كۆچمەنلەر كىرىزىسى، ياۋروپا ۋە دۇنيا سىستېمىسى

بودرۇمنىڭ دېڭىز ساھىلىغا چىقىپ قالغان 3 ياشلىق ئايلان كوردى ئىسىملىك سەبىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ  ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

377908
كۆچمەنلەر كىرىزىسى، ياۋروپا ۋە دۇنيا سىستېمىسى

 

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 141
«كۆچمەنلەر كىرىزى،ياۋروپا ۋە دۇنيا سىستېمىسى»

 

2015 - يىلى 3 – سىنتەبىردە پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان بىر فوتوسۈرەت، مۇرەككەپلەشكەن كۆچمەن مەسىلىسىنىڭ ئىچىنىشلىق يۈزىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ ياۋروپادىن پاناھلىق تىلەش يولىدا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىكى 3 ياشلىق ئايلان كوردى ئىسىملىك بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتى بودرۇم دېڭىز ساھىلىغا چىقىپ قالدى. ساھىلدا بېشى دېڭىز تەرەپكە قارالغان ۋە دۈم ياتقان شەكىلدە سۈرەتكە ئېلىنغان بىچارە ئايلىننىڭ رەسىمى، قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاجىئەسىنى قەتئىي ئۇنتۇلغۇسىز بىر شەكىلدە نامايان قىلىپ بەردى. بۇ كۆرۈنۈش يالغۇز بۈگۈنلا ئەمەس، بەلكى يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان كۆرۈنىۋاتقان، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەقۇلئاددە ئەۋجىگە چىققان پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىپادىسى ئىدى. ھەر كۈنى خەلقئارا مېدىيادا قانچىلىغان بەتلەرنى قاپلىغان خەۋەلەردىكىگە ئوخشاش سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قاچقان مىڭلىغان قۇربانلار، خاتىرجەم ياشىيالايدىغان دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە تىرىشماقتا. بىراق ئەپسۇسكى، بۇ كۆچۈشلەر ھەرگىزمۇ ئارزۇلاپ كۆچۈشنى ئاساس قىلمايدۇ، كۆچۈش نىشانى ۋە جەريانلىرىمۇ خاتىرجەم ساغلام بىر شەكىلدە ئەمەس، ھەتتا كۆچۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرەر رەت تەرتىپىمۇ يوق.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** **** ***** * ***** **** *****
يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى بويلىغان ھالدا كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە مۇنداق ئۇچ نۇقتىدىن قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ:
1 - كۆچمەنلەر ياكى پاناھلانغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئۆز دۆلىتىنى خالاپ تاشلاپ چېقىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئىچكى ئۇرۇش مۇھىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قانداقتۇر پەقەتلا ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھاياتىنى قوغداپ قىلىشقا ئوخشاش ئەڭ ئاددى تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئۆيلىرىدىن ۋە يۈرت -ماكانلىرىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقنىڭ چاڭگىلىدا مۇجۇلغان ئىنسانلار بەزىدە قارشى تەرەپتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ئىككى ئاتەش ئارىسىدا قالغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بەزىدە ئۇرۇشىۋاتقان تەرەپلەر زورلىغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى نىشانى تەبىئىي ھالدا تىنچ، خاتىرجەم ياشىيالايدىغان بىر دۆلەتكە كېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. نىشان قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە لىۋان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بولىدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردىكى پاناھلانغۇچىلار سانى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، مەسىلەن تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن خىراجىتىنىڭ 6 مىليار دوللاردىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئېچىش پەقەتلا خوشنا دۆلەتلەرنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە، ئىقتىسادىي خامچۆتى بۇ دۆلەتلەردىن تېخىمۇ ياخشى بولغان غەرب دۆلەتلىرى، ياۋروپا ئەللىرى، ئاسىيا ۋە باشقا قىتئە دۆلەتلىرىمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلشى لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مەلۇم شەكىلدە رول ئوينىغان ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي مەسلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەكلىكى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىسىدۇر. بىراق جۇغراپىيە جەھەتتىكى يېقىنلىقى سەۋەبىدىن بولسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىك بولغان ياۋروپا ئەللىرى ئەپسۇسكى، ئىنتايىن نەتىجىسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا. ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆچمەنلەرگە ئاساسەن دېگۈدەك ئىشىكلىرىنى تاقاپ، يېتەرلىك ماددى مەنبە بىلەن تەمىنلىمەي ۋە توغرا پوىتسىيەدە بولماي كەلمەكتە. بۇ پوزىتسىيە سەۋەبىدىن مىليونلىغان كۆچمەنلەر قانۇنسىز يوللار بىلەن قۇرۇغلۇقتىكى چېگرالاردىن بۆسۈپ ئۆتسە، يەنە بەزىلىرى ئاق دېڭىز ئارقىلىق خەتەرلىك دېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بىرىشقا تىرىشماقتا.
ئىككىنچى نۇقتا كۆچۈش باسقۇچلىرىدۇر. 3 ياشلىق ئايلان ئەنە شۇنداق كۆچۈش باسقۇچىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىسى تەبىئىيكى، ئايلاننىڭ ۋەقەسى بۇ خىل تىراگېدىيەلەرنىڭ پەقەت بىرلا مىسالى بولۇپ، بۇ كۆچمەنلىك باسقۇچلىرىدا ئۇنىڭدەك يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئىچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە. بۇ باسقۇچلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بۇ خىل قانۇنسىز كۆچمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا خەلقئالىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ توسالغۇ بولالماسلىقىدىن ئىبارەتتۇر. مەنبە دۆلەتلەر ۋە نىشاندىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى، بۇ كۆچمەنلەر ھەرىكىتىگە قارىتا ھېچ قانداق ھەل قىلىش چارىسى تاپالماي كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە قۇلاقلىرىنى يوپۇرىۋېلىشى ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئەلەملىك ۋەقەلەرگە قارىتا يېتەرلىك تەدبىرلەنى ئالماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت مىنىستىرىنىڭ «مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى خالىمايمىز» دەپ جاكارلاپ يۈرىشى ئاجايىپ ئازابلىنارلىق ئىش بولدى. ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان شۇنچە پاجىئەلەرگە قارىماستىن ھەتتا 3 ياشلىق كىچىك ئايلاننىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر رەسىمىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە كۆچمەنلەرنى تالاش - تارتىش قىلىپ يۈرىشى ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش- ئەلۋەتتە.
بۇ ۋەقەلەر ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خەلقئارا ئىنسانىي كىرىزىس پەقەتلا ئىجتىمائىي ياكى ئەخلاقىي مەسىلە سەۋىيەسىدە تۇرۇپ قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. پاۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە چارە تاپالمىغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە سىچېنگەن ۋىزىسى، (يەنى ياروپا ئىتتىپاقى بىر تۇتاش ساياھەت ۋىزىسى)نى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى تالاش - تارتىش قىلىشماقتا. بۇنىڭ مەنىسى، كۆچمەنلىك مەسىلىسى يالغۇزلا كۆچمەنلەرنىڭ مەسلىسى ئەمەس، بىر تەرەپتە بۇ مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ، يەنە بىر تەرەپتە بۇ توقۇنۇشلارغا ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغان ياۋوپا ئىتتىىپاقىنىڭ، خەلقئارا ئاكتىيورلارنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسلىسىدۇر.
سۈرىيەلىك كەنان ئىسىملىك بىر ياش پاناھلانغۇچىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان شۇ سۆزى يەنى «سىز ئۇرۇشنى توختاتقان بولسىڭىز بىز زادىلا كەلمەيتتۇق» دېگەن سۆزى تولىمۇ مەنىلىك ئېيتىلغان ۋە تولىمۇ جايىدا بىر باھا بولدى. بۇ سۆز ھەم كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، ھەم سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان ياڭراق چاقىرىق بولدى. بۇ چاقىرىقنىڭ سىياسەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى زادى قانچىلىك ئۆزىگە تارتالىشى مەلۇم ئەمەس. بىراق سۈرىيە مەسىلىسى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى، قانداقتۇر پەقەتلا خوشنا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق غەرب دۆلەتلىرىگىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى بۈگۈنى كۈندە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا تەھدىتلەر يالغۇز ئارمىيە ۋە ھەربىي كۈچلەردىنلا ئەمەس، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە پاناھلاغۇچىلار مەسىلىرىدىنمۇ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ۋە خاتىرجەملىكىنىڭ، ئىنسلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكى بىلەن تەڭ تاناسىپلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر