ئىسلام، ئىرقىۋازلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى رەت قىلىدۇ

ئەگەر مىللىتىمىز زالىم ئەمەس، ئەكسىچە زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشنىڭ ئىرقىۋازلىق ياكى مىللەتچىلىك ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كۈلتۈرۈشىنىڭ ئەڭ كاتتا ۋەسىلىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇمايلى!

293481
ئىسلام، ئىرقىۋازلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى رەت قىلىدۇ

ئىسلام، ئىرقىۋازلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى رەت قىلىدۇ


ئەزىز قېرىنداشلار!
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى (قارا تەنلىك) بىلال ھەبىشى بىلەن ئاتاقلىق ساھابىلىرىدىن بىرسى بولغان ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش بولۇپ قالىدۇ. تالاش - تارتىش جەريانىدا ئەبۇ زەر غىفارى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسىنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى كەمسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق كۆڭلى ئازار يېگەن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى ئاڭلىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يېنىغا چاقىرىتىپ قاتتىق كايىدۇ. «ئى ئەبۇ زەر! سەن بىلالنى ئانىسى قارا تەنلىك بولغانلىقى ئۇچۇنلا كەمسىتىپ، ئەيىبلەۋاتامسەن. دېمەككى سەن تېخىچە جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ئادەمكەنسەن» دەيدۇ. (مۇسلىم ئەيمان، 38 -ھەدىس)
ئەزىز قېرىنداشلار!
جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىنسانلار ئۆز ئىرقىي، مەنسۇپ بولغان مىللىتى ۋە قەبىلىلىرى بىلەن ماختىناتتى. ھەقسىز بولغان تەقدىردىمۇ يەنە ئۆز قەبىلىسى تەرەپتە تۇراتتى. ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرەتتى. ئىرقىي ۋە تەن رەڭگى تۈپەيلىدىنلا ئىنسانلار خورلىناتتى، كۆزگە ئېلىنمايتتى، جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلاتتى ۋە كەمسىتىلەتتى.
ھەرمەتلىك قېرىنداشلار! ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىكلىرىدىن بىرسى، ھەرقانداق بىر ئىرق - مىللەتنىڭ باشقا مىللەتتىن، ھەرقانداق بىر گۇرۇپ ياكى خەلق تۇپىنىڭ باشقا بىر گۇرۇپ ياكى خەلق توپىدىن ئۈستۈنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئىنتايىن كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. ھەزرەتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باپ - باراۋەر ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ نەسەپ، جەمەت، ئىرق مىللىتىنى ئاساس قىلىپ بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىشلىرىغا ئىسلام دىنىمىزنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىدۇر. چۈنكى ھەق ۋە ھەقىقەت، شان - شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈك قانداقتۇر بىز مەنسۇپ بولغان ئىرق، مىللەت، ئائىلە، جەمەتكە كۆرە ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز يوللىغان دىنغا، كىتابقا، ئەخلاق پەزىلەت ۋە مەردانىلىق ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن شەكىللىنىشى لازىم. ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۈستۈن ۋە قىممەتلىك قىلىدىغان، جەملىدىن ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىگە قىلىدىغان ئامىل، ھەرگىزمۇ ئۇ مەنسۇپ بولغان ئىرق - مىللەت، ئائىلە جەمەت، تەن رەڭگى، ئىشلىتىدىغان تىلى قاتارلىقلار ئەمەس، بەلكى، ھەر دائىم ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ ئويغاق بولۇشىغا ھەمدە بۇ ئاڭنى پۈتۈن تۇرمۇشى بىلەن بىر پۈتۈنلەشتۈرگەن بولۇشىغا باغلىقتۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
دېمەككى، كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۇزاقلاشسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قانچە كۆپ قىلسا، ئۇ كىشى شۇنچە تەقۋادار بولغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، «مۇئامىلىسى ۋە پوزىتسىيەلىرى ئارقىدا قالغان كىشىنى ئۇنىڭ ئىرق - جەمەتى ياكى قەبىلىسى ئالدىغا ئۆتكۈزەلمەيدۇ» ئەلۋەتتە. (تىرمىزى، قىرائەت 10 ـ ھەدىس)
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەردانىلىقى بولمىغان ئادەمنى ئۇنىڭ جەمەتى ۋە ئىرق، مىللىتى ئاللاھنىڭ ھوزورىدا مەردانىلەر قاتارىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئىرق ياكى قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، ئېتىقادى، ئىمان ۋە ئەمەللىرىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تېنى رەڭگى ۋە ماللىرىغا ئەمەس، قەلبلىرى ۋە ئەمەللىرىگە قارىلىدۇ. (مۇسلىم، كۆيۈم ـ شەپقەت بابى، 34 ـ ھەدىسكە قارالسۇن)
ئاللاھنىڭ ھوزورىدا ھەممە ئىنسان ئۆز ئەمەللىرى بىلەنلا يالغۇز قالىدۇ. ئىرق، جەمەت، مىللەتنىڭ ھېچ قانداق ئۇنىمى قالمايدۇ. (سۈرە مۆئمىنۇن 101 – ئايەتكە قارالسۇن)
پەيغەمبەر ئەليھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دەپ تىلغا ئالغان ئىدى:
«ئى ئىنسانلار! شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى، رەببىڭلار بىردۇر، ئاتاڭلارمۇ بىردۇر. ئەرەبنىڭ ئەرەب بولمىغاندىن، ياكى ئەرەب بولمىغاننىڭ ئەرەبتىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن ياكى قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن ھېچقانداق ئۈستۈنلىكى يوقتۇر. ئۈستۈنلۈك پەقەتلا تەقۋادارلىقتىدۇر» (ئىبنى ھەنبەل، 411 – ھەدىس)
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن بىرسى ئىرقىي ئايرىمچىلىق ئىدىيەسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىددىيە بەزىدە ئۆز ئىرق – مىللىتىنى نەسەپ ۋە قەبىلىسىنى شۇنداقلا تەن رەڭگىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىش بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلسا، يەنە بەزىدە ئۆز مەزھىپىنى، گۇرۇھىنى ۋە ئىدىئولگىيەسىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىش بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىددىيە دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئورنىغا نەپرەت ۋە ئۆچ - ئاداۋەتنى، ئادالەت ۋە شەپقەتنىڭ ئورنىغا زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئورنىغا پىرقىۋازلىق ۋە ئايرىمچىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، تۈنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى داۋا قىلغان ۋە «مەن ئوتتىن يارىتىلغانلىقىم ئۈچۈن تۇپراقتىن يارىتىلغان ئادەمدىن تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىمەن» دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغان شەيتان ئىدى.
ئەزىز قېرىنداشلار! ئىرقىۋازلىق ئاساسى جەھەتتىن ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت، ھەم ئاللاھقا قارشى بىر ھۆرمەتسىزلىكتۇر. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئىسلام دىنىمىز مەنمەنلىك، ئەسبىيەت ۋە ئىرقىۋازلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى رەت قىلغان. شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇ جاھىلىيەت ئىددىيەسى تۈپەيلىدىن ئىسلام دۇنياسىدا تارىخ بويىچە دۈشمەنلىك ۋە ئۆچ – ئاداۋەت، غەزەپ - نەپرەت، قان ۋە كۆز يېشى توختاپ باققىنى يوق. ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى تىلغا ئالماي بولمايدۇكى، مانا بۈگۈنكى كۈندە بىرلا دىنغا، بىرلا كىتابقا ۋە ئوخشاش پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتقان بىز مۇسۇلمانلار ئارىسدا، مەزھەپۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق ۋە ئىرقىۋازلىق ئىددىئولوگىيەسىنى ئىسلامنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈشتەك ئازغۇنلۇققا مۇبتىلا بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ۋەھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىرقىۋازلىق تۇيغۇلىرى بىلەن ھاقارەت قىلىپ، ئىسلام جامائىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئەسەبىيەت تۇيغۇلىرى يۈزىسىدىن ئۇرۇشۇپ، شۇ خىل داۋا ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆلىمىنى «جاھالىيەتنىڭ ئۆلىمى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. (مۇسلىم، ئەمارە 57 – ھەدىس)
ئەزىز قېرىداشلار!
ئۇنداقتا قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ئىددىيە پىكىر ۋە قەلب دۇنيايىمىزنى ئىسلامنىڭ ئۇلۇغۋار ھەققانىيەتلىرى بىلەن زىننەتلەيلى! ئۆزىمىزنى ئىسلامدا چەكلەنگەن مەنمەنلىك، ئەسەبىيەت ۋە ئىرقىۋازلىق مىكرۇبلىرى بىلەن بۇلغىمايلى! ئىرقىۋازلىقنىڭ قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا كۆڭۈل باغلىغان مۆئمىنلەرگە قەتئىي ياراشمايدىغانلىقىنى بىلەيلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زالىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئۆز قوۋمىنى قوللىغانلىق ئىرقىۋازلىقتۇر» دېگەن ھەدىسىنى قەتئىي ئەستىن چىقارمايلى! بۇنىڭدىن  باشقا يەنە «ئەگەر مىللىتىمىز زالىم ئەمەس، ئەكسىچە زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇشنىڭ ئىرقىۋازلىق ياكى مىللەتچىلىك ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كۈلتۈرۈشىنىڭ ئەڭ كاتتا ۋەسىلىسى ئىكەنلىكىنىمۇ مەھكەم ئەستە تۇتايلى! ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىددىيىمىزگە مەھكەم سىڭدۈرەيلى! بىزنىڭ قەۋم ۋە قەبىلىلەر شەكلىدە يارىتىلغانلىقىمىزنىڭ شۇنداقلا تىللىرىمىز ۋە تەن رەڭلىرىمىزنىڭ پەرقلىق قىلىنغانلىقىنىڭ ھېكمەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يېتىشكە تېرىشايلى! بارلىق ئىنسانلارنى ئادەم ئەلەيھىسسىلامنىڭ ئەۋلادلىرى قاتارىدا كۆرەيلى! ھەممەيلەننىڭ ئوخشاش شەكىلدە يارىتىلغانلىقى ۋە دىندا قېرىنداش قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلايلى!
خۇتبىمىزنى ئەڭ باشتا ئوقۇلغان ئايەت ۋە ھەدىس بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.
«ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، بىر – بىرىنى تۇنۇسۇن، دەپ سىلەرنى قەۋم قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىڭلار، ئاللاھقا بويۇن تاۋلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىدىغان تەقۋادار كىشىلەردۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تۇلۇق بىلگۈچىدۇر. ھەممە نەرسىدىن خەۋەرداردۇر. (سۈرە ھۇججىرات 13 – ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىرقىۋازلىققا دەۋەت قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس، ئىرقىۋازلىق داۋاسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس، ئىرقىۋازلىق داۋاسى ئۈچۈن ئۆلگەن كىشىمۇ بىزدىن ئەمەس» (ئەبۇ داۋۇت ئەدەب بابى 111 ۋە 112 – ھەدىس)
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىرقىۋازلىق ۋە مىللەتچىلىك ئەسەبىيەتلىرىدىن ساقلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مىللىتىنى ۋە ۋەتىنى سۆيۈش، ئۇنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى يۈزىسىدىن قوغداش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغۋار ئىلاھى سۆيگۈنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، ئۇنى ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈۋېلىشتەك قارىغۇلارچە ئىرقىۋازلىقتىن ئايرىيالايدىغان، جۈملىدىن سۆيگۈ – مۇھەببەت بىلەن مىللىي ئەسىبىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە سىزىققا ئادىل مۇئامىلە قىلايدىغان پاراسەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر