دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى كۈنى

10 - دېكابىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى تەبرىكلىنىدىغان كۈن.

405512
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن ۋە باراۋەر ئىكەنلىكى پىكرىنى ئاساس قىلغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 1948 – يىلى 10- دېكابىردا، يەنى بۇنىڭدىن 67 يىل ئىلگىرى مۇشۇ كۈننى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەنىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1949- يىلى ئاپرېل ئېيىدا ب د ت باياننامىسىنى ماقۇللىدى. 1949- يىلىدىن تارتىپ دۆلىتىمىزدىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىگە ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى ھەر يىلى 10 – دېكابىردا تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
........................
كىشىلىك ھوقۇق بايرىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلىنىشىنى ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا خىرىسلىرىغا قۇل بولغان دىكتاتورلارنىڭ دۇنيانى بىر ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە ئېلىپ كېلىشى، مىليونلارچە كىشىنىڭ ئۇرۇش، سۈرگۈن، قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارنى باشتىن كەچۈرۈشى، ئىنسان بولۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھەق - ھوقۇقلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ۋە كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى كۈچكە ئىگە قىلدى.
........................
دۇنيا باشتىن كەچۈرگەن ئىككى چوڭ ئۇرۇش ۋە بۇ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پالاكەتلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىگە تەۋە ئەمەسلەرنى دۈشمەن شۇنداقلا يوقىتىپ تاشلىنىشى كېرەك بولغان جانلىقلار، دەپ قاراش چۈشەنچىسى ياتىدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق باياننامىدىسىكى روشەن پىرىنسىپلار پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ شەرىپىنى ۋە تەڭ – باراۋەرلىك ھوقۇقىنى تونۇش، دۇنيادا ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇش ھەقىقىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. قايسى تىل، دىن، ئىرق، رەڭ، دۆلەت، ئېنتىك تەۋەلىك، كىملىك ياكى سىياسىي پىكىرگە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىززەت – ئابرۇيى كاپالەت ئاستىغا ئېلىندى. بۇ كۈچكە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئالەمشۇمۇل تىنچلىقنى ياراتقىلى بولمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت ۋە دۇنيانىڭ ياشاشقا لايىق بىر جاي بولالمايدىغانلىقى روشەن ئىدى. بۇ تونۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولسا، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ سوراقلاشقا بولمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىنىڭ سىرتىدا دەپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە دۇنيانىڭ قەيىرىدە كۆرۈلسە كۆرۈلسۇن، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىشى بولدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
مودېرن جەمئىيەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ئاتالغۇلىرىنى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇن – بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق كونىترول ئاستىغا ئالغان ۋە ئىشلەيدىغانلارنىڭمۇ ھەق – ھوقۇقلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندۇر. ھەرقانداق بىر باشلىق ياكى مەسئۇلنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىسىنى ئەقىلغە، مەنتىققە سىغمايدىغان ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوقتۇر. ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ بۇنداق بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوقتۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، تۈركىيەمۇ قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان بولىدۇ. ھېچقانداق بىر باشلىق ئىشچى – خىزمەتچىسىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان، خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا كەمسىتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. تىنچلىق، ھۇزۇر ، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھەممە ياقتا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغاندىلا ئاندىن ئىش ئورۇنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈركىيەدە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۇدا بىرقانچە قېتىم ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈزۈلۈپ، ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتىدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى. بۇ ساھەدە دۇنياغا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۈلگە بولالىغۇدەك دەرىجىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. تۈركىيە يېقىندىن بۇيان بىر تەرەپتىن، كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلار سايىسىدا دۆلەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىزدەش ئېڭىنى ئۆستۈرمەكتە. نەتىجىدە، «دۆلەتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ئىنساننى ياشاتقىن» پىرىپسىپىغا ئاساسەن مەھكەم يىلتىز تارتقان ئۇلۇغۋار ئەنئەنىمىز، زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار قانۇن – بەلگىلىمە ئۆلچەملىرى بىلەن گىرەلىشىپ، يېپيېڭى تۈسكە كىرمەكتە.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق بايرىمى كۈنى مۇبارەك بولسۇن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنمايدىغان، ئۇرۇشتىن خالىي بىر دۇنيا بەرپا قىلىنىشىغا تىلەكداشمىز.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر