سۈرىيە تۈركمەنلىرى قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچار بولماقتا

تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان سۈرىيەنىڭ بايىر – بۇجاك تۈركمەنلىرى قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

421109
سۈرىيە تۈركمەنلىرى قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچار بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ئانا يۇرتى ھېسابلىنىدىغان بايىر- بۇجاكنىڭ ئاجىسۇ، فىرىنلىق، بولۇپمۇ قىزىلتاغ رايونلىرى رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قىزىلتاغقا يېقىن تۆپىلىكلەرگە تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئەسكەر چۈشۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، گىممام ۋە زۇۋەيق يېزىلىرى، ئاجىسۇ دوقمۇشى ۋە قىزىلتانىڭ بىر قىسمى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھاكىمىيەت كۈچلىرى قىزىلتاغنى تولۇق قولىغا كىرگۈزۈۋالسا، 10 تۈركمەن يېزىسى زەمبىرەك ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئەسەد كۈچلىرىنىڭ نىشانىدىكى يەنە بىر يەر بولسا، ئاجىسۇ رايونى بولۇپ، ئۇ دېڭىز قىرغىقى بىلەن تۈركمەن قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شىمالىي لىنىيە ئارىسىدىكى ئاخىرقى جاي ھېسابلىنىدۇ.

تۈركمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان لازىقىييە شەھىرىنىڭ بايىر – بۇجاك رايونىدىكى تۈركمەن تېغى، تۈركمەنلەر ئەسەدكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئورۇن. رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەسەد بايىر – بۇجاكنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋالغان تەقدىردە، ئاق دېڭىزنىڭ قىرغاق شەھىرىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن بولىدۇ.

شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان مەزكۇر رايون تۈركىيە چېگراسىغا پەقەت 5 كىلومېتىرلا كېلىدۇ. ئەنقەرە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ناھايىتى جىددىي قارىماقتا. تۈركىيەنىڭ نول نۇقتىسىغا خاتاي – يايلاداغى تەرىپىدىن كەلگەن 5500 كىشى يامادى لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خوتۇن – بالىلىرىنى تۈركىيەدە قويۇپ قويغان تۈركمەنلەر ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ۋەتەنلىرىگە قايتتى. لېكىن، بايىر – بۇجاك رايونىدىكى تۈركمەن قىسىملىرى - سۇلتان ئابدۇلھەمدى بىرىگاداسىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.

لازىقىييە بىلەن ئىدلىبنىڭ ئارىسىدىكى رايوندا سۇلتان ئابدۇلھەمىد بىرىگاداسىدىن باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيە قانىتى نۇسرە فىرونتى بىلەن ئەھرارۇششام كۈچلىرىگە قاراشلىق فەتىھ ئارمىيەسى كۈچلىرىمۇ بار. ھاكىمىيەت تەرەپتە بولسا، سۈرىيە مۇنتىزم قىسىملىرىدىن باشقا ئىران ۋە ھىزبۇللاھ ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن كەلگەن شىئە جەڭچىلەرنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى كىم؟

ياۋۇز سۇلتان سەلىم 1516- يىلى سۈرىيە زېمىنلىرىنى ئوسمانلىغا بويسۇندۇردى. رايون 402 يىل بويىچە تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇردى. بۇ جەرياندا تۈركمەنلەرنىڭ سۈرىيەدە ئولتۇراقلىشىشى بارغانچە كۈچەيدى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتى، نەتىجىدە رايوندا كۆزگە كۆرىنەرلىك تۈركمەن نوپۇسى شەكىللەندى. سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەنەفىي مەزھىپىگە ئەگىشىدۇ.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر