دۇنيا بىخەتەرلىكى مۇنازىرەلىرى

ئىستانبۇل بىخەتەرلىك كونفېرانسىدا، ئامېرىكىدىن ھىندىستانغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاكادېمىكلار «70 - يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەر شارىنىڭ رەھبەرلىكى» دېگەن تېما ئاستىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

406372
دۇنيا بىخەتەرلىكى مۇنازىرەلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئاكادېمىكلىرى تەرىپىدىن 3 - ۋە 5 - دېكابىر كۈنلىرى «ئىستانبۇل بىخەتەرلىك كونفېرانسى» يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئامېرىكىدىن ھىندىستانغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاكادېمىكلار «70 - يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەر شارىنىڭ رەھبەرلىكى» تېمىسى دائىرىسىدە، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرەلەشتى. ئولتۇرۇشلار، مەسلىھەت يىغىنلىرى ۋە خىزمەت يىغىنىدىن تەركىپ تاپقان كونفېرانسنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپى، ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە بولغان شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئۈچ نۇقتىلىق تېمىدىن ئىبارەت بولدى.
بىرىنچىسى، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى، خىزمەت ئىقتىدارى شۇنداقلا قىيىنچىلىقلىرى ئىدى.
سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ئاپىرىدە بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە يېتەرسىز قالماقتا ۋە چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلماقتا.

ئىككىنچىسى، يەرشارىلىشىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى، باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە باسقۇچلىرى ئىدى.

دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدىن ھالقىغان ۋە كونتروللۇقى سىرتىدا قېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر خىل پوزىتىسيە ۋە تەرتىپ - ئىنتىزاملارغا جىددىي ئېھتىياج بولماقتا. مەسىلەن، ئىنسانىي مۇداخىلىلەر، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى، يەر شارى ئىقتىسادى ۋە مالىيە سىستېمىسى، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىقلارنى گ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار دائىرىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمەكتە.
ئۈچىنچىسى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى، ھەل قىلىنىشى ياكى ھەل قىلىنماسلىقىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرى ۋە ئوينىغان روللىرى ئىدى.
بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ئاساسىي جەھەتتىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ، ئومۇملاشتۇرغاندا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ دائىرىدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ب د ت سىرتىدا ھەتتا دۆلەتلەر سىرتىدا شەكىللەنگەن ئاكتىيورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەيرى رەسمىي مۇنبەرلەر ۋە كونفېرانسلاردا ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. بۇ خىل مۇنبەرلەردىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق تەرققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلمەكتە.
دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە تېمىلىرىنى بىر قېتىملىق كونفرانستا مۇزاكىرە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ ۋە تولىمۇ مۇرەككەپ. يەنە كېلىپ، بۇنداق چېگىش ۋە دائىرىسى كەڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ھەممەيلەننى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ياكى ئىتائەت قىلدۇرالايدىغان نەزىرىيە ۋە كۆز قاراش مەۋجۇت ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئونلىغان قاراش، ئىدېئولوگىيە، نەزىرىيە ۋە پەلسەپەلەر مەۋجۇت. شۇڭا ئاكادېمىكلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىخەتەرلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مەنبەلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىخەتەرلىكنىڭ ئېنىقلىمىسىنى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «بىرەر خەۋپ ياكى تەھدىتكە قارشى خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ھەمدە شارائىتلىرىغا ئىگە بولۇش» دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. بىراق، بۇ تۇيغۇ ۋە شارائىتلارغا كىمنىڭ ياكى نېمىنىڭ ئىگە بولغانلىقى ۋەياكى ئىگە بولىدىغانلىقى جەھەتتە ئىنتايىن چوڭقۇر پىكىر ئوخشىماسلىقىلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.
رېئالىستلار، دۆلەتكە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. لىبېرالىستلار ئىنسانلارغا ۋە ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان قاراشلاردىن تەشكىل تاپقان يەر شارىلىشىش نەزىرىيەسى بولسا، بارلىق ئىنسانىيەتنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان يەر شارى جەمئىيىتىگە ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئەسلىدە مەسىلە، بىراۋنىڭ «نېمە» ياكى «كىم» لىكىدىن بەكرەك، بىخەتەرلىك مەسلىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى ئەتراپىغا مەركەزلىشىشىتىن ئىبارەتتۇر. يەنى، بىخەتەرلىكنىڭ ئوبيېكتى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە خەۋپلەرنىڭ مەنبەلىرى زادى نېمە؟ دۆلەتلەر ئىنسانلار ياكى خەلقئارا جەمئىيەت قايسى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تەھدىت ۋە خەۋپ ھېس قىلماقتا ياكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىنسانمۇ، دۆلەتمۇ؟ ۋەياكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەرتىپمۇ؟
دەرۋەقە، بىخەتەرلىك مەسلىلىرىنىڭ تېگىدە ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە ئارزۇلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن رىقابەت مەۋجۇت. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دىنىي، تارىخىي ۋە باشقا ئىھتىياجلار ئۈچۈنمۇ ئىنسانلار شەخسىي ھاياتىنى تېخىمى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا كۈرەش قىلىدۇ. بۇ كۈرەشنى ھۇجۇم تۈسىنى ئالغان نۇقتىغا ئۆرلىتىدىغان تەھدىتسىمان ۋە خەۋپلىك پوزىتسىيەلەر بىخەتەرلىك مەسلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كۈرەشلەر ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتلەردىن ھالقىپ، دۆلەتلەر ئارا كۈرەشكە ئايلىنىپ كەتكەن ئەھۋالدا بولسا، خەلقئارا خاتىرجەمسىزلىك مەيدانغا كېلىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي كۈچى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە قارشى جېدەلخور پوزىتسىيە تۇتۇشى ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەلىرى ۋە زېمىنىغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشى ۋەياكى ئىمپېرىيالىزمنى يولغا قويۇشى... قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ خىل بىر – بىرىنى چۈشەنمەسلىكلەردىن ئاپىرىدە بولىدۇ.
بەزى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋە ياكى دۆلەتلەرنىڭ جېدەلخور پوزىتسىيەلىرى تۈپەيلىدىن ئەمەس، پۈتۈنلەي تەبىئىي تۇرمۇش شارائىتلىرىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن؛ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، مۇھىت بۇلغىنىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى... قاتارلىقلارمۇ يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسلىسى دائىرىسىگە كىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى پەقەتلا بىر گۇرۇپپا ئىنسانلار، مۇئەييەن مىللەت ۋە مەلۇم بىرەر دۆلەتكە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە ئوخشاش شەكىل ۋە نىسبەتتە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.
ھەر قېتىملىق بىخەتەرلىك مۇنازىرەلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى، بۇ خەۋپلەر ۋە تەھدىتلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتىن ئىبارەت بولماقتا. بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان نەزىرىيە، ئىدارە - ئورگانلار، ئىنتىزام ۋە ئىجرائاتلار ھەرىكەتكە سېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىرىنىڭ مۇتلەق ھەل قىلىش چارىسى بولالمايۋاتقانلىقىنى ئاسانلا ئېيتقىلى بولىدۇ. شۇڭا چوڭقۇر تالاش - تارتىش ۋە مۇنازىرەلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېمىلاردا ئۇزۇن سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن قىسقا، مېغىزلىق سۆزلەرنى قىلىشنىڭ پايدىسى كۆپرەك بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا بارلىق دىنلارنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلارنىڭ «ياخشى ئادەم يېتىشتۈرۈش» كە ئالاقىدار ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش تولىمۇ پايدىلىق. مەسىلەن؛ ئىسلامدىكى «مۇسۇلمان، قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقىلار خاتىرجەم بولالىغان كىشىدۇر» دېگەن ھەدىس، بىخەتەرلىك مۇنازىرەلىرى جەھەتتىن ياخشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا سۇنماقتا. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەدىستە «شەخسىيەتچىلىك، ئاشقۇنلۇق، يامانلىق، ئازغۇنلۇق، جېدەلخورلۇق» دېگەنگە ئوخشاش تەھدىت مەنبەلىرىنىڭ ئورنىغا «ياخشى نىيەت، ۋىجدان، ئەخلاق - پەزىلەت، ئادالەت، ياخشىلىقتا ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە كەمتەرلىك...» دېگەنگە ئوخشاش خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچلىك بولۇش قىممەت قاراشلىرى ئومۇملاشقان تەقدىردە، دۇنيانىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر