ھەقىقىي سۆيگۈ، ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈشتۇر

ئى ئاللاھ! سەندىن سېنى سۆيۈشنى، سېنى سۆيگەن كىشىنى سۆيۈشنى، سېنىڭ سۆيگۈڭگە ئېرىشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلىشىڭنى تىلەيمەن.

223283
ھەقىقىي سۆيگۈ، ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈشتۇر

جۈمە خۇتبىلىرى (14)

ھەقىقىي سۆيگۈ، ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈشتۇر

بىر كۈنى مەلۇم كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت ئۈچۈن سەن نېمە ھازىرلىدىڭ؟» دېگەن سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇ كىشى: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىنى ھازىرلىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سەن سۆيگەنلىرىڭ بىلەن بىرگە بولىسەن» دېدى. (مۇسلىم، سىلە - رەھىم بابى)
ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزلىرى ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرمەكتە ئىدى. قەلىبلىرىنى ھەقىقىي سۆيگۈ بىلەن، يەنى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان چىن سۆيگۈ بىلەن تولدۇرغان ھەمدە شۇ سۆيگۈ بىلەن ياشىغان مۆئمىنلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقىدىن خۇش خەۋەر بەرمەكتە ئىدى.
ئەزىز دوستلار!
ھەر دائىم ئەڭ گۈزەل دۇئالىرىنى بىزلەرگە ئۆرنەك قىلىپ قالدۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ئاللاھقا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدى:
«ئى ئاللاھ! سەندىن سېنى سۆيۈشنى، سېنى سۆيگەن كىشىنى سۆيۈشنى، سېنىڭ سۆيگۈڭگە ئېرىشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى پەرۋەردىگارىم! ئۆز سۆيگۈڭنى ماڭا، ئۆزەمدىنمۇ ۋە ئائىلەمدىنمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ بەرگىن!» (تىرمىزى، دەۋەت بابى 72 -ھەدىس)
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مانا بۇ دۇئاسى ئارقىلىقمۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا سۆيگۈ -مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزنى تەلىم بەرمەكتە.
ئەزىز دوستلار!
سۆيگۈ - مۇھەببەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بارچە مەخلۇقاتلارغا ئاتا قىلغان ئىلاھىي مەرھىمىتى ۋە كاتتا نېئمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلىبلىرىگە سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر. ئۇ «ۋەدۇد» دېگەن سۈپەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ، سۆيگۈچى ۋە سۆيۈلگۈچىدۇر. ئەنە شۇ سۆيگۇ - مۇھەببىتى سايىسىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى رىزىقلاندۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ بۇ چەكسىز سۆيگۈ - مۇھەببىتى بىلەن، بىز بەندىلىرىگە ياردەم قىلىدۇ ۋە خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىدۇ.
ئالەملەرنىڭ رەببى «مەغپىرىتى كەڭ، سۆيگۈسى چوڭقۇر زاتتۇر» (سۈرە بۇرۇج 14 - ئايەت) چەكسىز كۆيۈم - شەپقەتنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇ بەندىسىنى سۆيگىنىدە، بەندىنىڭ تىلگىنىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە سىغىنغانلارنى قوغدايدۇ. مەغپىرەت تىلىگەنلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. بەندىنىڭ تىلەشنى بىلىشىلا كۇپايە قىلىدۇ. رەببىگە لايىقىدا مۇراجىئەت قىلسىلا ۋە يۈزىنى رەببىگە ئۇدۇللاپ، قەلبىنى رەببىگە ئاچسىلا بولدى.
ئەزىز دوستلار!
مۆئمىننىڭ يۈرىكى ھەر دائىم ئاللاھ سۈيگۈسى بىلەن سوقىدۇ. بۇ سۆيگۈ قانداقتۇر پەقەتلا قەلىبتە ھېس قىلىنىدىغان تۇيغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتۈن پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلە - مۇناسىۋەتلىرىدە، پىكىر، سۆز ۋە ئىپادىلىرىدە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بىلەن تولغان ھەر قانداق مۆئمىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە چۆمۈلگەن بولىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىدىن خاتىرجەم، قورقمايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ناچار، ئەخلاقسىز سۆزلەرگە قۇلۇپلانغان ۋە خەيرىلىك سۆزلەرگە ئېچىلغان بولىدۇ. بۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھەرقانداق مۆئمىن قۇرئان كەرىمدىكى «ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بارغۇ؟! رەھىم شەپقەتلىك ئاللاھ ئەنە شۇلارنى (قەلىبلەرگە) سۆيدۈرىدۇ» (سۈرە مەريەم 96 - ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ خوش خەۋىرىگە مەزھەر بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنداق مۆئمىننى ئالدى بىلەن ئۆزى سۆيىدۇ، ئاندىن يارىتىلمىشلارغا سۆيدۈرىدۇ، رەھىم - شەپقەتلىك ئاللاھ بۇنداق كىشىلەرنى ھەقىقي سۆيگۈگە سازاۋەر قىلىدۇ.
ئەزىز دوستلار!
ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانلار سۆيگۈسىزلىك گىردابىغا پېتىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن يارىتىلمىشلارغا نىسبەتەن سۆيگۈ - مۇھەببەت تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاللاھ قەلبىمىزگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە پەيغەمبىرىمىز بىزگە تەلىم بەرگەن سۆيگۈ - مۇھەببەت، كۆپىنچىمىز تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. سۆيگۈدىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان قەلىبلەر تاشتەك قاتماللىشىپ، شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە نى - نى ئېسىل ئىنسانلار خۇشاللىقىنى ماددىدىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلاھىي ئىنئام بولۇپ ھېسابلىنىدىغان سۆيگۈ يالغانغا، مەنپەئەتكە، ۋە ئىچى قۇرۇق ئەھمىيەتسىز گەپلەرگە قۇربان قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى. قەلىبلىرىدە سۆيگۈ ۋە مېھرى - شەپقەت ئورۇن ئالمىغان كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق، ياردەمسۆيەرلىك، پىداكارلىق ۋە رەھىمدىللىق تۇيغۇلىرى يوقالدى.
ئەزىز دوستلار!
ئاللاھ سۆيگۈسىدىن، كۆيۈم - شەپقەت ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن مەھرۇم ھالدا يېتىشكەنلەرنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋەتلىرىنى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرمەكتىمىز. بۇنداق كىشىلەر ئۆز - ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە، ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزمەكتە. ئىسلامنىڭ رەھىم - شەپقەت بىلەن تولغان تەلىماتلىرىنى ئـۆزىگە سىڭدۈرمىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان زورۋانلىق، تېررورلۇق، ۋەھشىيلىك ۋە قەتلىئام قىلمىشلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.
ئەزىز دوستلار!
بۇ ناچار ئەھۋاللارنىڭ بىردىنبىر رېتسىپى، ئىسلامنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببەت، كۆيۈم - شەپقەت، ئادالەت ۋە مېھرىبانلىققا تولغان تەلىماتلىرىغا مەھكەم ئېسىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلۇغ دىنىمىز ئىنسانىيەتكە سۇنماقچى بولغان ئۈلگىلىك ئۈممەتكە ئايلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىچانلىق كۆرسىتەلىشىمىز شۇنداقلا «يارىتىلمىشلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش» دەستۇرىنى ئۆزلەشتۈرەلىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. دېمىسىمۇ ئىمان ئېيتقۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ سۆيگۈمىزنىڭ مەنبەسى ئىلاھىي سۆيگىدۇر، بۇنىڭ نامايەندىسى بولسا، بىر - بىرىمىزدىن مەنپەئەت كۈتمەستىن، رىياسىز ۋە ھېسابسىز شەكىلدە ياخشى كۆرەلىشىمىز بولۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تەلەپ قىلغانلىرىمىزنى قېرىندىشمىز ئۈچۈنمۇ تەلەپ قىلالايدىغان بولۇشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. پىتنە - پاسات، مالىمانچىلىققا تولغان مۇھىتلارنى پەيدا قىلىدىغان، قېرىنداشلىقىمىزنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى، ئۇلپەت ۋە مۇھەببەتلىرىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر.
بىزلەر ھەقىقىي سۆيگۈ بىلەن رەببىمىزنى ۋە بىر - بىرىمىزنى سۆيىدىغانلا بولساق، ھازىرقى دەۋردىكىگە ئوخشاش چىن سۆيگۈدىن مەھرۇم، دۇنيالىق ھاياتى مەنىسىز، سەمىمىيەتتىن ئۇزاق، ساختا سۆيگۈ -مۇھەببەتلەرگە گىرىپتار بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىمىز. مېھرى - شەپقەت ئىقلىمىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېقىتقان قانلىرى، مەيدانغا چىقىرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى دەل ئەنە شۇ چاغدا توختىغان بولىدۇ. بۇزۇلغان ئاڭ ۋە قاتماللاشقان قەلىبلەر سەۋەب بولۇۋاتقان ئۇرۇشلارمۇ ئەنە شۇ چاغدىلا ھەقىقىي مەنىدە ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۆچمەنلىكلەرنىڭ ئورنىنى دوستلۇقلار، نەپرەتنىڭ ئورنىنى مېھرى - شەپقەت ئىگىلەشكە باشلايدۇ.
ئەزىز دوستلار!
شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، ئاللاھنى سۆيگۈچىلەر ۋە ئاللاھ ئۈچۈن بىر - بىرىنى سۆيگۈچىلەر ھەرگىز ئەندىشە ۋە قورقۇنچقا مۇپتىلا بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر دۇنيا ھاياتىنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى خۇش خەۋىرىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىدۇ:
«پەقەت مېنىڭ ئۈچۈنلا بىر - بىرىنى سۆيگەن، مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈنلا بىر يەرگە جەم بولغان، مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش مەقسىتىدە بىر - بىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە پەقەت مېنىڭ رىزالىقىم ئۈچۈنلا سەدىقە بېرىپ، ياخشىلىق قىلغۇچىلار مېنىڭ سۆيگۈمگە ھەقلىق بولىدۇ.» (مۇۋەتتا يامانلىق بابى 16 -ھەدىس)
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ قەلىبلىرىنى ئۆزئارا كۆيۈم - شەپقەت ۋە مېھرى -مۇھەببەت بىلەن تولدۇرغاي، ئامىن!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر