12 -ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى 12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشىدۇر.

344570
12 -ئاپرېل سىياسى ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1931-يىلى 2-ئايدا پارتلىغان قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبە ئىلھامى بىلەن 1933-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا قوزغىلاڭ ئوتلىرى لاۋۇلداپ، جىن شۇرىن باشچىلىقىدىكى مىلىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالاكەت باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى. 1933-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. قۇمۇل دىيارىدىكى خوجا نىياز ھاجى قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار غەرب تەرەپلەرگە كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تۇرپان تەۋەسىدە مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەنمۇ ئالاقىلار ئورنىتىلدى. ئۆلكىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن دىيارى بولسا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى، ھەمدە قەشقەردىن كۇچارغىچە بولغان رايونلاردا تۆمۈر ئېلى ۋە باشقىلار قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ھەرىكەت قىلدى. مانا مۇنداق جىددىي ۋەزىيەت شارائىتىدا، مىلىتارىست جىن شۇرىن تېخىمۇ غالجىرلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىق ئۆلكە ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ، تىنچلىق ۋە مىللىي باراۋەرلىك شوئارى ئاستىدا، قوزغىلاڭچىلارنى تىنچلاندۇرۇپ، بۇ ئۆلكىدە نەنجىڭ- گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۆلكە ئارمىيەسى ئىشىتابىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن جوڭ، ھاۋا ئارمىيە مەكتىپى باشلىقى لى شاۋتيەن ۋە ئۈرۈمچى ھاكىمى تاۋ مىڭيۈەن قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي سىياسىيونلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا تەييارلىق قىلدى. قولىدا ھەربىي كۈچى بولمىغان مەزكۇر كىشىلەر جىن شۇرىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان رۇس قوشۇنىغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىغا تايىنىش تاكتىكىسى قوللاندى.ئۇلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى رۇس قوشۇنىنىڭ قوماندانى پاپېنگوت ئارىسىدىكى مەخپىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن 12-ئاپرېل قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش رەسمىي پارتلىدى.
غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېۋ فوربېسنىڭ «مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار. شىنجاڭنىڭ1911-1949-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابىدىمۇ 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا باشقا تولۇقلىما ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرگەندە، 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىدە پاپېنگوت، موگۇتنوۋ ،ئانتونوۋ قاتارلىقلار قوماندانلىقىدىكى رۇس پولكى ئاۋانگارت قوشۇن سۈپىتىدە جىن شۇرىننىڭ دۇبەن مەھكىمىسى ۋە باشقا جايلاردىكى ھەربىي كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن كۆپ ساندا رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىدار بولۇشى بەدىلىگە ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولدى. 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە جىن شۇرىننىڭ ئاساسىي كۈچى سىرتتا تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بەنت بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن شەھەر ئىچىدە زور قوشۇن يوق ئىدى. جىن شۇرىن شەھەر سىرتىدا تۇرۇۋاتقان جىن شۇرىن قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى شېڭ شىسەينى دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى كۆزەتتى. ئىلىدىكى جاڭ پېييۈەنمۇ جىن شۇرىننىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىدى. مەغلۇپ بولغان جىن شۇرىن ئۈرۈمچىنى تاشلاپ چۆچەك تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق نەنجىڭغا كېتىۋالدى.
12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈلۈش بىلەن تەڭ، چېن جوڭ ۋە پاپېنگوت قاتارلىقلار جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. چېن جوڭ قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كەلگەن شەرقىي شىمال قوشۇنلىرىنىڭ برىگادا كوماندىرى جېڭ رۇچىڭنى جىن شۇرىننىڭ ئورنىغا چېگرا مۇداپىئە قوماندانى، يەنى دۇبەنلىككە كۆرسەتتى. ليۇ ۋېنلوڭنى بولسا ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى. بىراق، بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا ھەربىي كۈچ بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۈرۈمچى سىرتىدا تۇرۇۋاتقان، جىن شۇرىن قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان شېڭ شىسەينى دۇبەن بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. نەتىجىدە، شېڭ شىسەي 12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەربىي –سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالدى.
12 – ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، ئۆلكە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن تەشكىللىنىپ، ھۆكۈمەت كېڭىشىگە بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلغان، شۇنىڭدەك مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، مەمۇرى ھوقۇقى يەنىلا خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىدە مۇستەبىت جىن شۇرىن ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن مۇستەبىت، قۇۋ ۋە ۋەھشىي شېڭ شىسەي كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە قاراڭغۇ مەزگىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
12 – ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان رۇس پولكى، يەنى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئاق ئورۇسلار» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قوشۇن ئەسلىدە بولشېۋىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، 1920-1921-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىگە قېچىپ كەلگەن چار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا چوڭ بولغان پەرزەنتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاپ، قوزغىلاڭ تېز كېڭىيىشكە باشلىغاندا، جىن شۇرىن مەزكۇر رۇسلاردىن بىر پولك تەشكىل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنى ئىزچىل كۆپەيتكەن ئىدى. كوممۇنىستلارغا قارشى ئاتامان دۇتوۋنىڭ كوماندىرلىرىدىن پاپىنگوت، ئانتونوۋ، موگۇتنوۋ، خىلوۋسكىي ۋە باشقىلار ئاق ئورۇس قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق كوماندىرلىرىدىن ئىدى. مەزكۇر رۇس قوشۇنى باشتا جىن شۇرىن، كېيىنرەك شېڭ شىسەي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كېيىنرەك شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم كوماندىرلىرى تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ زەربە يىگەن ئىدى.
- 20ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن خىتاي تارىخچىسى سېڭ مېنۋۇنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، 12 -ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىيسەينى چىقارغان چېن جوڭ، تاۋ مىڭيۈەن ۋە لى شاۋتيەن 1933-يىلى 6-ئايدا يىغىن مەيدانىدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ئاق ئورۇس قوشۇنىنىڭ قوماندانى، پولكوۋنىك پاپىنگوتمۇ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان ھەمدە ئۆلكە چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىق ھوقۇقىنى شېڭ شىسەيگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن شەرقىي شىمال قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى جېڭ رۈنچېڭمۇ 1934-يىلى 1-ئايدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىگە ھېچقانداق بەخت ئېلىپ كېلەلمىدى. شۇنىڭدەك يەنە، 1931-يىلى باشلانغان قوزغىلاڭنى توختىتالمىدى. ئەكسىچە، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. ۋاھالەنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىردىن كېيىن، شېڭ شىسەينى قوللاپ، بۇ ئۆلكىنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈش يولىنى تاللىدى.
-1928يىلى 7-ئايدا ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلۈشىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن جىن شۇرىن، ئوخشاشلا سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھوقۇقتىن ئايرىلدى. ئۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ۋەتەننى ساتقانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا ئۇچراپ، 1941-يىلى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر