(P5+1) دۆلەتلىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 119

(P5+1) دۆلەتلىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 119
«(P5+1) دۆلەتلىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى »

تەخمىنەن 10 يىلدىن بۇيان (P5+1) دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملاشقان ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەردە بۇ قېتىم مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى. ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن تەركىپ تاپقان (P5+1) دۆلەتلىرى بىلەن ئىران، مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رامكا كېلىشىمى ئىمزالاشتى. ئاخىرىقى شەكلى 31 – ئىيۇندا تاماملىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان رامكا كېلىشىمى ھەر قايسى تەرەپنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كېلىشىمنىڭ ئاخىرىقى شەكلى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس، بىراق بۇ كېلىشىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى 10 يىلدىن بۇيان بىر قانچە قېتىم توڭلىتىپ قويۇلغان، ھەتتا نەتىجىسىز ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغىمۇ كېلىپ قالغان بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى نۇقتىغا كېلىشىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. توختامنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى بولسا، 36 يىلدىن بۇيان بىر – بىرىگە زىت قۇتۇپتا ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق بىر تىنچلىق تۇقىتىسىغا كەلگەنلىكىدۇر. ئەسلىدە بۇ يادرو كېلىشىمىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان ئامىلنى، «ياردو كېلىشىمىنىڭ ئىچكى تەپسىلاتىغا ئوخشاش ئىران – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھېكايىسىدۇر» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى رامكا كېلىشىمىنى ئىككى جەھەتتىن ئانالىز قىلىش لازىم. بىرىنچىسى؛ خەلقئارانىڭ ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن يادرو كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلگەنلىكى. ئىككىنچىسى؛ ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە دىققەتنى تارتقۇچ بىر ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلگەنلىكى. بۇ ئىككى نۇقتىنى قىسقىچە مۇنداق ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ:
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** **** **** ****** *******
ئالدى بىلەن كېلىشىمنىڭ ئىچكى تەپسىلاتىغا قارايدىغان بولساق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خېلى چوڭ يول قويۇشلار نەتىجىسىدە بۇ كېلىشىم نۇقتىسىغا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. كېلىشىم ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىك تېمىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سىياسىي پوزىتسىيە ئۆزگىرىشنىمۇ نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ رامكا كېلىشىمىگە كۆرە، ئىران قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان يادرو پىروگرراممىسىدىن بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنگەن بولدى. ئىران يادرو پائالىيىتىنىنىڭ ئۈچتە ئىككى قىسمىنى ئازايتىدۇ. ئوران قويۇقلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %3.67 سۈۋىيەسىدىن ئاشۇرىۋەتمەيدۇ. قول ئىلىكدىكى قويۇقلاشتۇرۇلغان 10 مىڭ كېلو ئەتراپىدىكى ئوراننى 300 كېلوغا چۈشۈرىدۇ. فوردو رېئاكتور بازىسىدا ئوران قويۇقلاشتۇرۇشنى توختىتىدۇ ۋە 15 يىلغىچە بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. قىسقىسى، باشقا تېخنىكىلىق بەلگىلىمىلەردىنمۇ ئىراننىڭ مۇزاكىرىدە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يول قويۇشنى تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بۇلارنىڭ بەدىلىگە ئىران قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەت، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئاخىرىقى كېلشىم ئىجرا قىلىنغان ھامان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان، ئامېرىكا بولسا، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە بۇ خىل رادېكال كېلىشىملەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. بۇ ئىشەنچنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ قاتتىق تەشكۈرۈشلىرى ۋە تەستىقلىرى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پوزىسىيەلىرىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مىسالى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن سىياسىي كېلىشىم تۈزگەنلىكىدۇر. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 1979 – يىلىدىن بۇيان شۇ قەدەر ئېغىر ئۆچمەنلىك پەيدا بولدىكى، ئىران ئامېرىكىنى «چوڭ شەيتان» دەپ ئاتايتتى ۋە ئامېرىكىمۇ ئىراننى، «تېررورېست، ياكى تېررورچىلارغا ياردەم بېرىدىغان دۆلەت» دەپ تىلغا ئالاتتى. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدىمۇ ھەر ئىككى تەرەپتە ئىنتايىن رادېكار ئاكتىيورلار ئورۇن ئالغان ئىدى.
ئەسلىدە ئامېرىكا تەرەپتە ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي لوبىلىرىنىڭ، ئىران تەرەپتە بولسا، رادىكار موللىلارنىڭ بۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشىگە يول قويۇشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايتتى. ھەتتا ئۇلار ھازىرمۇ بۇ كېلىشمگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن كېلىشمنىڭ ئاخىرىقى ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى كۆرگەنگە قەدەر كېلىشىمگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىشىمىز پايدىلىقتەك قىلىدۇ.
ئەمدى بۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقلارغا قارىماستىن بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنىڭ سەۋەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈش نۇقتىسىغا كەلگەنلىكىنى ئانالىز قىلىش كېلىشىمنىڭ كەلگۈسىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىران بىلەن يادرو كېلىشىم تۈزۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەبى بار. ئۇ بولسىمۇ غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىران بىلەن زىددىيەتنى قانچە داۋاملاشتۇرغانسىرى ئىراننىڭ ئەتراپتىكى تەسىرىنىڭ شۈنچە كۈچلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئىدى. ئامېرىكىنىڭ يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئىراندا تۈزۈم ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىراننىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىراننىڭ تەسىر دائىرىسى ئىراقنىمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئەمدىلىكتە يەمەنگىچە كېڭەيدى. بۇ نەتىجىنى ئىران ئۆزى يالغۇز ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا كەلتۈردى. شۇڭا ئىراننى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خېلى ئېغىر تەسىرى ئاستىدا، دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىراننى يېنىغا تارتىپ رۇسىيە بىلەن خىتاينى رايوندىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىراننىڭ ئىقتىسادى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە گىئوپولىتىكىسىدە ئامېرىكا ئۆز تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىران ئونلىغان يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېمبارگولاردىن بولىشغا سېقىلغان ئەھۋالدا بولۇپ، ئېمبارگولار ئىراننىڭ يالغۇز ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارادىكى ئورنىغىمۇ ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى. ئىران تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سودا قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلىيالىشى نۇرغۇن چوڭ چىقىملار بەدىلىگە ئىشقا ئاشماقتا. مانا بۇ ۋەجىدىن ئىراننىڭمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلغانلىقى چۈشۈنۈشكە بولىدىغان ئەمەلىيەتچىل بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئىران خەلقىنىڭ كېلىشىمدىن كېيىن گويا بايرام ئوينىغاندەك شاتلىققا چۆمىشىنى بولسا، كېلشىمنىڭ «دۇنياغا ئېچىلىش پۇرسىتى» دەپ قارالغانلىقى دېيىشكە بولىدۇ.
خۇلاسە شۈكى، ئەگەر كېلىشىم نەتىجىلىك شەكىلدە ئىجرا قىلىنسا، پەقەت ھەر قايسى تەرەپلەرگىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق شۇنداقلا دۇنيا سىياسىتى ئۈچۈنمۇ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇ نەتىجىلەرنى ئايرىم مۇلاھىزە قىلىش لازىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بالدۇر كۆرۈلىدىغان نەتىجە، رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلەرنىڭ بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەسلىسىنىڭ ھەل بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر