مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدا سۇ تېجەش ھەققىدە

مۇنچا ۋە ھاجەتخانىلاردا سۇ تېجەشتە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ۋە ئۇسۇللار توغرىسىدا

402648
مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدا سۇ تېجەش ھەققىدە

يەر شارىدا پايدىلانغىلى بولىدىغان تەبىئىي سۇ بايلىقلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە ھاۋا بۇلغىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بارغانچە ئازايماقتا. ئۆيىمىزدە ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان سۇلار نۆۋەتتە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان سۇلاردىن تەمىنلىنىدۇ. سۇنى تېجەش مەقسىتىدە ئالىدىغان ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن، ھەم سۇ بايلىقلىرىنى ھەمدە ئىقتىسادىمىزنى قوغداپ قېلىشقا پايدىسى بولىدۇ.
ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ كۆپ قىسمى قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇشقا كېتىدۇ. تۆت كىشىلىك بىر ئائىلىدە قاچا-قۇچىلانى يۇغاندا تەخمىنەن 100لېتىر سۇ كېتىدۇ. بىراق قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسى ئىشلەتكەندە پەقەتلا 12 لىتىر سۇ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قاچا-قۇچا يۇغاندا قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئىشلەتسەك سۇنى تېجەش نۇقتىسىدىن ياخشىراق بولىدۇ. قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ماشىنىغا قاچا-قۇچىلارنى لىق تولدۇرۇش كېرەك. ئازراق كىرلەنگەن قاچا-قۇچىلار ئۈچۈن قىسقا ۋە تۆۋەن گىرادۇسلۇق پىروگراممىنى تاللاش لازىم.
قاچا-قۇچىلارنى قولدا يۇغان ئەھۋالدا، سوپۇنى ئەڭ ئاز مىقداردا ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قاچا چايقاشقا كېتىدىغان سۇنىڭ مىقتارى ئاز بولىدۇ. قاچا-قۇچا چايقىغاندا ئېقىپ كەتكەن سۇنى داسقا ئېلىپ ھاجەتخانا ياكى مۇنچىنى تازىلاشتا ئىشلەتسەك بولىدۇ.
مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى يۇغاندا تۇرۇبىدىن ئاققان سۇنىڭ ئورنىغا ئىچىگە سۇ توشقۇزۇلغان داس ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ خېلى مىقداردا سۇنىڭ تېجىلىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە داستا قالغان سۇنى گۈل سۇغۇرۇش، بالكون يۇيۇش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئوخشاشلا، پالەك قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يۇغاندا سۇغا ئاچچىق سۇ قويساق، بۇ كۆكتاتلاردىكى كىرلەر بۇرۇنراق چىقىپ كېتىدۇ.
بىز ئالىدىغان بۇ ئاددىيغىنە تەدبىرلەر بىلەن ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان سۇنى قوغداشقا ھەسسە قوشقان بولىمىز. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، سۇنى قوغداش ھاياتلىقنى قوغداش دېمەكتۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر