تىببىي ئەخلەتلەر ۋە قايتا پايدىلىنىش

تىببىي ئەخلەتلەرنىڭ تەركىبىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرگە سەۋەب بولىدىغان باكتېرىيەلەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تىببىي ئەخلەتلەر جانلىقلاردا DNA ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن.

198396
تىببىي ئەخلەتلەر ۋە قايتا پايدىلىنىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساقلىق ساقلاش ئورۇنلىرى سەۋەب بولۇۋاتقان يۇقۇملۇق ئەخلەتلەر ، پاتالوگىيەلىك ئەخلەتلەر ھەمدە كىسىش ۋە تېشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەخلەتلەر تىببىي ئەخلەتلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ. تىببىي ئەخلەتلەر توغرا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئەھۋالدا ھەر خىل كېسەللىك ۋە يارىلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەخلەتلەرنىڭ تەركىبىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرگە سەۋەب بولىدىغان باكتېرىيەلەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جانلىقلاردا DNA ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن. تىببىي ئەخلەتلەردە زەھەرلىك ۋە خىمىيەلىك ماددىلار بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بۇ ماددىلارنىڭ بەزىلىرى رادىياكتىپلىققا ئىگە. تىببىي ئەخلەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

- قان، قان مەھسۇلاتلىرى ۋە بۇلارغا يۇققان نەرسىلەر
- رەخت، پەشتامان، پەلەي ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بۇرۇن ئىشلەتكەن ئوپېراتسىيە كىيىملىرى،
- ئەخلەت ئۈسكۈنىلىرى،
- كارانتىن قالدۇقلىرى،
- باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس بولغان ھاۋا سۈزگۈچلىرى،
- سىناق قىلىنغان ھايۋان جەسەتلىرى، ئۇلارنىڭ قېنى، ئورگانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە بۇلارغا يېقىنلاشقان بارلىق شەيئىلەر،
- بەدەن پارچىسى، ئورگانىك پارچىلار، بالا ھەمراھى قاتارلىق باكتېرىيەلىك ئەخلەتلەر،
- بىئولوگىيەلىك تەجرىبىلەردە ئىشلىتىلگەن ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرى،
- ئوكۇل يىڭنىلىرى،
- ئىشلىتىلگەن ئوپېراتسىيە پىچاقلىرى،
- مىكروبىئولوگىيەلىك تەجرىبە ئەخلەتلىرىدۇر.
بۇ خىل ئەخلەتلەر ئاساسلىقى دوختۇر، سېستىرا، چارۋا دوختۇرى، چىش دوختۇرى ۋە تەجرىبىخانا تېخىنىكلىرى قاتارلىق ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. تىببىي ئەخلەتلەر باشقا ئەخلەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلماستىن ئايرىم قويۇلۇشى لازىم. قىزىل رەڭلىك ۋە مەخسۇس خالتىلارغا قويۇلغان ئەخلەتلەر كەسپىي شىركەتلەر تەرىپىدىن توپلىنىپ، دېزىنفېكسىيەلەش، كۆيدۈرۈش ياكى تەرتىپلىك ھالدا يىغىش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىيانسىز ھالغا كەلتۈرۈلۈشى لازىم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر