جۈمە خۇتبىلىرى (6)

ئەقلىمىزنىڭ شۈكرى، ئۆزىمىز بىلگەن ھەقىقەتلەرنى ئالدى بىلەن ئۆز ھاياتىمىزغا تەتبىقلاپ، ئاندىن باشقىلارغا ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

212668
جۈمە خۇتبىلىرى (6)

نېئمەتنىڭ بەرىكىتى شۈكۈر

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنى ئەسلەڭلاركى، مەنمۇ سىلەرنى ئەسلەيمەن، ماڭا شۈكرى قىلىڭلار، نانكورلۇق قىلماڭلار » (سۈرە بەقەرە، 152 – ئايەت)
پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام ھېكمەت بۇلىقى بولغان ھەدىس شەرىپلىرىدە: «ئى ئاللاھىم! سېنى ئەسلەپ زىكرى قىلىشىم ۋە ساڭا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە قۇللۇق قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلىدۇ (ئەبۇ داۋۇد ۋىتىر بابى 26 – ھەدىس)
ئەزىز قېرىنداشلار!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۈكۈر ھەققىدە مۇشۇنچىلىكلا توختالغان ئەمەس - ئەلۋەتتە. بەلكى ئۇ ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ئىنئام - ئىكېراملىرىغا ھەمدۇ - سانا ۋە شۈكرى ئېيتىش بىلەن ياشىغان ئىدى. ھەر دائىم نېئمەتلەرگە بولغان مىننەتدارلىق تۈيغۇلىرى بىلەن ئاللاھقىلا يۈزلەنگەن ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە ئەبەدىيلىك مەرھەمەتلىرىگە مەزھەر بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، تاكى تاڭ ئاتقىچە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتۇرغان مۇنۇ جاۋابى نەقەدەر چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان - ھە؟!
«مەن قانداقمۇ ئاللاھقا شۈكرى قىلغۇچى قۇللىرىدىن بولماي، ئى ئائىشە؟!»
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىز ئىنسانلارنى ئەڭ ئەزىز مەخلۇق قىلىپ ياراتتى. مەۋجۇدىيەت دۇنياسىنىڭ سان - سان ساناقسىز نېئمەتلىرىنى ئالدىمىزغا تېزدى. بۇ بارلىق نېمەتلەردىن پايدىلىنالىشىمىز ئۈچۈن ھېس، ئاڭ، تالانت، ئىقتىدارلار بىلەن بىزنى قوراللاندۈردى. ئاندىن قايسىمىزنىڭ تېخىمۇ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى سېناش ئۈچۈن بىزنى دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇڭا بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا مېھمانمىز. بىز مېھمېنى بولغان بۇ جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ھەر بىر لوقمىدا ئۇنىڭ ئىكراملىرىنىڭ تەمىنى تېتىيمىز، ھەر بىر نەپىسىمىزدە ئۇنىڭ بەخش ئەتكەن ھاياتىنى ياشايمىز.
ئەزىز قېرىنداشلار!
قېنى ئەمىسە، بىر دەملىك بولسىمۇ توختاپ، مۇشۇ بىر قانچە سائىتىمىزنى ئويلاپ باقايلى! بىز بۇ بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئىگە بولغان نېمەتلەرنى بىر ئەسكە ئالايلى! ئۇ نېمەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىمىزنى ھېسابلاپ چىقايلى!
ئەگەر نېمەت سۈپىتىدە توپراقنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان بىرەر دەرەخنىڭ مېۋىسىگە قارايدىغان بولساقمۇ ئاللاھنىڭ ئۇنى خىلمۇ خىل باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىزلەر ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەگەر ئۇ نېمەتنى بىر تامچە سۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنى دېڭىز - ئوكيانلاردىن بۇلۇتلارغا، ئاندىن يەريۈزىگە ۋە ئاخىرىدا بىزنىڭ ئىستىكانلىرىمىزغا قەدەر يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز.
ئەگەر ئۇ نېمەتنى يورۇقلۇق دېگىنىمىزدىمۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆكلەرنىڭ پايانسىز قاتلاملىرىدىكى قوياشتىن بىزگە يوللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەي قالمايمىز.
دېمەك، مېھرى - شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بۇ نېمەتلىرىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن ئۆزىمىزگە بىر نەزەر سالىدىغان بولساق ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سېلىۋاتقان ئۇ شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بىزنى يەنە قەيەرلەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. دەل مانا شۇ چاغدىلا ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بۇنچە نېمەت - مەرھەمەتلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىشنىڭ ئۆزگىچە بىر قىممەتلىك ئورنى بارلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
ھۆرمەتلىك مۆئمىن قېرىنداشلار!
شەك - شۈبھىىسزكى، ھەر بىر نېمەتنىڭ بىر شۈكرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە يۈكلىنىدىغان مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇنى مەھكەم ئەستە تۇتىشىمىز كېرەككى، شۈكۈر قىلىش «ئەلھەمدۇلىللاھ يا رەببى! ساڭا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن» دەپ قويۇشلا ئەمەس - ئەلۋەتتە. بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر نېمەتنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بەدىنىمىزنىڭ، ئېلىۋاتقان ھەر بىر نەپىسىمىزنىڭ، ئەقلىمىزنىڭ، ياشلىقىمىزنىڭ، بايلىقىمىزنىڭ، ئىلمىمىزنىڭ ۋە پۈتۈن ئۆمرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم - ئايرىم ئەمەلىي شۈكۈرلىرى بارلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
مەسىلەن؛ بەدىنىمىزنىڭ شۈكرى، ئۇنى يارىتىلىش ھېكمەتلىرىگە ۋە غايىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشلىتىشتىن شۇنداقلا زىيانلىق ئادەتلەرگە ۋە ئورۇنسىز ئۇرۇنۇشلارغا ئۇنى ئىسراپ قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
ئەقلىمىزنىڭ شۈكرى، ئۆزىمىز بىلگەن ھەقىقەتلەرنى ئالدى بىلەن ئۆز ھاياتىمىزغا تەتبىقلاپ، ئاندىن باشقىلارغا ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ياشلىقىمىزنىڭ شۈكرى، بىز ئىگە بولغان ئېنېرگىيەنى ھەق - ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سەرپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بايلىقىمىزنىڭ شۈكرى، ئورتاقلىشىش، سەدىقە - ئىھسانلاردا بولۇش، ئېھتىياجلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىغان، چارىسىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۆمرىمىزنىڭ شۈكرى بولسا، ئۇنى بىزگە بەخش ئەتكەن ئاللاھۇ تائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان شەكىلدە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە شۈكرى قىلىشىغا ۋەسىلە بولالايدىغان ھەر خىل ئىمكانىيەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ ئىمكانىيەتلەر پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز پەقەت بۇ ئوخشىماسلىقلارغا تاماخورلۇق بىلەن ئەمەس، قانائەتچانلىق بىلەن ئاڭلىق بىر شەكىلدە ئىگە بولالىساقلا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىز ئىگە بولۇشىمىزغا تېگىشلىك بۇ ئىلاھىي پەزىلەتلەرنى ئۆز ھەدىسىدە مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ:
"ماددى جەھەتتە ئەھۋالى ئۆزىڭلاردىن تېخىمۇ ياخشى بولغانلارغا ئەمەس، تېخىمۇ ناچار بولغانلارغا قاراڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى تۆۋەن چاغلاپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇناسىپ" (مۇسلىم زۇھد بابى 9 - ھەدىس)
دېمەككى شۈكۈر؛ قەلب، يۈرەك ۋە قانائەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. شۈكۈر بەندىچىلىك تونۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شۇنچە ساناقسىز نېئمەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپمۇ تىلى ۋە قەلبى شۈكۈردىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. شۇنداقتىمۇ ماددى جەھەتتىن كۆپ بايلىقى بولمىغىنىغا قارىماستىن، شۈكرى بىلەن بېزەلگەن بىر تىل ۋە دىلغا ئىگە كىشىلىرىمىزنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ئىنسانىيەت نامىدىن ھەممىمىزنى خوشال قىلىپ كەلمەكتە.
ئەزىز قېرىنداشلار!
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، شۈكۈر، نېمەتلەرگە بەرىكەت قاتىدۇ. ئاسىيلىق ۋە نانكورلۇق بولسا، مەھرۇملۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ نۇقتىنى سۈرە ئىبراھىمنىڭ 7 - ئايىتىدە " قەسەم بولسۇنكى، شۈكرى قىلساڭلار ئەلۋەتتە سىلەرگە نېئمىتىمنى ئاشۇرۇپ بېرىمەن، ئەگەر نانكورلۇق قىلساڭلار ھېچ شۈبھىسىزكى، ئازابىم تولىمۇ قاتتىقتۇر" دەپ ئېنىق بىر شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
خۇتبىمىزنى قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسلامنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزلەرگە تەلىم بېرىلگەن ساداقەت، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە شۈكۈر ھەققىدىكى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:
ئاللاھ مېنى ياراتقان ۋە ماڭا يول كۆرسەتكۈچىدۇر. ماڭا يېمەك - ئىچمەك ئاتا قىلغۇچىدۇر. كېسەل بولغان چېغىمدىمۇ ئاللاھ ماڭا شىپالىق بېرىدۇ. ئاللاھ مېنىڭ جېنىمنى ئالغۇچى ۋە كېيىن يەنە تېرىلدۈرگۈچىدۇر. ھېساب كۈنىدە خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۇنىڭدىنلا ئۈمىت قىلىمەن. ئى پەرۋردىگارىم! ماڭا ئىلىم - ھېكمەت ئاتا قىلغىن ۋە مېنى ياخشىلار قاتارىدىن قىلغىن!
(سۈرە شۇئارانىڭ 78 - ئايىتىدىن 83 – گىچە بولغان ئايەتلىرى)

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر