دۇنيا تىنچلىق كۈنى

تۆۋەندە دۇنيا تىنچلىق كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان مەخسۇس پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

392087
دۇنيا تىنچلىق كۈنى

 

دۇنيا تىنچلىق كۈنى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە دۇنيا تىنچلىق كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان مەخسۇس پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن دۇنيا تىنچلىق كۈنى، ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئۇرۇش، بۇلاڭ – تالاڭ ۋە قەتلىئاملارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ كەلدى. كىمنىڭ كىمگە كۈچى يەتسە، شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. ئىنسانلارنى ئۆلتۈردى. شەھەر، يېزىلارنى كۆيدۈردى ۋە ئۆرۈپ ۋەيران قىلدى. ھەر تۈرلۈك تاجاۋۇزچىلىق، تالان - تاراجلار گويا بىراۋنىڭ ھەققىدەك بىلىندى. 20 – ئەسىرگە كەلگەندە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل ئۇرۇشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار تىنچلىق سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش چىقماستىن ياكى يېيىلىپ كەتمەستىنلا چۈشۈنۈشمەسلىكلەر ھەل قىلنىدىغان بولدى. تالاش - تارتىشلىق رايونلارغا بىرلەشكەن تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى توختىتىپ قالالايدىغان بولدى.
*** *** ** **** *** **** ****
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1981 – يىلىدا ئومۇمىي كېڭەشنىڭ ئېچىلىش كۈنى ھېسابلىنىدىغان ھەر يىلى سىنتەبىر ئېيىنىڭ 3 – سەيشەنبە كۈنىنى «خەلقئارا تىنچلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى. كېيىنچە يەنى 2001 – يىلىدا سېنتەبىرنىڭ 21 – كۈنى «دۇنيا تىنچلىق كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىندى. شۇ كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرىدە تۇقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈنكى كۈن «دۇنيا تىنچلىق كۈنى» بولۇپ خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
*** *** *** *** *** *** **** ***
دەرۋەقە، مۇقەددەس كىتاپلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق قوبۇل قىلىنغان ھابىل بىلەن قابىلنىڭ ھېكايىسىنى سىلەرمۇ كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ھسابىلىنىدىغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قابىل شەيتاننىڭ ئۆزدۇرۇشى تۈپەيلى ئۆز قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ تۈنجى جىنايەت، يەنى قېرىنداشنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، بارلىق ئۇرۇش ۋە جىنايەتلەرنىڭ ئانىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەت تارىخى تاجاۋۇزچىلىق، ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، تالان - تاراج ۋە قەتلىئاملارنىڭ تارىخى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇرۇشتا ئادالەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. جېنىنى ساقلاپ قىلىش كۆچۈشتىن باشقا تاللاش قالمايدۇ. مانا ھازىرمۇ تۈركىيەدە، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالالايمىز. ئەسىلىدە ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىقتىساد بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېمىن ئىگەللەش ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېشلىتىش دۆلەتنى كۈچلەندۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ كۈچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۇل ۋە ئىقتىىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دىن نامىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردىمۇ خۇددى ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش كۆرۈنۈشتە دىنىي سەۋەبتەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتە ھەقىقىي سەۋەب ئىقتىساد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغانلىرى ئوخشاش دىندىكى ئوخشاش بولمىغان ئېقىملار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار بولۇپ، ياۋروپادا خىرىستىيان دىنىغا تەۋە كاتولىك مەزھىبى بىلەن پىروتېستان مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق ئۇرۇش ئەسىرلەرگىچە توختىماي داۋاملاشقان ئىدى. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مەزھەپ توقۇنۇشلىرىمۇ تارىختىن ئورۇن ئالغان ۋە بۇ خىل توقۇنۇشلاردىن قوغدىنىش ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر چېگراغا ئارمىيە يۆتكەپ قوغداشقا مەجبۇر بولغان بولسان يەنە بەزىلەر خۇددى سەددىچىن سىپىلىغا ئوخشاش سىپىل ۋە قەلئەلەرنى ياساشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت دۆلەتنىڭ ۋە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىدى.
*** *** **** **** *** *** *** ****
20 – ئەسىرگە كەلگەندە ئىقتىسادىي سەۋەپلەر بىلەن باشلانغان مۇستەملىكە رىقابەتلىرىدىن باشقا يەنە گېرمانىيەنىڭ كېڭەيمىچىلى نەتىجىسىدە دەسلەپتە 1 – دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. بۇ ئۇشتا گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئېغىر ئېمبارگولار يۈزگۈزۈلۈپ ئارىدىن 20 يىل ئۆتمەيلا 2- دۇنيا ئۇرۇشى باش كۆتۈردى. دۇنيادا ئارىقمۇ - ئارىقىدىن يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان رايون ئىنتايىن ئاز دېيەرلىك. ياۋروپادا بومباردىمان قىلىنمىغان ھېچ بىر شەھەر قالمىدى. بۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە ئاتقان 2 ئاتوم بومبىسى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆز نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىدىغان باسقۇچقا ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭىن كېيىن ئىنتايىن تېز ئومۇملىشىشقا باشلىغان يادرو قوراللار بىلەن سوغۇق ئۇرۇش، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول ئاچتى. بىراق 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتتا ۋىتو ھەققىگە ئىگە ئىمتىيازلىق ئەزا ھېسابلىنىشى تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. چۈنكى رۇسىيەمۇ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارار ماقۇللىشىغا توسالغۇ بولايدۇ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىمۇ خالىغان چاغدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماقۇللاپ بولغان قارارلىرىنى ۋىتو (يەنى رەت) قىلىۋېتەلەيدۇ. پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەگە قارشى ماقۇللانغان قارارمۇ شۇ ۋەجىدىن ھېچ بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىنماي كەلمەكتە.
قىسقىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا گارانتورلۇق رولىنى ئويناۋاتقاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش ئىجرا كۈچى بولمىغان قارالارنى ماقۇللاش بىلەن ئاۋرە بولۇپ يۈرمەكتە. ماقۇللانغان ئەيىبلەش قارارلىرىمۇ قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، رەسمىي قانۇنلىشالماي كەلمەكتە. خەلقئاراغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئەھۋاللار، تىنچلىققا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
بىز تۈركىيەمۇ تەنقىتلەپ كېلىۋاتقان بۇ ئادالەتسىزلىكنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىغا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا تىلەكداشمىز. ئۇرۇش، قان ۋە كۆز يېشى بولمىغان شۇنداقلا تىنچلىق بىلەن تولغان بىر يېڭى دۇنيا ئۈمىدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ «دۇنيا تىنچلىق كۈنىڭلار» نى تەبرىكلەيمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر