مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدا سۇ تېجەش

مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدا سۇ تېجەش ئۈچۈن ئېلىشقا تىگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە

411199
مۇنچا ۋە ھاجەتخانىدا سۇ تېجەش

ئۆيلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ تەخمىنەن 60%ى مۇنچا ۋە ھاجەتخانىلاردا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ جايلاردا سۇنى تېجەشلىك بىلەن ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.
مۇنچىدا سۇ تېجەش ئۈچۈن چېلەك بىلەن يۇيۇنۇش ياكى چوڭ داسقا سۇ توشقۇزۇشنىڭ ئورنىغا بىۋاستە مۇنچىغا چۈشۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىمۇ سۇ تېجىگىلى بولىدۇ.
مۇنچىغا چۈشۈش ۋاقىتىنى قىسقارتقاندا سۇ تېجىگىلى بولىدۇ، مۇنچىغا چۈشكەندە بىر مىنۇت بۇرۇن ئىشىمىزنى تۈگەتسەك بىر يىلدا تەخمىنەن 5 توننا سۇ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. چىش چوتكىلىغاندا ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىمىزنى ئالغاندا سۇ بىكارغا ئاققاندا يىلدا كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە 12 توننا سۇنىڭ ئىسراپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، بۇ ئىسراپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چىش چوتكىلىغاندا تۇرۇبا جۆمۈكىنى ئېتىۋېتىش لازىم، ساقال-بۇرۇت ئالغاندا تۇرۇبا بىلەن ئەمەس، كىچىك كۇرۇشكىغا سۇ ئېلىپ ئىشلەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
مۇنچا ۋە ھاجەتخانىغا ئىشلىتىلگەن قاپقاقلارنىڭ قوش قانات بولۇشىغا كېرەك يوق. سىفون نەيچىسىگە ئىچى سۇغا توشقۇزۇلغان بوتۇلكا قويۇش ئارقىلىقمۇ سۇ تېجىگىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدە يىلدا تەخمىنەن 2 توننا سۇ تېجەش مۇمكىن. سۇنىڭ بىكارغا ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھاجەتخانىلارنى ئەخلەتخانىدە ئىشلەتمەسلىك ۋە سىفون نەيچىسىنى كېرەكسىز يەرگە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، سۇنى قوغداش ھاياتلىقنى قوغداش دېگەنلىكتۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر