ئۇيغۇر ئېلى ۋە رۇسىيە كېلىشىمى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1949 – يىلنىڭ باشلىرىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ كېلىشىم لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

405626
ئۇيغۇر ئېلى ۋە رۇسىيە كېلىشىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇيغۇر ئېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا سودىسىنىڭ %80 نى رۇسىيە بىلەن قىلاتتى. ھىندىستان ۋە خىتاي بىلەن ئاز سودا قىلاتتى. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتقا سېتىلغان ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى رۇسىيە ئالاتتى. 1948-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە رۇسيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاجىزلىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىمۇ سۇسلىشىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خام ئەشيالار بازارسىز قالىدۇ. سودىگەرلەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى 1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن رۇسيە ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ۋە بەزى كان بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي-رۇسيە ھەمكارلىقىدىكى شىركەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. رۇسلار خىتايلارنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمايدۇ. 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا گومىنداڭنىڭ كوممۇنىستلار ئالدىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىدە رۇسلارغا يىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رۇسلار بىرلا ۋاقىتتا سودا كېلىشىمى تۈزۈش؛ نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئېچىش ۋە باشقا نېفىت مەنبەلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن شىركەت قۇرۇش، قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى ئىزدەش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن شىركەت قۇرۇش كېلىشىمى؛ ھاۋا تىرانسپورت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمىدىن ئىبارەت ئۈچ كېلىشىم لاھىيەسىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسلىمىلىرىدە يېزىلىشىچە، بۇ لاھىيەلەردىكى شەرتلەر مۇستەقىل بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ، بىراق گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قىيىن شارائىتتا بولغانلىقتىن بۇ كېلىشىملەرنى رەت قىلالماي، رۇسىيە ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت تەشكىللىگەن.خىتاي ھەيئىتى ئىچىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ ئورۇن ئالغان. ئىككى ھەيئەت 1949-يىلى 10-فېۋرالدا ئۈرۈمچىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مۇھىم ماددىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تىجارەت جەھەتتە:
بىرىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا شىركەتلىرى يەرلىك سودىگەرلەر ۋە شىركەتلەر بىلەن ئەركىن سودا قىلالايدۇ. 2-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سودا شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىدىغان تاموژنا بېجى خىتاينىڭ ئىچكى سودا بېجىدىن كۆپ بولمايدۇ. 3-شەرقىي تۈركىستانلىق سودىگەرلەر پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى شىركەتلىرى بىلەنلا سودا كېلىشىمى تۈزەلەيدۇ.
ئىككىنچى چوڭ كېلىشىم بولسا، نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى شىركەتلىرى ساھاسىدە تۈزۈلىدۇ. 1-سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ، قانۇن پىرىنسىپىغا ئاساسەن بىرلىكتە بىر نېفىت شىركىتى ۋە كان شىركىتى قۇرىدۇ. 2 - نېفىت ۋە كان بازىلىرىدا شىركەت ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئەركىن - ئازادە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى ئۇلارغا تەۋە بولىدۇ. 3 - شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىگە ئالىدۇ. 4- شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرى رۇسلار تەرىپىدىن، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى خىتاي تەرەپتىن بېكىتىلىدۇ. 5- بۇ شىركەتلەر تەرىپىدىن قېزىپ چىقىرىلغان نېفىت ۋە قىممەتلىك كان مېتاللىرى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىغىلا سېتىلىدۇ. 6-شىركەتلەرنىڭ ئېھتىياج ھېس قىلغاندا، تۆمۈر يول، تېلېگراف ۋە تېلېفون لىنيەلىرى قۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ لىنيەلەر شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. 7-بۇ شىركەتلەرنىڭ مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ.
ئۈچىنچى كېلىشىم بولسا، ھاۋا تىرانسپورت شىركىتى كېلىشىمى بولۇپ. بۇنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1-ئورتاق مەبلەغ، بىرلىكتە چىقىرىلغان قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋا تىرانسپورت شىركىتى قۇرۇلىدۇ. 2-بۇ شىركەتلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئالمۇتا، ئۈرۈمچى، قۇمۇل ۋە نەنجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدۇ. 3-شىركەتنىڭ مۇدىرى رۇسلاردىن مۇئاۋىنى خىتايدىن بېكىتىلىدۇ. 4-بۇ شىركەتنىڭ مۇددىتى 20 يىل بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ ئىچىدە بولغان ھەيئەتتىكى بەزى كىشىلەر بۇ لايىھەلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ، دەپ قارىغاچقا بىر نەچچە ماددىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بەزى ماددىلىرىنى قوشۇش ئۈچۈن كۈچەيدۇ. بىراق، ھاۋا تىرانسپورت كېلىشىمىگە ئازىراق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 12-ئاپرېلدا ئىمزالىنىدۇ. باشقا لايىھەلەرنىڭ ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى رۇسلار قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، گومىنداڭ ھەيئىتنىڭ 6 ئايلىق ۋاقتى بۇ ئىشقا سەرپ قىلىنىدۇ. ئاخىرى خىتاي ھەيئىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئۇزۇن دوكلات تەييارلاپ، رۇسلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. 10-ئىيۇلغا كەلگەندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خىتاي ھەيئىتىنى رۇسلار بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر