يەمەن ھەرىكىتى ۋە قۇتۇپلاشقان ئوتتۇرا شەرق

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 118

232277
يەمەن ھەرىكىتى ۋە قۇتۇپلاشقان ئوتتۇرا شەرق

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 118
«يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ۋە قۇتۇپلاشقان ئوتتۇرا شەرق»

ئوتتۇرا شەرق 2015 – يىلى 25 – مارت كۈنى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ ئىستىسنائىي بىر ھادىسىگە شاھىت بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 100 ئايروپىلان يەمەننىڭ پايتەختى سەنئانى قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى. ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ۋە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى خەلقئارامۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. 8 دۆلەت يەنى، بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ماراكەش، سۇدان، ئىيوردانىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي يارىدەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا، تۈركىيە، پاكىستان، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، پەلەستىن، لىۋىيە ۋە ماۋرىتانىيە بولسا، سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنە بىر تەرەپتە رۇسىيە، خىتاي، ئىران، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئالجىرىيە بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلىشتى. دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق گۇرۇپلىشىشلىرىغا قارىغاندىمۇ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبىنى، يەمەندىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت مىقياسىغا كېڭىيىشكە ۋە كونتروللۇقنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان شىئە خۇسىيلارنى تورمازلاش دېيىشكە بولىدۇ.
شىئە مەزھىپىنىڭ بىر پىرقىسى بولغان زەيدىلىكنى مەنبە قىلغان خۇسىيلار سەييىد سەدرىتتىن خۇسىي تەرىپىدىن 2014 – يىلى ئۆكتىچى ھەرىكەت سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 2011 – يىلى پايتەخت سەنئاغىچە كېڭەيگەن ۋە 2014 – يىلىغا كەلگەندە، يەمەن جۇمھۇر رەئىسى مەنسۇر ھادىنى سۈرگۈن قىلىپ، پارلامېنتنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى خۇسىيلارنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانچە قويۇقلىشىپ، ئىراندىن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى ئېلىشقا باشلىغانلىقى ئىدى. بۇ ئامىل سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا سۈننىي دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ خۇسىيلارنى قۇللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئىرانغا قارشى ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى ۋە باشقا ياردەمچى دۆلەتلەرمۇ بۇنى تەكىتلىگەن بولدى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** *** **** *** **** ** **** ***** **** ****
شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ھەربي ھەرىكەتنى پەقەتلا يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن ئىزاھلاش ۋە چۈشۈنۈش يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق 3 ماكرو سەۋەبلىرى بار.
1 – بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى خەلقئارانىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خەلقئارا نېفىت بىخەتەرىلىكىنى قوغداش مەسلىسىدۇر. چۈنكى خۇسىيلار كونتىروللۇقى ئاستىدىغا كىرگۈزىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقان رايون، باب ئەل مەندەب بوغۇزى بولۇپ، خەلقئارا نېفىت تىرانسىپورتىنىڭ تەخمىنەن %30 مۇشۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ. باب ئەل مەندەب بوغۇزى 19 – ۋە 20 – ئەسىردىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئىراننىڭ تەسىرى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ بۇ بۇغۇزنى كونتىروللۇقى ئاستىغا كىرگۈزۈۋېلىشى بولسا، (خورمۇز بوغۇزىنىمۇ كۆزدە تۇتقاندا) خەلقئارالىق نېفىت لېنىيەسىنى ئىراننىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قىلىشتەك ئاقىۋەتكە سورىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەربىستان ۋە باشقا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆز يۇمۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە بەزى يېتەرسىزلىكلىرى كۆرۈلگەنلىكىگە قارىماستىن، شۇنچە كۈچلۈك قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشكەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
2 – بۇ ھەربىي ھەرىكەت ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە 1 – ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان سىسىتېما ۋە ھاكىم - مۇتلەقلىق ماۋجۇت بولۇپ، ئەرەب باھارىدا بۇ ھاكىم – مۇتلەقلىقنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى باشلانغان ئىدى. بىراق بۇ ئۆزگىرىش ھەرىكىتى دەسلەپتە لىۋىيەدە، بولۇپمۇ سۈرىيەدە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مۇقىمسىزلىق رايوندىكى پادىشاھلىقلارنى ۋە دېكتاتور تۈزۈملەرنى بىئارام قىلدى. بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىراننى ياخشى كۆرىدىغان شىئە گۇرۇپپىلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا ئۆتكەنلىكى ئىدى. چۈنكى سۈننىي دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك شىئەلەرمۇ بار بولۇپ، ئەگەر بۇ گۇرۇپپىلارمۇ خۇسىيلارغا ئوخشاش يۈكسىلىىشكە ئۆتسە ۋە ئىراندىن ياردەم ئېلىشقا باشلىسا، پۈتۈن رايوندا رادېكال تۈزۈم ئۆزگۈرىشى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت مانا بۇ ئېھتىماللىقنى يوق قىلىش ئۈچۈن تاشلانغان تۈنجى قەدەم بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
3 – بۇ قېتىقى ھەربىي ھەرىكەت، ئۇزۇندىن بۇيان شەكىللىنىۋاتقان سۈننىي لاگىرنىڭ ئەمدىلىكتە ئاكتىپ ھالغا كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى سالمان تېخى يېقىندىلا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك بىر يىغىن ئۆتكۈزگەن ۋە «سۈننىي لاگىر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ باياناتىدا، تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقان شىئە ھىلالىغا قارشى سۈننىي لاگىر قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولۇپ، يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت بۇ قۇرۇلغان لاگىرنىڭ نامايەندىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىنكى ۋەزىيەت بۇ لاگىرنىڭ قوراللىق بىر كۈچكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئارقىدىنلا مىسىردا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىمۇ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش قارارى ئالدى. بۇ ئارمىيەنىڭ قۇرۇلىدىغان ياكى قۇرۇلمايدىغانلىقى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ھەتتا مۇشۇ قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى قۇتۇپلىشىشنىڭ نە قەدەر كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر تەرەپتە ئىراننىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىئە دۆلەتلەر ۋە شىئە خەلقلەر لاگىرى، يەنە بىر تەرەپتە سەئۇدى ئەربىستان رەھبەرلىكىدىكى سۈننىيلەر لاگىرى كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
بۇ قۇتۇپلىشىش گەرچە قارشى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈش ۋە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىنتايىن جىددىي خەۋپلەرگمۇ ھامىلە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان بىر باسقۇچقا كىرىپ قالدىغانلا بولسا، شۇ ھامان مۇنداق ئىككى خىل خەۋپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
1 – پۈتۈن رايوندا شىئە سۈننىي ئايرىمچىلىقى باش كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇرۇشلار مەيدانغا كېلىشى ۋە دۆلەتلەر مۇقىمسىزلىققا دۇچار بولۇشى مۇمكىن. ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئەمدىلىكتە يەمەندىكى ئىچكى مالىمانچىلىقلار باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن.
2 – شىئە ۋە سۈننىي لاگىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن چوڭ رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن. تىلغا ئالغاندىمۇ ئادەمنى چۆچىتىدىغان لاگېرلار ئارا ئۇرۇشنىڭ قانداق ھالاكەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە 100 – يىلى خاتىرىلىنىۋاتقان 1 – دۇنيا ئۇرۇشى بۇ جەھەتتە ئاچچىق ساۋاققا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مىساللارغا تولغان بولۇپ، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىغىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر قۇتۇپلىشىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىلمىي بىر ھەقىقەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، بۇ خەۋپلەرنىڭ مەيلى قايسىسى يۈز بېرىشتىن قەتئىي نەزەر، يەمەنگە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر گىرداپتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر