دۇنيا سىياسىتىدىكى كۈچ ئېغىش  مەسىلىسى

چوڭ كۈچلەر ئۈستۈنلۈك ۋە كۈچ تالىشىش كۈرەشلىرىنى ۋەزىيىتى جىددى رايونلاردا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ. دۇنيا سىياسىتىدە بۇ خىل ھەرىكەتلەر كۆپ ھاللاردا ئوچۇق - ئاشكارا كۆرگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق ۋە روشەن بولمايدۇ.

303295
دۇنيا سىياسىتىدىكى كۈچ ئېغىش  مەسىلىسى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 127
«دۇنيا سىياسىتىدىكى كۈچ ئېغىش مەسىلىسى»


«دۇنيا سىياسىتى»، 7 مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسان، 200 دۆلەت ۋە 10 مىڭلىغان خەلقئارالىق ئىجتىمائىي خەلق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بۇ سىياسەت يۇقىرىقى بارلىق كۈچلەرنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە قاتنىشىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان يەرشارى خاراكتېرلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللىنىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ۋەقەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئاساسلىق كۆپ قىسمىدا چوڭ دۆلەتلەر باش رول ئوينايدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ ئۆزلىگىدىن ۋە كونترولسىز شەكىلدە ئەمەس، بەلكى چوك ئاكتىيورلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئارىلىشىشلىرى، تۇقۇنۇش ياكى ھەمكارلىشىشلار نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ تەكتىدە چوك كۈچلەر ئارىسىدا بەزىدە توقۇنۇش، بەزىدە ھەمكارلىقلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر كەسكىن كۈرەش مەۋجۇت. چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسدىكى كۈرەشلەر بولسا، كۆپىنچە بىۋاستە يۈزمۇ - يۈز بەلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭ كۈچلەر ئۈستۈنلۈك ۋە كۈچ تالىشىش كۈرەشلىرىنى ۋەزىيىتى جىددى رايونلاردا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدۇ. دۇنيا سىياسىتىدە بۇ خىل ھەرىكەتلەر كۆپ ھاللاردا ئوچۇق - ئاشكارا كۆرگىلى بولغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق ۋە روشەن بولمايدۇ. بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن دىققەتلىك بىر مۇتەخەسىسلىك ۋە تىرىشچانلىق كېرەكلىك بولىدۇ. بۇنى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ياكى خەلق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** **** ***** **** ****** ****
بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆرىنىۋاتقان كۈچ ئېغىش مەسىلىسىدۇر. ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە كىرىزىسلىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ (يەنى غەرپنىڭ) تەسىر كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ (يەنى شەرقنىڭ) تەسىر كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئاكرائىنادىن تارتىپ ئېلىپ، ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى، يەنە بىر تەرەپتە بولسا، سۈرىيەدە شۇنچە چوڭ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن تۇرۇغلۇق ئەسەدنى تېخىچە تەختتىن چۈشۈرۈش ئىشقا ئاشمايۋاتقانلىقى... قاتارلىقلار ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېغىر بىر زەربە بولدى. غەربنىڭ ئۇكرائىنادا ۋە سۈرىيەدە ھاكمىيەتنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ياۋروپاغا (يەنى غەرب سىستېمىسىغا) ماسلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھازىرغىچە ئىشقا ئاشمىدى. مەسلىگە تەتۈر تەرىپىدىن قارايدىغان بولساق، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھازىرچە رۇسىيەنىڭ غەلىبىسى ئاساسىدا كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز.
بۇ ھەرىكەتنىڭ سەلىبىي تەسىرلىرى يالغۇز چوڭ كۈچلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ياۋروپانى، ئوتتۇرا شەرقنى ۋە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتماقتا. دۇنيا سىياسىتىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ تەۋرىنىشلەر ھەم شۇ رايوننى، ھەم دۇنيانى مۇقىمسىزللىققا ئىتتىرمەكتە.
ئۇكرائىنانى بويلىغان تەۋرىنىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنى، شۇنىڭدەك سۈرىيەنى بويلىغان تەۋرىنىش ئوتتۇرا شەرقنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى داۋلغۇشقا سالماقتا. ھەتتا بىر چاغلاردا ياۋروپانى رەتكە سېلىپ شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدىلىكتە ئېغىر بىر كىرىزىسنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلاردا تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويۇشى تۈپەيلى سىياسىي بىر پۈتۈنلۈك، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد كىرىزىسلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىن ئەتراپىدىكى رايونلاردا جەزبدارلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىماقتا. گىرېتسىيەدە باشلانغان ۋە ناۋادا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىسا، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ كېڭىيىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئىقتىسادى كىرىزىس خەۋپى، ياروپانىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى تارلاشتۇرماقتا. بىر چاغلاردا پۈتۈن رايوننى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، يۈرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەمدىلىكتە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن مەسلىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالماقتا. بۇنىڭغا يېقىنقى ئايلاردا ئاق دېڭىز ئارقىلىق كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر ئېقىنى ئالدىدىكى چارىسىزلىقىنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ياۋروپالىقلار بىر تەرەپتىن ياۋروپادا كۈچىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن بىرگە سۈرىيە ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىقتە ئىنتايىن ئېغىر كۈچ ئېغىپ كېتىش ھادىسىگە دۈچ كەلمەكتە. سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلماسلىقى رايوندىكى مالىمانچىلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتتى. دائېش ۋە ئەلقائىدە قاتارلىق تەشكىلاتلار، (مەيلى ئۇلارنىڭ مەنبەسى ۋە قوللىغۇچىلىرى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر) يالغۇز رايوندىكى دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە غەرب ئەللىرى ۋە باشقىلارغىمۇ جەڭ ئېلان قىلماقتا. بۇ تەشكىلاتلار غەربنىڭ مەرىپەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ روھىغا ۋە يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان سىياسەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۈچىنى يوقۇتۇشىنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبى بار.
1 – ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەرەب باھارى بىلەن باشلانغان دېموكراتىيەلىشىش، خەلقچىللىشىش ۋە ئەركىنلىك ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرالمايلا قالماستىن، ھەتتا بۇ ھەرىكەتتىكى تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويدى. لىۋىيە، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىراقتا غەربنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى يوق قىلىپ تاشلاندى، غەرپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
2 – مېديا ۋە ئاخباراتلاردا ھەمدە سىياسىي ساھەدە بەزىلەر «دائېشقا ئوخشاش تەشكىلاتلار بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق بىر شەكىلدە غەرپ ئەللىرىدىن ياردەم ئېلىۋاتىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ ئىغۋا سۆزلەرنىڭ گەرچە خاتالىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىدا كۆچۈپ يۈرىشى، غەرپ ئەللىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە يېتىپ ئاشماقتا.
3 – ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە پەقەتلا ئۈنۈمسىز ۋە تەسىرى يوق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا. ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى تۈززۈكىنە بىر كۈچىنى نامايان قىلالمىدى. مانا بۇلار دۇنيا سىياسىتىكى كۈچ ئېغىش مەسلىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ كۈچ ئېغىش مەسىلىسىنى توختىتىش ياكى ئارقىغا ياندۇرۇش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارمۇ ئىشقا سىلىنماقتا ئەلبەتتە. نېفىت باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك تۆۋەنلەپ كېتىشى، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىشىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە كۈچ تەڭپۇڭلۇق سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى ئۆزىنى نامايان قىلماقتا. بىراق شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىمالى ھېچ بولمىغاندا قىسقا ياكى ئوتتۇرا پىلاندا مۇمكىن بولۇشى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ئىقتىسادى كۈچلىنىپ كېتىۋاتقان خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەم قىلىشى تۇرغانلا گەپ.
ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر