ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىللە، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن باشقا ئىلاھىي دىنلارنىڭمۇ مۇھىم تارىخىي شەخسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

283116
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا قارشى چىقىش بىلەن بىللە يەر يۈزىدە مۇشتۇمزورلۇق قىلغان، بىگۇناھ ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلغان نۇرغۇنلىغان ھاكىمىيەتلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە جازالاندى. بۇ جەرياندا زورلۇق ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرغان ھەقىقەتپەرۋەر ئىنسانلار داۋاملىق سۈرئەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئىلاھىي قانۇنىيەت بويىچە يوقالغان خەلقلەرنىڭ ئورنىغا توغرا يولدا ماڭغۇچىلار ئىز باسار قىلىپ تەيىنلەندى. دەۋر مۇشۇنداق ھالەتتە تەكرارلىنىپ سۈمەر ۋە ئاققاد تۇپراقلىرىدا يىپيېڭى ۋە ھەشەمەتلىك بابىل ئىمېپىرىيەسى قۇرۇلدى. بىر ئىلاھلىق ئېتىقاد يوقۇلۇپ، ئورنىنى كۆپ تەڭرىلىك ئىلاھىيەتچىلىك چۈشەنچىسى ئەۋج ئالدى. بەزىلىرى بۇتلارنى مۇقەددەس دەپ تونۇسا، يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ قارىغان يۇلتۇزلارغا چوقۇناتتى. ئىلگىرىكى قەۋملەرنى قولغان كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى خاتالىشىشتىن توسالمىغاندەك، نامى تىللاردا داستان بولغان بابىل مەدەنىيىتى بابىل خەلقىنى خاتا ئېتىقادلارغا كېرىپ قىلىشتىن قۇتقۇزالمىغان. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلاردىن ياردەم تىلەش ۋە باشقا جىسىملارغا ئوخشاش جىسىم بولغان يۇلتۇزلاردىن مەدەت كۈتۈش، ئەنە شۇ مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ دىنىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولسا مانا مۇشۇنداق بىر جەمئيەتكە ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن.
ئىلم ئەھلىگە ئايان بولغىنىدەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىللە، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەن باشقا ئىلاھىي دىنلارنىڭمۇ مۇھىم تارىخىي شەخسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە قىلپ ئېيتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە ئىسلام ئەللىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بارچە خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئاساسىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تاياندۇرىدۇ. ئەپسۇسكى مەزكۇر رايونلاردا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ھەقىقى بولمىغان نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم بۇلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدىغان ئادىتى بويىچە قۇرئان ئۇنىڭ ھەققىدە بىزگە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان ئۈلگە. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار قەۋمىگە: ‹ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامىز. بىز سىلەرنى تونۇمايمىز. تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ› دېگەن ئىدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا، ‹ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن. پەقەت ئاللاھتىن ساڭا كېلىدىغان ئازاپنى قىلچىلىكمۇ توسۇپ قالالمايمەن› دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ ئۈلگە قىلىۋېلىشىڭلارغا بولمايدۇ. ئى رەببىمىز! بىز ساڭىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، بىزنىڭ ئاخىرىدا بارىدىغان جايىمىز سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر.»
بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى ئۈلگىلىك تەرەپ، ئاساسەن تەۋھىد كۆرۈشىدىكى كەسكىن ئىدىيەسىدە ياتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئىسلام تارىخىدىكى تەۋھىد كۈرىشىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراقدارى دەپ ئاتايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە «ئىبراھىم ھېچقاچان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى بولمىدى. ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بىر پېشىۋا ئىدى» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ، ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەقەت بىز ئىنسانلارنىڭلا ئۈلگىسى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئۈلگە قىلىپ تىكلەنگەن پەيغەمبەر ئىدى.
يەھۇدىي مەنبەلىرىگە تايىنىدىغان بەزى تارىخچىلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى، ئبراھىم ئىبنى تارىخ دەپ ئاتايدۇ. لېكىن قۇرئاندا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئسىمىنىڭ ئازەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئازەر، بۇتقا چوقۇنىدىغان كىشى ئىدى. ئىلگىرىكى تېمىلاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇتلار ئاساسەن تەۋراتتا ۋە باشقا يەھۇدىي مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ.
تارىخ مەنبەلىرىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشاپ ئۆتكەن دەۋر ھەققىدە كەسكىن بىر مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىغاندا، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 20-22 -ئەسىرلەر ئەتراپىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ھەققىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىجلە ۋە فىرات دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلاردا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمزدەك، قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چوڭ پەيغەمبەرلەردىن سانىلىدۇ. ئۇنىڭ قەۋمى بىلەن بولغان تەۋھىد كۈرىشى كىچىك يېشىدىلا باشلانغان. بۇ جەرياندا، ئۇ يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي مەنتىقىلىق سۆزلەش ئۇسۇلىنى ئاكتىپ ئىشلىتەلىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا ئاللىبۇرۇن ئەقىل–پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەست دادىسى ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار قانداق نەرسە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «بىز بۇنىڭغا ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىلا بىلىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قايتا: «سىلەرمۇ، ئاتا- بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ. ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دەپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىن ئەجەپلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقمىغان ئىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «چاقچاق قىلمىدىم، ئەكسىچە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بولىمەن» دېگەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمى شەھەردە يوق ۋاقىتتا كېلىپ بۇتلارنى چېقىپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن. ئۇلار قايتىپ كېلىپ سوراپ كۆرسۇن، دەپ چوڭ بۇتنى چاقماي قالدۇرۇپ قويغان. ئۇلار بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلشقا باشلىغان. بۇ ئىشنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خالايىقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟ دەپ سورىغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئەگەر سۆزلىيەلىسە چوڭ بۇتتىن سوراپ بېقىشلىرىنى ئېيىتقان.» ئۇلار شۇ يەردە مات بولۇشقان. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇتلىرى گەپ قىلالمايدىغان بىر پارچە تاشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئەسلىدە يۇقىرىدىكى ئايەتلەر قۇرئاندا تەقۋادار كىشىلەرنىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن ئايەتنىڭ داۋامىدا بايان قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، تەقۋادار بولۇشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى، ئىمان چۈشەنچىسىنىڭ خالىس بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خالىس ئىمان ئالدى بىلەن ئەقىل يۈرگۈزۈش، ئاندىن كېيىن ھېچقانداق شەك-شۈبھە ئارىلاشمىغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرىغا ئىگە بولۇش بىلەن بولىدۇ.
دەرۋەقە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى ناھايىتى ئاقىلانە ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇلار بۇتلارنىڭ ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئويلاشماي قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ كەلگەن ئىدى. كائىناتنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئۇلۇغ زاتنى ئېسىدىن چېقىرىپ قويۇشقان ئىدى. ئۇلار، دەلىل ئىسپاتنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، مۇشتۇمزورلۇق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تۇتقان ئىدى. تارىخ ئۆزگەرسىمۇ ئىنساننىڭ خۇي-پەيلى ئۆزگەرمەيدۇ. مانا زامانىمىزدىمۇ ئىنكارچىلار، زورلۇق-زوراۋانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىدېئولوگىيەلىرىنى ئىنسانلارغا مەجبۇرى ھالدا قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرىگە دەلىل-ئىسپات بىلەن قارشى تۇرالمىغان مۇشرىك قەۋم، ئىبراھىمنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ جازالىماقچى بولىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە يەنە ئوتقا كۆيدۈرۈش كۈچى ئاتا قىلغان ھەقىقىي ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ئىدى. ھەقنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ ئەزەلىي ئىگىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتا كۆيۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزدى. ئۇنىڭ تەۋھىد كۈرىشىنى دۇنيا خەلقىگە ئۆچمەس ئۈلگە قىلىپ تىكلىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇكاپاتىنى پەقەت ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قويماي، دۇنيادا ناھايىتى بەرىكەتلىك زېمىنغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھسسالامنى ئۈلگىلىك پەرزەنت قىلىپ ئاتا قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر