شېڭ شىسەينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ مەغلۇبىيىتى

1944يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۇنى نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىرى ئىچىدە 1944-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

321316
شېڭ شىسەينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ مەغلۇبىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۇنى نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىرى ئىچىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلاپ ۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغاندا، ئۇيغۇرلار رايونىنى 11 يىل ئىدارە قىلىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە سولاپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىگە سالغان زۇلۇمىنى ئاخىرى پارتلاش دەرىجىسىگە يەتكۈزگەن شېڭ شىسەي ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى. يېقىنلىرى ئۇنىڭ ئائىلە مۈلۈكلىرىنى ۋە 11 يىل خەلقنى بۇلاپ توپلىغان بايلىقلىرىنى 50 ماشىنا بىلەن چۇڭچىڭغا توشۇدى. بۇنىڭ بىلەن، شېڭ شىسەينىڭ كەتكەنلىك خەۋىرى تېزدىن ھەممە يەرگە تارقىلىپ، كىشىلەر خۇشال بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى پەقەت شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كېتىش بىلەنلا رازى بولمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر شېڭ شىسەينىڭ كېلىشىنى بىلەتتى. 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۇنى، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى گېنېرال جۇ شاۋلياڭنى ئۆلكىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەپ، شېڭنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.
جياڭ جيېشى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆلكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ مۇددىئاسىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە تېخىمۇ چوڭ ئاپەتنى تېرىغانلىقىنى ئالدىن ئويلاشمىغان بولسا كېرەك، ئۇ 1942- يىلدىن 1944-يىلنىڭ 8-ئېيىغىچە ئۆلكىنىڭ بارلىق ئەمەلىي ھوقۇقىنى تولۇق تارتىۋېلىش ھەققىدە باش قاتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دەسلەپتە بۇ ئىشقا كۈچى يەتمىگەن ئىدى.
194-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 9-ئاينىڭ بېشىدا، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، غېنى باتۇر، خەمىت باتۇر قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ياشلىرى باشچىلىقىدىكى نىلقا پارتىزانلىرىنى ئۇلاستاي تاغلىرى ئىچىگە كىرىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنغان گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تارمار بولۇشقا باشلىدى. قوزغىلاڭ بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلاپ، بۇنىڭ پۇتۇن ئىلى، ھەتتا پۈتۈن ئۆلكىگە كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى كۆزگە كۆرۈنۇپ تۇراتتى. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنى موسكۋانىڭ شېڭ شىسەيگە ۋە ئۆزىگە كۆرسەتكەن رېئاكسىيەسى دەپ چۈشەندى. شۇڭا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى پەقەت شېڭ شىسەينى ئېلىپ كەتكەندىلا ئۆلكە تىنچلىنىدۇ. خەلق تنچلىنىدۇ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ رازى بولىدۇ، دەپ خاتا پەرەز قىلغان ئىدى. ئاخىرى 1944-يىلى 29-ئاۋغۇست گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئورمانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى موسكۋانىڭ ئىنكاسىنى كۆزەتتى، ئەمما ستالىن ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ئەمما، ئۇ 1944-يىلى 4-ئايدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن. ھەتتا، ستالىن ئامېرىكا دىپلومات خادىمى بىلەن كۆرۇشكەندىمۇ شېڭ شىسەينى ئېلىپ كەتكەندە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوڭشىلىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن ئىدى. بىراق، جياڭ جېيشى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان. پەقەت نىلقا تاغلىرىدىكى ئوق ئاۋازىدىن كېيىن جياڭ جېيشى مەسىلىنى باشقىچە ئويلاشقا كىرىشكەن ئىدى.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن شېڭ شىسەينى ئېلىپ كېتىش كېرەك بولۇپ قالدى؟ بۇ ئىككى بېسىم بىلەن ئەمەلگە ئاشتى، بىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى دىپلوماتىيە بېسىمى، چۈنكى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىگە زەربە بېرىشى بىلەن گېتلىر فاشىزىمىغا قارشى ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە ھەمكارلىقلىرىغا دەخلى يەتكەن ئىدى. فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى خىتاينىڭ موسكۋانىڭ ئارقا ھويلىسى- «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى سوۋېتقا قارشى بازا قلىشىنى موسكۋا قوبۇل قىلمايتتى. ئىككىنچىدىن، يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلىنىشى بولدى.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ستالىن ھۆكۈمىتى 1933-يىلى، 12-ئاپرېلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەختكە چىققان شېڭ شىسەينى قوللاپ، ئۆلكىنى سوۋېت پەرەس رايونغا ئايلاندۇرغان، سوۋېت ھەربىي-سىياسىي، مەمۇرىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەر ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئۆلكىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ئىدى. ستالىن قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنى يوقىتىپ بەرگەن ئىدى. 1938-يىلى شېڭ شىسەي موسكۋاغا بېرىپ ستالىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە سوۋېت كومپارتىيەسىگە ئەزا بولدى. تارىخچىلار ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئۆلكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى يېزىشىدۇ.
فوربېس، مىللىۋارد، جاڭ داجۈن ۋە باشقا تارىخچىلارنىڭ ھەم شاھىدلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 1941-يىلىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەغلۇبىيتىدىن كېين، شېڭ شىسەي ئۆزگىرىپ يېڭى خوجايىن ئىزدىدى. 1942-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي ئالاقە ئورنىتىپ، گومىنداڭ تەرەپكە مايىللىقىنى بلدۈردى. 1944-يىلى باھاردىن باشلاپ، 6-ئايغىچە شېڭ شىسەي ۋە جياڭ جېيشى تەرەپ ئارىسىدا كۆپ قېتىملىق ئالاقىلار ئارقىلىق ئاخىرى شېڭ شىسەي 6-ئايدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 6-ئاينىڭ 27-كۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن كومىسسارى دېكانازوف ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى يولىدىن توسۇشقا ئۇرۇندى. جياڭ جېيشى ئارقىدىنلا 7-ئايدا جۇ شاۋلياڭ قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ خېتىنى يەتكۈزدى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى جياڭ جېيشىنڭ خوتۇنى سۇڭ مېيلىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. سۇڭ مېيلىڭنىڭ زىيارىتى نەتىجىسىدە، شېڭ شىسەي 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى قولغا ئالدى.
ئارقىدىنلا 1942-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى شېڭ شىسەينڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى باش كونسۇلى پۇشكىنغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ سوۋېت خادىملىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. 1943-يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا قۇمۇلدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 8-پولكى نامىدىكى قوشۇنى چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. ئەمما، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئارقىمۇ –ئارقىدىن ئۆلكىگە كىرىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى.
بۇ ئىشلار ستالىن ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. شېڭ شىسەي موسكۋانىڭ قايتا –قايتا خىزمەت ئىشلىشىنى ئاڭلىمىدى. ئۆلكىنىڭ ھەممە ھوقۇقلىرى گومىنداڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن 1944-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي ھۇجۇمى باشلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەلىبە قىلىشى كۆزگە كۆرۈنگەندە شېڭ شىسەي بىردىنلا تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭنىڭ مەمۇرىي، سىياسىي خادىملىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى ۋە ستالىن ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراپ، جىنايەتنى گومىنداڭغا ئارتىپ، يەنە بىر قېتىم ستالىننىڭ ھىمايىسى بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى، بىراق ستالىن شېڭ شىسەينى ئەمدى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا يول يوق، دەپ قارىغان ئىدى. ستالىن ھەتتا شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىگە يازغان خېتنى جياڭ جېيشىغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
خوجا نىياز ھاجى باشلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى ۋە ئۇيغۇر قازاق قىرغىز، تۇڭگان، رۇس، ھەتتا خىتاي قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆپلىگەن مەشھۇر زاتلىرىنى ئۆلتۈرگەن شېڭ شىسەي ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ 11 يىللىق پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر