مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ۋە شارائىتلىرى

1944-يىلى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە، يەنى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

275156
مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ۋە شارائىتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: - 1944 يىلى 9-ئايدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدا فاتىخ باتۇر، غەنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە تاتارلاردىن تەشكىللەنگەن رەھبىرى گۇرۇپپا باشچىلىقىدا، ئۇيغۇر-قازاقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئىلى رايونىغا تېز كېڭەيدى ھەمدە شۇ يىلى 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، قوزغىلاڭنىڭ 5-كۈنى، يەنى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
ئۇنداقتا، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنى تارىخچىلار تەرىپىدىن «بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان ھۆكۈمەت يىقىلىپ، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېين قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت قانداق سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا مەيدانغا كەلدى؟
1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى–شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى، غەرب، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىزچىل تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان «ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» تۆۋەندىكىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شارائىت ئاستىدا دۇنياغا كەلگەن.
1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ، شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ماجۇڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنى تارمار قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئارقىلىق توختىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى نەتىجىسىدە خوجا نىياز ھاجىم باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ئۆلكە مەركىزىي ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكە ھۆكۈمىتىگە قاتناشتى.
ئۇيغۇر تارىخى شاھىدلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىز، ھەمدۇللا تارىم، باي ئەزىز، ئابدۇقادىر ھاجى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مۇسا تۈركىستانى، مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە باشقىلارنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خوجا نىياز ھاجىم موسكۋانىڭ ياراشتۇرۇشى بويىچە ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولدى. شۇنىڭدەك، 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا شېڭ شىسەي ئۆلكىدە موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى قەشقەردىكى مەخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى 6-ئاتلىق دىۋىزىيەسىنى پەيدىن-پەي بىكار قىلىش، خوتەنگە ئورۇنلىشىۋالغان ما خوسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان 36-دىۋىزىيەسىنى يوقىتىپ، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىدى. ۋاھالەنكى 1937-يىلى 4-ئايدا قەشقەردىكى 6-دىۋىزىيەنىڭ ئاساسلىق قىسىمى مەخمۇت مۇھىتى ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭ كۆتۈردى. نەتىجىدە، 1937-يىلى خوتەندىكى ما خوسەنمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز كونتروللۇقى ۋە تەسىر كۈچى دائىرىسىگە ئالدى. شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى سوۋېت ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ ياخشى ھەربىي تەلىم –تەربىيەسى ئاستىدا 3يىل قاتتىق ھەربىي مەشىقتىن ئوتۈپ، مۇنتىزىملاشقان ئۇيغۇر 6-دىۋىزىيەسىگە، خوتەندىمۇ قاتتىق ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇلغان ما خوسەننىڭ تۇڭگان-ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمىدى.
غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېي فوربېس ۋە رۇس تارىخچىلىرىدىن بارمىن، جۇڭگو تارىخچىلىرىدىن ليۇ زىشىياۋ ھەم باشقىلارنىڭ مەزكۇر دەۋرگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شېڭ شىسەي ھاكىمىيتى ئىككىنچى قېتىم ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، موسكۋا قايتىدىن بىر دىۋىزىيەگە تەڭ كېلىدىغان قىزىل ئارمىيە ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆلكىنىڭ جەنۇبىغا كىرگۈزدى. سوۋېت ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن ماسلاشتى، 25 تانكادىن تەركىپ تاپقان تانكا ئەترىتى نارىن ئەتراپىدىكى تاغلىق جايلاردىن ئۆتۇپ، ئۇلۇغچات ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ، ئۇرۇشقا قاتناشتى. سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۆلكە قوشۇنلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىشلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوشۇنلىرى تارمار بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1937-يىللىرىدىكى شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىشى ھەمدە 1937-يىلى، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئابدۇنىياز بەگ، ما خوسەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانى ئەنگلىيە ئالىمى ئاندرېي فوربېس ۋە باشقا غەرب تارىخچىلىرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ بايان قىلىنغان. بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ كۆپ ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.
1937-يىلىنىڭ ئاخىرى قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇش بىلەن تەڭ، شېڭ شىسەي پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ئېلىپ باردى. بۇنداق تۇتقۇن قىلىپ جازالاشلار 1940-يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 1937-1938-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە «خەلق دۈشمەنلىرى» نى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تارىخچىلار شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. 1937-1940-يىللىرى ئارىسىدىكى بۇ تازىلاشتا خوجا نىياز ھاجىم باشلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى، تىجارەتچىلىرى ۋە دىنىي ئەربابلىرى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تازىلاشتا قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە رۇسلارمۇ زەربىگە ئۇچرىدى. ھەتتا شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان دوستلىرىدىن دۇ جوڭيۈەن، چېن دېلى باشلىق بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنىمۇ تۇتۇپ ئۆلتۇردى. مانا مۇشۇنداق قاتتىق قول سىياسەت ئۆلكە مىقياسىدا ئومۇمىي نارازىلىققا سەۋەب بولغان بولۇپ، 1940-1941-يىللىرى ئارىسىدا ئالتاي قازاقلىرى شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ باشلاش بىلەن خەلق نارازىلىقىنى ئىپادە قىلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى جەھەتتىكى نارازىلىق سەۋەبلىرى ھېسابلاندى.
يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، 1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئاڭلىق پىكىرلىك قاتلىمى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ بولۇنمىغان ئىدى. ئازادلىق غايىسى خەلقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تېخى مەۋجۇت ئىدى.
ئومۇمەن، شېڭ شىسەي باشلىق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان مىلىتارىستلار، شوۋىنىست مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق- ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تۇڭگان، رۇس، شىۋە، تاجىك قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقىدە قاتتىق نارازىلىق پىكىرلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقىلار 1944-يىلىدىكى ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىدىكى ئىچكى سەۋەب-ئامىللار ھەققىدىكى قىسقىچە بايانلاردىن ئىبارەت.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر