تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىمپورتچىلار ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنى تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى بىلەن بىرلىكتە سېتىشقا چىقىرىشى قانۇنىي مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ.

تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىمپورتچىلار ئىشلەپچىقارغان ياكى ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنى تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى بىلەن بىرلىكتە سېتىشقا چىقىرىشى قانۇنىي مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى مەھسۇلاتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، پايدىلىنىش، ئاسىراش ۋە ئادەتتىكى رېمونت قىلىش ئۇسۇلىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، تۆمۈر – تەسەك ساتقۇچىلار، زەگەر، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يېمەك – ئىچمەك، سەھىيە بۇيۇملىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بەزى مەھسۇلاتلاردىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى تونۇتۇش ۋە قوللىنش ئۇسۇللىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشى؛ يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇللىرى بولسا، چوقۇم تۈركچە بولۇشى كېرەك. زۆرۈر ئەھۋاللاردا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈستىگە خەلقئارالىق سىمۋول ۋە بەلگىلەر پېچەتلىنىپ چاپلىنىدۇ. تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلى مەھسۇلات بىلەن بىرلىكتە بېرىلىدۇ. بەزىدە مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىستېمالچىغا يەتكۈزۈلۈش شەكلىگە ئاساسەن ئورالغان يېشىكنىڭ ئۈستىگە چاپلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، س د (CD) ياكى بارماق دىسكىدا بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ قوللىنىش ئۇسۇلىدا، مەھسۇلاتنى سېتىشقا چىقارغان شىركەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىدىن مەھسۇلاتنى توشۇشقىچە بولغان باسقۇچلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛ خاتا قوللىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش، مەھسۇلاتنىڭ مۇھىتقا ۋە سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگىچە بولغان مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئۇچۇرلار بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇچۇرلارغا، مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىستېمالچى دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا، ئىشارەت ۋە شەكىللەرنى قويۇشقا بولىدۇ.
سېتىۋېلىنغان مەھسۇلات بىلەن بىرلىكتە تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇللىرى بېرىلمىگەن تەقدىردە، ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىغا ئەرز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەھسۇلاتنى ساتقۇچىغا جازا بېرىلىپ، ئىستېمالچىنى تونۇتۇش ۋە قوللىنىش ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر