خەتەرلىك ئېشىندىلار ۋە قايتا پايدىلىنىش

مۇھىت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان؛ كۆيىدىغان، كۆيدۈرىدىغان، پارتلىغۇچى، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ۋە زەھەرلىك ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك ئېشىندىلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.

219608
خەتەرلىك ئېشىندىلار ۋە قايتا پايدىلىنىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مۇھىت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان؛ كۆيىدىغان، كۆيدۈرىدىغان، پارتلىغۇچى، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ۋە زەھەرلىك ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك ئېشىندىلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. خەتەرلىك ئېشىندىلارنى كونترول قىلىش بەلگىلىمىسىدە، بۇ خىل ئېشىندىلارنى بىر قانچە خىل باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن.
تۈركىيەدە كەڭ ئومۇملاشقان خەتەرلىك ئېشىندىلار:
- قوللىنىلمىغان خىمىيەلىك ماددا ئېشىندىلىرى،
- خەتەرلىك ماددا بىلەن كىرلەنگەن پەلەي، ماتا ۋە خام،
- سىر ۋە قالدۇقلىرى،
- ئېشىندى ياغلار،
- كونا باتارىيە ۋە ئاككۇمۇلياتورلار،
- ياغلىق مېتال پارچىلىرى ۋە مېتال ئارىلاشتۇرۇلغان لايلار،
- يېزا ئىگىلىك دورىلىرى،
- يالتىراق چىراغ،
- فوتوگراف يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇلار،
- سىيانىد بار ئېشىندىلار ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماددىلاردۇر.

بۇ ئېشىندىلار تەبىئەتكە ئېتىلماسلىقى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ. خەتەرلىك ئېشىندىلار ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا شەخسنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. دۆلىتىمىزدە خەتەرلىك ئېشىندىلار مەخسۇس جايلاردا شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار خەتەرلىك ئېشىندى كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار سوپۇن پاراشوكلىرى، پەداز بۇيۇملىرى، سىر، دورا ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇيۇملاردۇر. تۇرمۇشىمىزغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان بۇ مەھسۇلاتلار قوللىنىلغاندا ياكى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئېشىندى ھالىغا كەلگەندە، ۋاقىتنى كەينىگە سوزماستىن بىخەتەر ئۇسۇلدا بىر يەرگە توپلاپ، مۇناسىۋەتلىك جايلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
خەتەرلىك ماددىلارنى ئوراش ۋە قاچىلاشتا ئىشلىتىلگەن ماددىلارمۇ خەتەرلىك ئېشىندىلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ خىل ئېشىندىلار ئۆي ئەخلەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇلماسلىقى ۋە تەبىئەتكە تاشلانماسلىقى لازىم.
خەتەرلىك ئېشىندىلارنى باشقا ئېشىندى ئەخلەتلەردىن ئايرىم قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك جايلارغا يەتكۈزگىنىمىزدە، تەبىئەتنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا كۈچ چىقارغان بولىمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر