەنىڭ پاراخوتتىن تاشلىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئويلىشىۋاتقانلار ھېلىھەم ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قارار چىقىرىلغىنىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان خەلقئارا شارائىت يوق. نەھدە قارارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پاراخوتنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئامىل ئىكەنلىكىنى، بۇ پاراخوتنىڭ نەھدەسىز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۈستىگە ئالغان ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھەرىكەت ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ، كەسپىي سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش نىيىتىگە كەلدى ۋەتۇنىس شارائىتىدا كەسپىي سىياسەتنىڭ پارتىيەنىڭ لائىكلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىشىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىدىغانلىقىغا قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر