مېراج قەندىلى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (20)

275627
مېراج قەندىلى

مېراج قەندىلى


ئەزىز قېرىنداشلار!
بىز مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇگۈنكى كېچە، نۇرغۇنلىغان مەنە ۋە ھېكمەتلەرگە تولغان مېراج كېچىسىنى كۈتىۋالىمىز.
ئىسرا ۋە مېراج پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىدىلا مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا بارغان، ئاندىن ئۇ يەردىن ئاللاھنىڭ چەكسىز ئايەتلىرى ۋە قۇدرەتلىرىنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۆجىۋى بىر سەپەر ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئىلاھىي ھېكمەت ۋە بەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇتلۇق سەپەر قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تىلغا ئېلىنىدۇ:
اﷲ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە ئىسرا 1 – ئايەت)
ئەزىز قېرىنداشلار!
مېراج، سۆيۈملۈك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ چەكسىزلىكى، ئۇلۇغلۇقى ۋە ئىنتىھاسىز قۇدرىتىگە نىسبەتەن ئەڭ ھەشەمەتلىك شاھىتلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ شاھىتلىقى ئارقىلىق ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ يالغۇز ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەنە بىر قېتىم كۆرسىتلىگەن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پاكلىنىش، يۈكسىلىش ۋە بەندىچىلىكنىڭ ئەڭ ئالىي ماقامىغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرىمۇ ئۆگىتىلگەن بولىدۇ. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ساداقەت، ئۆزىنى ئاتاش، ئەخلاق ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ ئۈلگىسى بولغان قۇتلۇق پەيغەمبىرىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەمنى مېراجغا چاقىرىش ئارقىلىق بىز بەندىلىرىگىمۇ «ئۆمرىنى ئۇلۇغ مەنىۋىي بايلىقلار بىلەن بېزىگەنلەر، بەندىچىلىكنىڭ باسقۇچلىرىدا ھەر دائىم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئۇلار جەننەتنىڭ ئەبەدى نېئمەتلىرىگە مەزھەر بولۇپ، ئەبەدىيلىك ماقاملىرىغا يۈكسىلىدۇ» دېگەن خۇشخەۋەرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مېراج، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ۋە ئۇنىڭ مەنئىي قىلغان ئىشلىرىنى تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر. بىز مۆئمىنلەرگە نىسبەتەن بىر خوشخەۋەردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ چوڭ گۇناھلىرىنىڭمۇ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇشۇ ئۇلۇغ كېچىدە خوش خەۋەر بەرگەن ئىدى.
مېراج بىزگە نىسبەتەن بىر ھەدىيەدۇر. ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتىمىز ھېسابلىنىدىغان 5 ۋاقىت نامازمۇ دەل مۇشۇ كېچىدە پەرز قىلىنغان ئىدى. (مۇسلىم ئىمان بابى 279 ـ ھەدىس) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مەنىۋى ئالەمنىڭ ھەر بىر پەللىسىگە بىرمۇ بىر يۇقىرى ئۆرلىگەنگە ئوخشاش بىزمۇ نامازلىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۈكسىلىمىز. «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن تەكبىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ بارلىق قاينام - تاشقىنلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، يارىتىلىشىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ھېكمىتى ۋە مەنالىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. قىيامدا تۇرۇش ئارقىلىق توغرا يولدا تىك تۇرىدىغانلىقىمىزنى سىېمۋوللاشتۇرغان شەكىلدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا تىزىلىمىز. قىرائىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ئىچ ئىچىمىزدىن ھەمدۇ ـ سەنا ئېيتىپ، تىلەكلەردە بولىمىز. رۇكۇلىمىز ئارقىلىق ئاللاھتىن باشقىنىڭ ئالدىدا ئېگىلمەيدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىمىز. سەجدىلىرىمىز بىلەن ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولۇشنىڭ ۋە بەندىچىلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك ماقامىغا ئېرىشىشنىڭ لەزىتتىنى تېتىيمىز. ئەتتەھەيياتۇدا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق بىزمۇ ئۇلۇغلىنىمىز، سالامىمىز ئارقىلىق ئازاتلىق ۋە نىجاتلىقنى ئەسكە ئالىمىز، قىسقىسى كۈندىلىك 5 ۋاقىت نامىزىمىز ئارقىلىق گويا مېراجنى بولۇشىغا سەيلە قىلىمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ھەر كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇيدىغان ۋە «ئامەنەررەسۇلۇ» دەپ باشلايدىغان ئايەتلەر بىزگە نىسبەتەن مېراجنىڭ بىر ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ ئايەتلەردىكى «ئاللاھقا، مالائىكىلىرىگە، كىتاپلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتتتۇق» دېگەن سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگارىمىزغا بەرگەن قوللۇق ۋەدىمىزنى يېڭىلايمىز. «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. ئى رەببىرمىز! مەغپىرىتىڭگە سىغىنىمىز، بىز ساڭىلا قايتىمىز» دېگەن ئايەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان تەسلىمىيتىمىز ۋە ساداقىتىمىزنى تىلغا ئالىمىز. «ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ئەمەلى مەنپەئەتىگە ۋە يامان ئەمەلى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى يېڭىلايمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيادا قىلغان ئەتكەنلىرىمىزنىڭ ھېساۋى ۋە بىر بەدىلى بارلىقىنى جۇملىدىن ئاخىرەتنى ئەسكە ئالىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇ دۇئالار بىلەن رەببىمىزگە چىن يۈرەكتىن يېلىنىپ ئىلتىجا قىلىمىز.
«ئى رەببىمىز! ئەگەر ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق، بىزنى جاۋاپكارلىققا تارتمىغىن!
ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگىمۇ ئېغىر يۈك ئارىتمىغىن!
ئى رەببىمىز! بىزگە كۈچىمىز يەتمەيدىغان يۈكلەرنى ئارتمىغىن! بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن، سەنلا بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىرلارغا قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!»
ئەزىز قېرىنداشلار!
مېراجنىڭ مەنىۋىي بايلىقلىرى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ مەنىلىك ئۇپۇقلارنى ئاچىدىغان مۇقەدەس بايلىق ھېسابلىنىدۇ. مېراجنىڭ مەنىۋىي بايلىقلىرى ئارقىلىق ئىنسان "ئەسفەلىس – سافىلىن"، يەنى ئەڭ تۆۋەندىكى پەسكەشلىكلەر ئارىسىدا سورۇلۇشتىن قۇتۇلىدۇ. "ئەھسىنىت تەقۋىم"گە يەنى ئەڭ گۈزەل مەرتىۋىگە ئىگە بولىدۇ. مېراجنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ئىنساننى "سىدرەئى مۇنتەھا"غا يەنى، ئەڭ يۇقىرى كامالەت نۇقتىسغا يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇلۇغۋار بايلىقلار بىزنى ئەبىدىلىك جەننەتكە يەتكۈزىدۇ. بىز پەقەت بىزنى ئەشۇنداق يۈكسەلتىدىغان ئەمەللەرگە ۋە مەنىۋى بايلىقلارغا مەھكەم ئېسىلساقلا ھەمدە ھاياتىمىزدا ئۇلارنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا بولدى. ئىمانىمىز مېنىدىغان "بۇراق"ىمىز، ئىبادەتلىرىمىز، سالىھ ئەمەللىرىمىز ۋە گۈزەل ئەخلاقىمىز "رەفرەف"ىمىز بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر لەھزىسى بىزگە نىسبەتەن بىر مېراجغا ئايلىنىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مېراج قەندىلى ۋەسىلىسى بىلەن رەببىمىزگە، ئۆزىمىزگە ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقايلى! شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە بىز مۇسۇلمالارنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، مېراجنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر خاتىرىسى ياكى بىر تارىخىي ئەسلىمە دەپ قاراش ئەمەس، بەلكى خۇددى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە چەكلىمىلىرىگە نىسبەتەن ھەر دائىم ساداقەت بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ ۋەسىلىسى قاتارىدا كۆرىشىمىز لازىم. بۇنداق ساداقەتنى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى نامايان قىلالمايدىغانلار مېراجنىڭ مەنىۋى ۋە رۇھى بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئەلبەتتە.
مانا بۇ ھېس ۋە چۇشەنچىلەر بىلەن ھەممىڭلارنىڭ مېراج قەندىلىڭلارنى تەبرىكلەيمىز. مىراجنىڭ پۈتۈن مىللىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈكسىلىشىگە، قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۇلۇغ پەرەۋردىگارىمىزدىن تىلەيمىز. ھەممىڭلارنىڭ مېراج قەندىلىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر