دۇنيا بىزگە ۋە بىز بىر - بىرىمىزگە ئامانەت

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (16)

357712
دۇنيا بىزگە ۋە بىز بىر - بىرىمىزگە ئامانەت

دۇنيا بىزگە ۋە بىز بىر - بىرىمىزگە ئامانەت


ئەزىز قېرىنداشلار!
دۇنيانىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالىدا ياشاۋاتقان بىز ئىنسانلار، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ بىر ئائىلە ھېسابلىنىمىز. بىزنى «ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھاۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىمىز» دېگەن ئېتىقادقا ئىگە قىلغان، بىزنى يوقتىن بار قىلغان، جىسىمدا شەكىلداش، دىندا قېرىنداش قىلغان، بىزگە مول تۈرمۈش نېئمەتلىرى بەخش ئەتكەن ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ قۇللىرىمىز. ھەر بىر ئىنسان ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھەر بىر ئىنسان ئۇلۇغ ۋە ئۆزگىچىدۇر. جىنسى، مىللىتى نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر بىر ئىنساننىڭ جان - مېلى ۋە ئابرويى چېقىلىشقا بولمايدىغان خاسلىققا ئىگىدۇر.
ئەزىز مۆئمىنلەر!
پەرۋەردىگارىمىز، بىزلەرنى سۆزلەش، كۆرۈش، ئاڭلاش، قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىپ، يەر شارىنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. بىزنى بىرلا زېمىننىڭ ئۈستىدە ۋە ئوخشاش ئاسماننىڭ ئاستىدا، بىرلىكتە ئىنسانىيلىققا يارىشىدىغان شەكىلدە ياشاش ئىمتىھانىغا سالدى. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى، بىزگە ۋە بىزنى بىر – بىرىمىزگە ئامانەت قىلدى. شۇنداق ئېغىر يۈك يەلكىمىزدە يۈكلەنگەن تۇرۇغلۇق، كۆپىنچە ھاللاردا ئاجىزلىقىمىزنى نايان قىلىپ تۇرماقتىمىز. ئىرق، مەزھەپ ۋە مەشرەپ ئوخشىماسلىقىلىرى بەزىدە تۇقۇنۇشلارغا سەۋەب بولماقتا. ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە يول قويۇش ۋە توغرا چۈشۈنۈش ئەپسۇسكى كۆپىنچە ئېغىزىمىزدىكى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالماقتا. ئىنسانلار بىر – بىرىنى تېخىمۇ ئاز چۈشۈنىدىغان، ھەتتا قەتئىي چۈشەنمەس بولۇپ كېتۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. ھەر كۈنى دېگۈدەك مېھرى – شەپقەتنىڭ ئورنىنى ئۆچ – ئاداۋەتنىڭ ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئورنىنى، دۈشمەنلىكنىڭ بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن، ئىخلاس ۋە سەمىمىيلىكنىڭ ئورنىنى رىياكارلىق ۋە مەنمەنلىكنىڭ ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتىمىز.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
ھەر قانداق ئائىلە ئىچىدە چوڭ - كېچىك ھەر خىل چۈشۈنىشمەسلىكلەر بولىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەسىلىلەردە تۇلۇق ماسلىشىپ كېتىشى، قىيىنچىلىقلاردىن ئۇزاق، بىر پۈتۈنلۈك ۋە بىرلىك ئىچىدە بولۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ھەمدە ئەملىيەتكىمۇ خىلاپ. بىراق تۇقۇنۇش، تالاش – تارتىش، چەتكە قېقىش، ئېزىش، ئازارلاش، خورلاش، كەمسىتىش قاتارلىق ئىللەتلەر پۈتۈن دۇنيانى ھەممىمىزگە نىسبەتەن ياشىغىلى بولماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. ۋەھالەنكى، بىرلىكتە، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاشنىڭ ئەخلاقىي ۋە ھەق – ھۇقۇقى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلىنغان ئىدى.
ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە «ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر ئارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى» (سۈرە مائىدە 48 – ئايەت) دەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا ئوخشىماسلىقلارنىڭ ئىلاھىي قۇدرەت ۋە ھېكمەتنىڭ شۇنداقلا ئىلاھىي ئىمتىھاننىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئەجىبا شۇنداق ئىكەن دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچەرگىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش شۈنچە قېيىنمىدۇ؟
دۇرۇسلۇقنى ئادالەت ۋە سەۋىرچانلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تايانچى قىلىش، ئەجىبا ئېگىز بىنالارنى سېلىپ، يوغان شىركەتلەرنى قۇرۇشتىنمۇ تەسمىدۇ؟
ھۆرمەت، ئەدەپ، كۆيۈم – شەپقەت ۋە ئورتاقلىشىشنى ھاياتىمىزغا ھاكىم قىلىش، پەۋقۇلئاددە ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرتۈشتىن ۋە ئالەم بوشلۇقلىرىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىنمۇ قىيىنمىدۇ؟
ئەجىبا ئۆچ - ئاداۋەت تۇيغۇلىرىمىزنى، ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىنتىقام ئارزۇلىرىمىزنى پاچاقلاپ تاشلاش، ئاتومنى پارچىلاشتىنمۇ كۆپ ئەمگەك تەلەپ قىلامدىغاندۇ؟ يۈرەكلىرىمىزدە سۆيگۈ - مۇھەببەت مېھرى - شەپقەت پەيدا قىلىش، كاتتا زاۋۇتلارنى قورۇپ، قورال ئىشلەپچىقىرىشتىنمۇ كۆپ خىراجەتلىك ۋە جاپالىقمىدۇ؟
ئەزىز قىرنداشلار!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا قۇرۇپ چىققان قېرىنداشلىق رىشتىسى ھازىرمۇ خاتىرىلىرىمىزدە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مانا بۇ، قېرىنداشلىق، سۆيگۈ، ئۆزئارا ھۆرمەت، ياردەملىشىش، ئورتاقلىشىش ۋە مۆئمىنلەرچە ئۆزئارا ئىخلاسىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.
قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە تەلىم بەرگەن بۇ قېرىنداشلىق ۋە بىرلىكتە ياشاش ئەخلاقىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەكىس ئەتتۈرەلىگەن ياكى ئەتتۈرەلمىگەنلىكىمىزنى بىرلىكتە سوراپ باقايلى!
ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۆئمىن ئەڭ كۆڭۈلگە يېقىن كىشىدۇر. ئىنسانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتالمىغان، ئۆزى بىلەنمۇ دوستلۇق ئورناتقىلى بولمايدىغان كىشىدە خەير يوقتۇر» (ئىبنى ھەنبەل، 40) دېگەن بولۇپ، ئەجىبا مانا بۈگۈنكى كۈندە بىز مۇسۇلمانلار ھېچ قانداق ئەندىشە قىلماستىن بىر ـ بىرىمىزگە سۆيگۈ ـ مۇھەببەت بىلەن قەلبىمىزنى ئاچالامدۇق؟ ئوتتۇرىمىزدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزگە مەھكەم ئېسىلىپ تۇرالامدۇق؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىغا تەبەسسۈم بىلەن قاراشنىڭمۇ بىر سەدىقە ئىكەنلىكىدىن (تىرمىزى مېھرى ـ شەپقەت بابى 36) خوشخەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەجىبا بىز بۇنىڭغا قانچىلىك ئەمەل قىلىۋاتىمىز؟ ياكى شەخسىي ھەۋەسلىرىمىزنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋېلىپ، ھەم ئۆزىمىزنى، ھەم قېرىنداشلىرىمىزنى شۇ خىل گۈزەللىكلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ قويۇۋاتامدۇق؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ ئۈچۈن سىەردىن پاناھلىق تىلىگەن كىشىگە پاناھ بولۇڭلار! ئاللاھ ئۈچۈن تىلىگەن كىشىگە بېرىڭلار! سىلەرنى مېھانغا چاقىرغان كشىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار! سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇڭلار» دېگەن ئىدى. (ئەبۇ داۋۇد، زاكات بابى 38) ئەجىبا بىز قېيىن ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تېلىگەن ئاساستا ياردەم قولىمىزنى ئۇزاتالىدۇقمۇ؟ ياكى دەل ئەكسىچە ھەر بىر يېتىم، غىرىپ ـ غۇرۋا، يوقسۇلنى بىزنى بىئارام قىلىدىغان بىر يۈك قاتارىدا كۆرۈۋاتامدۇق؟
ئەزىز قېرىنداشلار!
قۇرئان كەرىمدىكى «ئۆزەڭلارنى پاك ھېسابلىۋالماڭلار، كىمنىڭ تەقۋادار ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» (سۈرە نەجىم، 32 ـ ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆزىمىزنى ھېسابقا تارتىپ يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋىلىشقا تىرىشىۋاتامدۇق ياكى خاتا ۋە ئەيىب - نوقسانلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىپ، قەلب ئازارلايدىغان، باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتامدۇق؟ ئائىلە، ئۇرۇق ـ تۇققانچىلىق، خوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە خىزمەتداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزدە، قاتناشتا، بازاردا، تىجارىتىمىزدە، قىسقىسى كۈندىلىك تۈرمىشىمىزدا كۆپىنچە ھاللاردا ئاچچىقىمىزغا يېڭىلىپ قىلىۋاتامدۇق ـ يوق؟
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئۆزگىچە مەنىۋى مۇھىتى بولغان مۇقەددەس 3 ئايغا قەدەم قويىمىز. كېلەر پەيشەنبە كېچىسى رەغائىب قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان رىغبىتىمىزنى، سۆيگۈ ـ مۇھەببىتىمىز ۋە ساداقىتىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرەيلى! بىرلىكتە باراۋەلىك ئىچىدە، خاتىرجەم ياشىشىمىز ئۈچۈن سۆيگۈ، مېھرى ـ شەپقەت، ئادالەت قاتارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىمىزنى تۈرمۇشىمىزغا ھاكىم قىلايلى! ئۆزىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىشىنى خالىساق، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلايلى! شۇنى قەتئىي ئۇنۇتمايلىكى، بۇ دۇنيا بىزگە ۋە بىز بىر ـ بىرىمىزگە ئامانەت.
ئاللاھ بىزنى بىر – بىرىگە ئىخلاسمەن، سادىق، كۆيۈم - شەپقەتلىك ھەقىقىي مۆئمىن قېرىنداشلاردىن قىلسۇن! قېرىنداشلىق ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ – مۇھەببىتىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ساھىبىلەرگە ئوخشاش ئۆخشاش بىر – بىرىگە پىداكار ئەكىمەتلەردىن قىلسۇن! ئامىن!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر