نۇھ ئەلەيھىسسالام

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋە ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ئىلاھىي ۋەھى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەڭ دسلەپكى ئەلچى، شۇنداقلا ئىرادىلىك ۋە چوڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

217631
نۇھ ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن شىت ۋە ئىدرىس ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپسى ئۆتىدى. ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىردى. پەقەت بۇ تەرتىپتە ئىنسانلارنى يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋە ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ئىلاھىي ۋەھى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئەڭ دسلەپكى ئەلچى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىدى. شۇنداقلا ئىرادىلىك ۋە چوڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قاتارىدا ھېسابلىناتتى.
نۇھ ئەلەيھىسسالام، دېگۈدەك بارلىق ئىلاھىي دىنلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان كاتتا پەيغەمبەر. لېكىن ئۇنىڭ نەسەبى ھەققىدە قۇرئاندا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. پەقەت تەۋراتتا نۇھ ئەلەيھسسالامنىڭ نەسەبى ۋە ياشىغان دەۋرى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت كۆپلىگەن مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىدىن بىر مىڭ 56 يىل ۋە ۋاپاتىدىن 126 يىل كېيىن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاساسىي مەلۇمات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. يەنە تەۋراتتا قەيت قىلىنىشىچە، نۇھ ئەلەيھىسسالام، 600 ياشقا كىرگەندە تۇفان ھادىسىسى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، تۇفاندىن كېيىن 350 يىل ھايات كەچۈرگەن ۋە جەمئىي 950 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن. قۇرئان نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە قىلىپ، «ئۇ، قەۋمىنىڭ ئىچىدە 950 يىل ياشىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.
تارىخ مەنبەلىرىدە قەۋملەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، يەنە تەۋراتقا، شۇ ئارقىلىق نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تايىنىدۇ. مەزكۇر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سام، ھام ۋە ياسەف (يافەس) دەپ ئۈچ ئوغلى بولغان. نۇھنىڭ تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى كەنئان بولۇپ، ئۇ، تۇفان ئاپىتى يۈز بەرگەندە نۇھنىڭ كېمىسىگە چىقىشنى رەت قىلغان ۋە تۇفاندا غەرق بولۇپ ئۆلگەن. تەۋرات مەركەزلىك بۇ مەلۇماتلارنى ئاساس قىلغان تارىخچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا دۇنيادىكى مىللەت ۋە ئىرقلار نۇھ ئەمەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ نەسلىدىن شەكىللەنگەن. قۇرئان بۇ مەلۇماتنىڭ ئۆز ئەينىسنى تىلغا ئالمىسىمۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ساففات سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «نۇھ بىزگە ئىلتىجا قىلدى... بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ بالا-قازادىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنىلا ساقلاپ قالدۇق. شۇڭا ئىنسانلار نۇھقا سالام يوللايدۇ.»
بۇ بولسا، مۆمىن بولۇش ۋە ياخشى ئىش قىلىشنىڭ مۇكاپاتى ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئاتىسى دەپ ئاتالدى. ئۆتمۈشتىن تارتىپ ماختاش بىلەن ياد قىلىنىپ كەلگەن.
دەرۋەقە، زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يەر يۈزىدە نوپۇس كۆپىيىشكە باشلىدى. قەۋملەر شەكىللەنگەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسانلار ھەق يولدىن ئادىشىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئېتىقادىي جەھەتتىن بۇتپەرەس ئىدى. زالىم ۋە خاتا ئېتىقادتىكى رەھبەرلىرىگە ئەگىشىپ كەتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دەپ توغرا ئېتىقادقا چاقىرغان. لېكىن قەۋمى ئۇنى يالغانچى دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى قەتئىي رەت قىلغان.
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى: «بىزنىڭچە، سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن. بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگىشىپ قالغان گەپ. سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق» دەپ، خاتالىقلىرىدا چىڭ تۇرۇۋالغان. ھەتتا ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دەپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىنسانلارنى تۆۋەن كۆرگەن. ئۇلارنى مازاق قىلىشقان. ئىلاھىي دەۋەتنىڭ رولىنى سەل چاغلىغان.
بۇ قەۋم ياخشى گەپنى ئاڭلىمايلا قالماستىن، ئىجتىمائىي ئەخلاق جەھەتتىنمۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەچكە نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۈممىتىگە تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كاپىرلىقتا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى، پەيغەمبەرلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدە ھالاك قىلدۇق. گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.»
ئاللاھ تائالا، ئازغۇن قەۋمنى ھالاك قىلىشتىن ئىلگىرى، مەيدانغا كېلىدىغان ھادىسىدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى چوڭ بىر كېمە ياساشقا بۇيرۇغان. بۇ ۋەقە قۇرئاندا قىسقىچە بايان قىلىندۇ. لېكىن كېمىنىڭ قايسى دەرەخنىڭ ياغىچىدىن ياسالغانلىقى، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ. پەقەت بىز ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار، بولۇپمۇ تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك جايلاردا ھېچقانداق يېپىقلىق قويماستىن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايان قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: «سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە يوليورۇقىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن. ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياساۋاتقاندا، قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. بۇنىڭغا قارشى نۇھ ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھازىر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار قىلىۋېرىڭلار. بىزمۇ سىلەرنى بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك سىلەرنىمۇ چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن بىلەتتى.
نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشىلەر بىلەن كېمىگە چىقتى. لېكىن بىر ئوغلىنى چاقىردى. ئۇ بولسا، كېمىگە چىقىشنى رەت قىلدى. بۇ چاغدا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، «ئى رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى. سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەق. سەن ھەقىقەتەن توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى . نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتى ئوغلىنى سۇدا غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇۋېلىش ئىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى نۇھ! شۈبھىسىزكى، ئۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس. ئۇ يامان قىلىقلىق كىشلەر قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. سەن ئېنىق بىلمەيدىغان بۇ ئىش ھەققىدە مەندىن بىر نەرسە تەلەپ قىلما. مەن ساڭا جاھىللار قاتارىدىن بولماسلىقىڭ ئۈچۈن نەسىھەت قىلىمەن» دەپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ يەردە شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىشى توغرا يولدا ماڭمىسا، ھەرقانچە پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، تۆۋبە قىلمىغۇچىلىك ئاللاھ ئۇ كىشىنى نىجادلىققا ئېرىشتۈرمەيدۇ. ھەتتا ئۇنى ياخشى دادىنىڭ ئەۋلادى قاتارىدا كۆرمەيدۇ.
تەۋاراتتا نۇھ ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بەزى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولسىمۇ، بەزىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامدەك نوپۇزلۇق بىر پەيغەمبەرنىڭ بولمىغۇر سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەنلىكىنىمۇ كۆرىمىز. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنى تەۋرات ھۆكۈملىرىگە قارشى پەخەس بولۇشقا چاقىرغان. قۇرئان ئايەتلىرىگە زىت كەلمەيدىغان، لېكىن قۇرئاندا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن جايلار ھەققىدە بەزى ئىشەنچلىك ھەدىس مەنبەلىرىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار بار. شۇڭلاشقا دىنىي چۈشەنچىمىزنى كېڭەيتىشتە قۇرئان ۋە ھەسىلەردىكى مەلۇماتلار بىلەن كۇپايە قىلغان ئەۋزەل.
بۇ يەردە بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا بەكمۇ كۆپ شۈكۈر ئېيتقۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى نۇھ ئەلەيھىسسالام ھەممىدىن ئاۋال بىر تەۋھىد پەيغەمبەرى ئىدى. ئۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، ئاللاھنىڭ شېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئىنسانلارغا ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزدى. قۇللۇق ۋە ئىبادەت قىلىشقا لايىق يېگانە ئىلاھنىڭ پەتلا ئاللاھ ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. سەۋرچانلىقتا ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر كىشى ئىدى. كاپىرلارغا قارشى قوپال ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغان مۇشرىكلارغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈپەيلىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۆمەرنى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاتقان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر