7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى

1928- يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسچە سىياسىي - قانۇن مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ زىياپەت مەيدانىدا، 20-ئەسىر ئۆلكە تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئوق ئاۋازى ياڭرىدى.

317573
7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1928- يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسچە سىياسىي - قانۇن مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ زىياپەت مەيدانىدا، 20-ئەسىر ئۆلكە تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئوق ئاۋازى ياڭرىدى. زىياپەت ئۈستىلىگە تاماق توشۇيدىغان كۈتكۈچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان جان ئالغۇچىنىڭ ماۋزۇرىدىن چىققان بىر قانچە پاي زەربىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى 17 يىل ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن قىمىرلاتماي ئىدارە قىلغان، مەككارلىقتا تەڭدىشى يوق، دەپ باھا بېرىلگەن مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن جەھەننەمگە يوللاندى. شۇ سورۇندا جان بەرگەنلەر ئىچىدە يەنە ياڭ زېڭشىننىڭ يېقىنلىرىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە برىگادا كوماندىرى دۇ فاروڭ ۋە يەنە بىر قانچە نەپەر ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلارمۇ بار ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە نادان قالدۇرۇش، قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە سادىق ئادەملەر ئارقىلىق ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار چارە -تەدبىرلىرى ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن سىرت يەنە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىپلىرى ۋە ئۆزى ئۈچۈن زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان شەخسلەرنى ھەر خىل ھىيلە -نەيرەڭلىك ۋاسىتىلەر بىلەن يوقىتىپ، 17 يىل مۇستەبىت تۈزۈم ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان ياڭ زېڭشىن ھەر قانچە قۇۋ ۋە ھۇشيار بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۆزىگە قۇرۇلغان مەزكۇر سۇيىقەست تۇزۇقىنى ئالدىن سىزەلمىگەن ئىدى.
ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلكە ھاكىمىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقچى بولغان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ ياڭ زېڭشىننىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلاردىن بىرى، يەنى ئۆلكە ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، دىپلوماتىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ھەم رۇسچە سىياسىي - قانۇن مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان پەن ياۋنەن ئىكەنلىكى تارىخىي ئەسەرلەردە ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە.
ھازىرغىچە، «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ھەققىدە تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ۋە پەن ياۋنەن ھەققىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانىدىمۇ بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلەر يەنە، «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» نىڭ دەسلەپكى سانلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغاندىن سىرت، چەت ئەل ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېۋ فوربېسنىڭ ئۆز كىتابىدا بايان قىلىشىچە ۋە باشقا رەسمىي تارىخلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى ياڭ زېڭشىن نەنجىڭدىكى جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، 6 كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رۇسچە سىياسىي – قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي تارىخچىلىرىدىن ۋاڭ يۈخەننىڭ كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇراسىمغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ۋە ئۆلكە رەئىسى ياڭ زېڭشىن، ھەر قايسى نازارەتلەرنىڭ نازىرلىرى، بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرى، ھەربىي ساھەلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسولى قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى زالىدا مەخسۇس ئۈچ ئۈستەللىك زىياپەت تەييارلانغان بولۇپ، زىياپەتكە ياڭ زېڭشىن، پەن ياۋنەن، ئۈرۈمچى ۋالىيسى لى روڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرىگادا كوماندىرى دۇ فاروڭ ۋە سوۋېت كونسولى قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىدۇ. ياڭ زېڭشىننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئالدىنقى خانىدا مەخسۇس ئۈستەل تەييارلىنىدۇ. زىياپەت باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۈتكۈچىلەر ئوق چىقىرىپ، ياڭ زېڭشىن قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ. ئەمما، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى كونسولى ۋە پەن ياۋنەنگە ئوق چىقارمايدۇ.
ئەسلىمىلەر ۋە تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەن ياۋنەن دەرھال 30 نەچچە ئادەمنى باشلاپ، ياڭ زېڭشىننىڭ مەھكىمىسىگە بېرىپ، ھەر قايسى نازىرلارنى بۇ يەرگە چاقىرىپ يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن ئالدىن ئايرىلغان جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ تېزلىكتە ھەربىي كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پەن ياۋنەن ئىگىلىگەن ھەربىي تۇتۇق مەھكىمىسىنى قورشىۋالىدۇ. بۇ ئىشنى ھەربىيلەردىن بىرىگادا كوماندىرى دۇ فاروڭنىڭ ئوغلى دۇ يىڭگو ئىشقا ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قاتتىق جەڭ يۈز بېرىپ، پەن ياۋنەننىڭ ئادەملىرىنىڭ بىر قىسىمى ئۆلۈپ، پەن ياۋنەن قاتارلىق 21 ئادەم ئەسىرگە چۈشىدۇ.
جىن شۇرېن بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن ھەربىي سوت ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما پەن ياۋنەن ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قالمايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭغا ۋە باشقا بىر قانچە ئاساسلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە پەن ياۋنەن ئەڭ قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئارقىدىن باشقا تۇتقۇنلارمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ
جىن شۇرېن شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى ۋە ئۆلكە رەئىسى دەپ جاكارلاپ، شۇ يىلى 11-ئايدا نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ 5 يىللىق مۇستەبىت ۋە ناھايىتى قاتتىق قول ھۆكۈمرانلىق تارىخى باشلىنىدۇ.
پەن ياۋنەننىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەر خىل بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى ئۇنىڭ قولىدا ھەربىي كۈچ يوقلۇقى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاران 30 نەچچە كىشىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياڭ زېڭشىننى يوقىتىشنى پىلانلىغان كىشىلەرنىڭ ساتقۇنلۇقى ئىدى. تارىخچىلار ئەينى ۋاقىتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ نازىرى جىن شۇرېننىڭ مەزكۇر پىلاندىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى مەيداندىن ئايرىلىپ، پۇرسەت كەتكەنلىكى، ئاخىرىدا پەن ياۋنەننى يوقىتىپ ھوقۇقنى ئۆزى ئىگىلىۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
-1928يىلىدىكى «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، تارىخچىلار ئارىسىدا پەن ياۋنەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياڭنىڭ مۇستەبىتلىكىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭىلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنىڭ بۇنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بار. يەنە بىر قىسىم تارىخچىلار بولسا ئەينى ۋاقىتتا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا خەن مىللىتىدىن كېلىپ چىققان ھۆكۈمرانلار قاتلىمى ئارىسىدا تەرەپبازلىق ۋە گۇرۇھۋازلىق زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكى، ياڭ زېڭشىننى مەركەز قىلىپ، جىن شۇرېن، دۇ فاروڭ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان «شەنشى-گەنسۇ گۇرۇھى» بىلەن پەن ياۋنەننى مەركەز قىلغان «خۇنەن گۇرۇھى» ئارىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى تالىشىش زىددىيىتى ۋە كۈرىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ دەل ئەنە شۇ زىددىيەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
-1928يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش گەرچە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مىلىتارستلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ يوقىلىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلۈكىنى پاش قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ، يەنى 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاپ، بۇ قوزغىلاڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنىڭ 20-ئەسىر سىياسىي ھاياتىدىكى زور داۋالغۇشنى ياراتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر