ب د ت 70 – ئومۇمىي كېڭىشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇ، تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىنىڭ  (رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 ئەزا دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالقىنىدا ئىكەنلىكىدۇر.

389809
ب د ت 70 – ئومۇمىي كېڭىشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى

 

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 144
«ب د ت 70 – ئومۇمىي كېڭىشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى»


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغىنى مانا ھازىر 70 يىل بولۇپ قالدى. ب د ت نىڭ ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى 1946 – يىلى لوندوندا ئېچىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئورنى داۋاملىق تۈردە نىيۇيورك بولۇپ كەلدى. بۇ 70 يىل ئىچىدە نە ب د ت، نە ئومۇمىي كېڭىشى تەشكىلاتنىڭ قۇرلۇشتىكى تۈپ نىشانى بولغان دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈتۈلگەندەك خىزمەت كۆرسىتەلمىدى.
ئومۇمىي كېڭەش «ھەر بىر ئەزا دۆلەت، بىر ئورۇندۇق، بىر ئاۋاز ھسابلىنىدۇ» پىرىنسىپى بويىچە ئەزالارنىڭ باراۋەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. گەرچە مۇنداقلا بىر قاراشتا ئومۇمىي كېڭەش، ب د ت نىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئورگىنىدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئىجرا قىلىشقا ۋە نەتىجىگە كەلگەندە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئومۇمىي كېڭەش نە ئەزالىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى تەڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا نەتىجىلىك ھەل قىلالىغان ئەمەس، نە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ئوخشاش سەۋىيەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ باققان ئەمەس. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئومۇمىي كېڭەش بارلىق دۆلەتلەرنى قانائەت قىلدۇرالىغۇدەك خىزمەت ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا قويالماي كەلمەكتە.
بۇنىڭ ئەڭ يېڭى پاكىتى سۈپىتىدە 1990 – يىللىرىدىكى بوسنا ئۇرۇشىنى شۇنداقلا 5 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. تېخىمۇ تېپىك ۋە تىرادېگىيەلىك مىسال بولسا، ب د ت نىڭ ئۆزى ئىجاد قىلىپ چىققان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىشغالىيەتلىرىنى، قانۇننى ئاياق ئاستى قىلىشلىرىنى ۋە زوۋارانلىقلىرىنى توختىتالماسلىقىدۇر. ئەلۋەتتە خۇسۇسەن ئومۇمىي كېڭەشنىڭ ۋە ئومۇمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېمە ئۈچۈن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ. شۇڭا ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرسى بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** *** **** *** *** *** *** *** *** *** ***
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇ، تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقىنىڭ نورمالدا ئومۇمىي كېڭەشنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 ئەزا دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالقىنىدا ئىكەنلىكىدۇر. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئىدارە قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئورگىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا تېخىمۇ مۇھىمى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرەر مەسىلىدە قارار ماقوللىيالىشى ئۈچۈن 5 دائىمىي ئەزا (يەنى ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە)نىڭ بىردەك ئاۋاز بەرگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتى 5 دائىمى ئەزانىڭ ئايرىم ئايرىم ئىنساپىغا قالغان بىر ئىش. ئەگەر دائىمىي ئەزالاردىن بىرسى رەت قىلىدىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت قىلالىشى مۇمكىن بولمايدۇ. 1990 – يىللىرىدا بوسنىيە ئۇرۇشى ۋە ھازىر سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ھەل قىلىنالمايۋاتقانلىقىمۇ دەل مانا شۇنداق قۇلۇپلىنىپ ياكى تورمۇزلىنىپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكلتۇر.
بۇ غەلىتە قۇرۇلمىنىڭ كونكېرت دەلىللىرى 70 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەشتە رەھبەرلەرنىڭ قىلغان سۆزلىرىدە ئېنىق بىر شەكىلدە نامايان بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنياغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن دۆلەت رەھبەرلىرى مەسىلىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەل بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يالغۇز رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ئوباما بىلەن پۇتىننىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ قانداق ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى نامايان بولدى. ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ قىلىش مەسىلىسىدە بىردەك پىكىرگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئېغىر پىكرى ئىختىلاپلارغا ئىگە. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم مەسلىسىگە ئايلانغان سۈرىيە، ئۇكرائىنا، يەمەن ئۇرۇشلىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىختىلاپلىرى داۋاملاشماقتا. دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن – پىرىنسىپ، دېموكراتىيە، كېلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، سىجىل تەرەققىيات دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە كۆرە ئەمەس، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسلىلىرىنى ھەل قىلماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇش ۋە مەنپەئەت تالىشىشتىن ئىبارەتتۇر. چوڭ دۆلەتلەر كونتىرول قىلىۋاتقان دۇنيا سىستېمىسى يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنتىزامسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭا دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشنى توسۇپ قالالىغۇدەك پەقۇلئاددە ھوقۇقلۇق ئورگان ياكى قائىدە - قانۇن مېخانىزمى شەكىللەنمىدى، ياكى قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتماقتا. يېغىپ ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق قوللىيالايدىغان بىر خەلقئارالىق قىممەت قاراش سىستېمىسى شەكىللەنگىنى يوق. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، بۇ مالىمان ۋەزىيەتتىن ئاپىرىدە بولغان ئاقىۋەتلەر ۋە ئىقتىسادىي چىقىملارنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ زىيانلارغا قارىماستىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتالماسلىقىدۇر.
نەخ ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماسلىقىنىڭ نۇقتىلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى ئۇرۇشتا كۆرۈلگەن زېياننىڭ دۆلەتلەرگە كۆرە ئوخشاش بولماسلىقىدۇر. بارلىق دۆلەتلەر بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىگە كۆپ زېيىنى بولمىغان ئۇرۇشلارغا نىسبەتەن تاماشا كۆرۈش پوزىتسىيەسى تۇتۇپ بىلەن كۇپايىلەنمەكتە. ياكى مەنپەئەتلىرىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، كېرەكلىك خىزمەتلەرنى كۆرسەتمەيۋاتماقتا. قانداقلا چاغدا بىر توقۇنۇش دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن جىددىي قەدەملەر تاشلانماقتا.
بۇنىڭ ئەڭ تېپىك مىسالى، 5 يىلدىن بۇيان داۋملىشىۋاتقان سۈرىيە مەسىلىسىگە تۈنجى قېتىم بۇ يىل جىددىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلقىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىدۇر. بۇنداق بولىشىدىمۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەپ، پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشكە باشلىغانلىقى ۋە ئارقىدىنلا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدۇر. 5+1 دۆلەتلەر بىلەن ئىراننىڭ بىر - بىرىنىڭ ئىقىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن يادرو كېلىشىمى تۈزگەنلىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەھۋال.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىلىدا ئومۇمىي كېڭەشنىڭ دۇنياغا قوشىدىغان تۆھپىسى، پەقەت ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسى بىلەن تەڭ تاناسىپلىق بولۇپ، ب د ت ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئورگانلار، ئەزا دۆلەتلەر ئارا بىردەكلىكنى ئىشقا ئاشۇرماي تۇرۇپ، ھېچ قانداق ئۇتۇقنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئۆزئارا كېلىشەلىگەن مۇييەن نۇقتىلاردىلا مەلۇم دەرىجىدە تەسىرىنى نامايان قىلالىشى مۇمكىن. مانا بۇ سەۋەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر قايسى دۆلەت سىستېمىلىرىنىڭ تىنچلىققا يۈزلەندۈرۈلگەن شەكىلدە ئىسلاھ قىلىنىشى لازىم.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر