دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى

نىيىتى ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنىڭلار ھەم دۇنيالىق، ھەم ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگىنىڭلاردۇر.

406604
دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى كېسەل بولۇپ قالغان بىر ساھابىنى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭدىن قانداق دۇئا قىلغانلىقىنى سورىدى. ئۇ ساھابە: «ئى ئاللاھ! مېنى ئاخىرەتتە نېمە بىلەن جازالىماقچى بولساڭ، ئۇ جازانى ھازىردىن باشلاپلا مۇشۇ دۇنيادا بەرگىن، دەپ دۇئا قىلدىم» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق دۇئا قىلماسلىق ھەققىدە ئۇنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن! بىزنى جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن» (سۈرە بەقەرە 201 - ئايەت) دەپ دۇئا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. (مۇسلىم)
ئەسلىدە بۇ دۇئا، قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئۆزى بىزگە ئۆگەتكەن ئۇلۇغ دۇئا بولۇپ، مۆتىدىللىكنىڭ، ئاللاھقا يالۋۇرۇش ۋە ئىبادەتنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۈلگىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، بۇ دۇئا ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇققا ئىگە بىر پوزىتسىيە ئۆلچىمىگە دىققەتنى تارتقان ئىدى.
بۇ دۇئا ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشاللىققا ئىگە قىلىدىغان نەرسىنىڭ ياخشىلىق، سالىھ ئەمەل ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى بىزگە ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. مانا بۈگۈنكى كۈندە بىزلەر بۇ دۇئانى ھەر كۈنى 5 قېتىملىق نامازىمىزدا ئوقۇيمىز. بۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە تۇتقان پوزىتىسيەمىزدە تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى ھەر دائىم تەكرارلىغان بولىمىز. دۇنيادىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى، ئاخىرەتتىكى جاۋابكارلىقىمىزنى، تارازىنى، پېلسىرات كۆۋرۈكىنى، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ۋە جازاسىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇمايدىغانلىقىمىزنى ئىقرار قىلغان بولىمىز.
ئەزىز مۇسۇلمانلار!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىڭنى ئاسرىغىن! ئەمما دۇنيالىق نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن!» (سۈرە قەسەس 77 - ئايەت) دەيدۇ. ئاللاھنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى، دۇنيالىق ئۈچۈن ئاخىرەتنى پېدا قىلماسلىق، ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ دۇنيانى تاشلىماسلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بىز بۇ تەلەپ قىلىنغان ئىككى دۇنيالىق ھاياتقا قارىتا پوزىتسىيەمىزدە تەڭپۇڭلۇق ئورنىتالىشىمىز لازىم. دۇنيالىق ھاياتنى ئاخىرەتلىك ھاياتتىن ئەلا بىلمەسلىكىمىز، ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈنمۇ دۇنيا ھاياتىنى تاشلىماسلىقىمىز لازىم. مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز، خۇددىي قەتئىي ئۆلمەيدىغاندەك دۇنياغا بېرىلىپ كەتمەسىلىكىمىز، ئارزۇ - ھەۋەسلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن ئۈستۈن يەرگە قويۇۋالماسلىقىمىز لازىم.
ئەزىز مۇسۇلمانلار!
دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە تۇتقان پوزىتىسيەمىزدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ئۆرنەك بولىدىغان مېساللىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادىتىمىزدە، كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا ۋە پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئۆلچەملىك بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەلىم بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى مانا بۇ تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن قول ئۈزۈپ پەقەتلا ئاخىرەت ئۈچۈن ياشاش قارارىغا كەلگەن بەزى ساھابىلەرنى «بەدەننىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە قول ئىلكىدىكى پۈتۈن نېئمەتلەرنىڭ ھەققىنى بېرىش لازىملىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. «سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىگەن كىشى مەندىن ئەمەس» (مۇسلىم) دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق تۇرمۇش ئادىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
كىشىلەر بەزىدە بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە ئېچىلغان بىر ئىشىك ئىكەنلىكىنى، بىر ئېمتىھان مەيدانى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ سالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئاخىرەتنى دەپ، توغرا بولمىغان ئېتىقادقا ئېسىلىۋېلىۋىلىپ، دۇنيانىڭ يوللۇق نېئمەتلىرىدىن ئۆزىنى ئۆزى مەھرۇم قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي قاراشلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاشقۇنلۇقلارنى دىنغا باغلىۋېلىپ، رەھىم - شەپقەت، مېھرى - مۇھەببەت بىلەن تولغان ئۇلۇغ دىنىمىزغا زوراۋانلىق، ۋەھشىيلىك ۋە قەتلىئاملار ئارقىلىق خىيانەت قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر دىننى ۋە ئىبادەتنى ئۆز روھىدىن ئاجرىتىۋېتىش ئارقىلىق تار رامكىلارغا مەھكۇم قىلىپ، پەقەت ۋە پەقەت شەكىلۋازلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. يەنە بەزىلەر دىننىڭ ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پەقەتلا ۋىجدانىي تۇيغۇدىن ئىبارەت تار رامكىغا قاماپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بارلىق قاراش ۋە چۈشەنچىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىپ كەتكەن ئۇلۇغ دىنىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتقانلىقىمىزدىن مەيدانغا كەلمەكتە.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە ياراتقان، (سۈرە رەھمان 7 - ۋە 8 - ئايەتكە قارالسۇن) ئەمما بۈگۈنكى دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ۋە تۇرمۇش ئۆلچىمىنى يوقىتۇپ قويغانلىقىنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋىتى مانا كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىغانلىرىمىز بىلىپ - بىلمەي زامانىۋى دۇنيانىڭ ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ كەيپ - ساپا سۈرۈشنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماقتىمىز. دۇنيانىڭ بىر تەرىپىدە ئىنسانلار يەيدىغان بىر نانغا زار بولۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە ئىسراپخورلۇق، بۇزۇپ - چېچىش، پەرۋاسىزلىق، مەنمەنلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بەزىلەر تېخىمۇ ئالىي، تېخىمۇ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلسا، بەزىلەر باش تىققۇدەك يەر تېپىش ئۈچۈن دېڭىز - ئوكيانلارنى بېسىپ ئۆتۈش يولىدا ئەتىگە باغلانغان ئۈمىدلىرى بىلەن قوشۇلۇپ سۇغا غەرق بولماقتا. مانا بۇ سەلىبىي ئەھاللارغا قارىتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك بىر تەڭپۇڭلۇققا ئىگە چاقىرىققا قاتتىق موھتاج بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. بىراق بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ يالغۇز چاقىرىق بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم تەۋرەنمەس ئىمان، دات باسماس يۈرەك ۋە ھارماس - تالماس پاك ئىرادە بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى قەتئىي ئەستىن چىقىرىپ قويمايلى!
ئەزىز قېرىنداشلار! قېنى ئەمىسە، ئۇلۇغ كىتابىمىز ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆگەتكەن مەزكۇر دۇئانى ئۆزىمىزگە مەشئەل قىلايلى! سۆيگۈ - مۇھەببىتىمىزدە، يۈرىكىمىزدە، ھاياتىمىزدا، ئىبادەتلىرىمىزدە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتكە بولغان قىممەت قاراشلىرىمىزدا بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ھاكىم قىلايلى! بۇ قاراش ۋە پوزىتسىيەنىڭ توغرا ۋە مەقبۇل بەندىچىلكنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى!
«نىيىتى ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنىڭلار ھەم دۇنيالىق، ھەم ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگىنىڭلاردۇر.» (ئىبنى ماجە) دېگەن ھەدىسنى ئەستىن چىقارمايلى!
خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭقۇر مەنىگە تولغان تۆۋەندىكى دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز:
«ئى ئاللاھ! مەن ئىچىدە ياشاۋاتقان، تۇرمۇشۇمنى قامداۋاتقان بۇ دۇنيالىقىمنى ھەمدە ئەبەدىيلىكىمنى ۋە ئاخىرەتلىكىمنى مېنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىك قىلىپ بەرگىن! ھاياتىمدا ھەر تۈرلۈك خەيرلىك ئىشلارنى كۆپلەپ ئېھسان قىلغىن.» (مۇسلىم)


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر