كۈلپەت ئەمەس، بىر نىئمەتتۇر ناماز

ناماز، رەببىمىزنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنىڭ كۆۋرىكى شۇنداقلا قەلىبلەرنى مېراجغا چىقىرىدىغان تۇلپارىمىزدۇر.

217666
كۈلپەت ئەمەس، بىر نىئمەتتۇر ناماز

كۈلپەت ئەمەس، بىر نىئمەتتۇر ناماز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەزىز قېرىنداشلار، مەدىنىنىڭ ئەتراپى مۇشرىكلەر تەرەپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ئىدى، بۇ دەل خەندەك ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىدىن بىرسى ئىدى. شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام پىشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى قىلالمىغان بولۇپ، بۇ ئىشتىن قاتتىق ئازاپلانغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن «بۇلار بىزنى نامازىمىزدىن مەھرۇم قىلدى. ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە قەبىرلىرىنى ئوت بىلەن تولدۇرسۇن!» دىگەن سۆزلەر چىققان ئىدى. (ئەبۇ داۋۇد، ناماز بابى 5 - ھەدىسكە قارالسۇن)


ئەزىز قىرىنداشلار! بۇ بەلكى شەپقەتلىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۇنجى غەزەپلىك سۆزلەر ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنمۇ ئۇنىڭ ئىنسانلاغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسى ۋە مىھرى - شەپقىتى ئۇنى بەد دۇئا قىلىشتىن توسۇپ كەلگەن ئىدى. پەيغەمبەرلىكنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەتراپىدىكى ئازغىنە ئىمان ئىيتقانلار بىلەن نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى تارتقان، ھەتتا ئۆز يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، تائىف سەپىرىدە يوللىرىغا تىكەنلەر چىچىلغان، كىچىك بالىلار ئارقىلىق چالما - كىسەككە تۇتۇلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بەد دۇئا قىلىپ باقمىغان، بەلكى ئەكسىچە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ھىدايەت تىپىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ئىدى. لىكىن ئەمدىكى مەسىلە ، «ئىككى كۆزۈمنىڭ نۇرى» دەپ تەرىپلىگەن ناماز غا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى ناماز پەيغەمبىرىمىزىمىگە نىسبەتەن ۋاز كىچىچىشكە، تەرك ئىتىشكە قەتتئىي بولمايدىغان بەندىچىلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى ئىدى. (مۇسلىم، ناماز بابى 255 - ھەدىسكە قارالسۇن)


ئەزىز قىرىنداشلار! پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەزىرىدە بۇنچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھىسابلىنىدىغان ناماز، ماھىيەتتە بىزنى ئاللاھنىڭلا قۇللۇقىغا چاقىرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ سۇلتانىدۇر. ناماز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ناماز، بىزگە ئاللاھنى ۋە ئۆز - ئۆزىمىزنى تونىتىدۇ. ناماز بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنى، چەك - چىگرىمىزنى، يولىمىزنىڭ مۇستەقىم بولىشىنى ۋە كەمتەرلىكنى ئۈگىتىدۇ.
ناماز، قىبلىسى بىلەن بىرلىكتە يىگانە ئاللاھقا يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. كەبىنى مەركەز قىلغان بۇ يۈزلىنىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۆمىنلەرنىڭ قەلبىدە مەنىۋى بىر رىشتە ۋە ئىتتىپاقلىقنى بەرپا قىلىدۇ.


ناماز، تەكبىر بىلەن تەڭ ئاللاھنىڭ رىزاسىدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. تىلىمىز «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىگەن چاغدا، گويا قوللىرىمىز بىلەن دۇنيانى ئارقىمىزغا ئىتتىرىپ تاشلاپۆ مەنىۋى بىر سەپەرگە ئاتلىانغانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر.
ناماز، قىيامى بىلەن گويا بىر تىرىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشنىڭ ئىپادىسىدۇر. سەپ تۇتۇش ئارقىلىق قەلىبلەر ئىلاھى زىكىرنىڭ سىرلىرى بىلەن شاتلىققا چۆمىدۇ.


ناماز، قىرائىتى بىلەن ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن سانا ئېيتىش ۋە نىدا قىلىشتۇر. ئىنسان ئىلاھى زىكىرنىڭ سىرلىرى ئارقىلىقلا پۈتۈن گۇناھلاردىن پاكلىنىدۇ.
ناماز، رۇكۇسى بىلەن بىرلا ئاللاھقا تەسلىم بولۇش ۋە سەجدىسى بىلەن بەندىچىلىكنڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يىتىشتۇر. كىبىر مۇنارلىرىمىزدىن چۈشۈپ يەر بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىمىز گويا مېراجىمىزدۇر.


بىشىمىز ھەر قىتىم سەجدىگە بارغاندا پۈتۈن نەپسانىيەتچىلىكىمىزنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىمىز ۋە رەببىىمىزگە ئەڭ يىقىن بولۇشنىڭ لەززىتىنى تىتىغانلىقىمىزدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار! ناماز دۇنيانىڭ مالىمانچىلىقى ئىچىدە يوقۇلۇپ كىتىشكە يۈز تۇتقان ئۆزلىكىمىزنى ۋە قەلبىمىزنى قايتىدىن يىڭىلىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. ناماز كۆپۈنچە ھاللاردا دۇنيانىڭ قاينام - تاشقىنىدا يالغۇز قالغان روھىمىزنىڭ يولدىشىدۇر.


ناماز، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى ۋە شۇ پانى دۇنيانىڭ ئەبىدىيەتكىچە يىتىدىغان مەنپەئەتىدۇر. ناماز مۇئمىننىڭ يوللىرىنى يورىتىدىغان بىر نۇر، گۇناھلىرىغا قالقان، توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇش خەۋىرى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا، «تاھارەت ئىلىپ بارلىق ئەركانلىرىغا رىئايە قىلغان شەكىلدە ئوقۇلغان ناماز، گۇناھلىرىمىزنىڭ كاپارىتىدۇر» (مۇسلىم، تاھارەت بابى 7 - ھەدىسكە قارالسۇن)


ناماز، ھېكمەتلىرى بىلەن ئىنساننى يامانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن يىراقلاشتۇرۇدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر. رەببىمىزنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنىڭ كۆۋرىكى شۇنداقلا قەلىبلەرنى مېراجغا چىقىرىدىغان تۇلپارىمىزدۇر.


ئەزىز قىرىنداشلار ! نامىزىمىز راستىلا بىزنىڭ مېراجىمىز ۋە قەلىب تۇلپارىمىز بولالىدىمۇ- يوق؟ قىيامەتتە تۇنجى ھىسابى سورىلىدىغان نامازغا قارىتا يۈزىمىزنى ئاقلىيالىغۇدەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرەلىدۇقمۇ - يوق؟ «ئاللاھۇ ئەكبەر» نىدالىرى ياڭرىغاندا، ئاللاھنىڭ چاقىرۇقىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىلەن قىيامدا تۇرالىدۇقمۇ - يوق؟ گويا مېراجدا تۇرغاندەك ئەدەپ ۋە ھايا ئىچىدە سەجدە قىلالىدۇقمۇ - يوق؟ نامازنى بىر كۈلپەت ئەمەس، نىئمەت ئورنىدا كۆرەلىدۇقمۇ - يوق؟


خۇتبىمىزنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:


«ئەي پەرۋەردىگارىم! مىنى ۋە ئەۋلاتلىرىمنى ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن قىلغىن! ئەي پەرۋەردىگارىم! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن! ھىسابقا تارتىلدىغان كۈندە، مىنى ۋە ئاتا - ئانامنى شۇنداقلا بارلىق مۇئمىنلەرنى مەغپىرەت قىلغىن!» ئامىن! (سۈرە ئىبراھىم، 40 - ۋە 41 - ئايەت)

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر