يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟

دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە چۈشەنچىلىرىگە قارايدىغان بولساق، بەزى ئورتاق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسانلار گەرچە ھەر قانچە پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا «ئەجىبا يەرشارى خاراكتېرلىك بىر مەدەنىيەت ماۋجۇتمىدۇ؟» دەپ ئويغا سېلىپ قويغۇدەك ئىش ھەرىكەت، پوزىتسيەلەرنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

167445
يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 105
«يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟»

دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە چۈشەنچىلىرىگە قارايدىغان بولساق، بەزى ئورتاق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. ئىنسانلار گەرچە ھەر قانچە پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا «ئەجىبا يەرشارى خاراكتېرلىك بىر مەدەنىيەت ماۋجۇتمىدۇ؟» دەپ ئويغا سېلىپ قويغۇدەك ئىش ھەرىكەت، پوزىتسيەلەرنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئەنە شۇلارنىڭ بىرسى دېيىشكە بولىدۇ. سىدنىدىن دېھلىگىچە، مۇسكۋادىن ئىستانبۇلغىچە، پارىژدىن لوندونغىچە بولغان ھەممىلا يەردە ھاۋائى پىشەكلەر ئېتىلدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىش بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھال - ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە خىلمۇ خىل دىن، ئېتىقاد ۋە پەلەسەپىۋى قاراشلارغا ئىگە مىليونلىغان ئىنسان يېڭى يىلنى تەبرىكلىگىنىگە ئوخشاش قارشى چىقىدىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن. بۇ ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيە دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان قاراش ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
دېمىسىمۇ ئىنسانلار بىرلىكتە سۆيىنىدىغان ۋە سۆيۈنمەيدىغان نۇرغۇن مىساللارنى ئۇچرىتىمىز. پوتبۇل ۋە ئولېمپىك مۇسابىقىلارغا ئوخشاش تەنتەربىيە پائىلىيەتلىرىنى بۇنىڭ ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئولېمپىك ۋە پوتبۇل مۇسابىقىلىرى غەلىتە بىر يەرشارى خاراكتېلىك ئۇقۇمغا ئايلىنىپ بولدى. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەر خىل رەڭ، تەن، ئىرق، مىللەت، دىن ۋە مەدەنىيەتلەرگە مەنسۇپ ئىنسانلار بىر قاراشتا دۆلەتلىك كوماندىلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانەك كۆرىنىدۇ. ئەمما تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاندا ئەسلىدە بۇ تەنتەربىيەچىلەرنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ رىقابەت ئىچىدە ھەمكارلىشىش يوللىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بايراقلار ئورتاق مۇنبەرلەردە ئۈستۈنلۈك تالىشىدۇ. بۇ تالىشىشتا سەخشلەر ياكى دۆلەتلەر غەلىبە قىلمايدۇ، بەلكى ئەسلىدە يەر شارى خاراكتېرلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە دېئالوگ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەت غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** *** ** *** **** ** ***** **** *
يۇقىرىقى مىساللار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، يەر شارى خاراكېترلىك بىر مەدەنىيەتنىڭ بار ياكى يوقلۇقى، دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە قايسى نۇقتىدىن نەزەر سېلىشىمىزغا كۆرە پەرقلىنىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت يارىتىلىش ۋە مەۋجۇت بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن پەرقلىق رەڭلەرگە ۋە ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەتلەرگە ئىگىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ھەر خىل قەبىلە، مىللەت ۋە رەڭلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ھەم ھەر قايسى دىنلار، ھەم بارلىق پەيلاسۇپلار تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر ئەمەلىيەتتۇر. مەسىلەن قۇرئان كەرىمدىمۇ «ئىنسانلار قەبىلىلەر شەكلىدە پەيدا قىلىندى» دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان سىياسىي پەيلاسوپلارمۇ خەلق ياكى دۆلەتنىڭ مۇئەييەن بىر مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ يەردە قەبىلە بىلەن مىللەتنىڭ بىر بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، قەبىلىنىڭ، ئۆزىگە خاس تار ۋە ئەمەلىي مەۋجۇتلۇق ئوقۇمى ئىكەنلىكىنى، مىللەتنىڭ بولسا، تېخىمۇ زامانىۋىي دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈش لازىم. بۇ تېخنىكلىق پەرقلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، مىللەت ۋە قەبىلە دېگەن تېرمىنلەرنىڭ ئۆزىگە قارىغاندىمۇ، ھەر بىرىنىڭ ئاساسىدا بىر باشقا مەدەنىيەتنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلىنىشلەرگە ۋە ئايىرىلىشلارغا يول ئاچقان بولۇپ، بۇ ئايرىلىشلارنى ئاساسەن دېگۈدەك مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت ۋە كۈچ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتى بولسا، دۆلەتلەر ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
مۇشۇ نۇتىقدىنلا يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ تامامەن بىر ھەقىقەتتۇر. لېكىن يۇقىرىقى پۇتبول ۋە ئولېمپىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە ياكى ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىدە ئۇچراشتۇرىدىغان ئامىللار نۇقتىىسدىن نەزەر سېلىشقىمۇ بولىدۇ. ھەمكارلىق ئورنىتىش بۇ قىممەتلىك ئامىللارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بىر مۇنچە مىساللارنىمۇ كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ پەرقلىق كۈلتۈرلەرگە ئىگە بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولالمايدۇ. مەسىلەن قۇرئان كەرىممۇ ئوخشاش بولمىغان قەبىلەر شەكلىدە يارىتلىغان ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن تونۇشىشىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
مانا بۇ قاراش تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن تەقدىردە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ياكى ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىز بىرلىكتە ياشاۋاتقان يەر شارىنى تېخىمۇ ياشىغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش بۇ ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىشى لازىم. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئورتاق مەدەنىيەتىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ماكانى بولغان يەر شارىنى قوغداش، بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق، ھەم مۇھىتنى، ھەم ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىنسانلارنى ئۆلتۈرمەسلىك، قىسقىسى مۇھىتنى ئاسراش دەپ ئىسىم قويسىمۇ بولىدىغان بۇ قاراش پەقەتكىنە تەبىئەتنى قۇغداش ئەمەس، بەلكى مۇھىتنىڭ ئاساسلىق ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئىنسانلارنىڭ باياشاتلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە تىنچلىقىنىڭ ئومۇملىشىشى بولۇشى لازىم. ئىنسانلارنى ۋە ھەر خىل مەنبەلەرنى قۇرۇتىۋېتىپ بارغان ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ، ئىسراپچىلىقنىڭ شۇنداقلا ئىستېمالچىلىق تەلۋېلىكى، ماددى ۋە مەنىۋىي بولغۇنۇشقا يول ئېچىۋاتقان ھەر خىل پوزىتسىيەلەرگە خاتىمە بېرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەقىقىي مۇھىتنى ئاسراش ۋە تەبىئەتنى سۆيۈش، دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ قاراش يېڭى يەر شارى خاراكېتىرلىك مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈش قارىشى، ئىدىئلوگىيە ھەتتا ئوتوپىيە دەپ، تەرىپلەنسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دەل ئەكسىچە بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. سۈبھىشىزكى، بۇنداق تەتۇر قاراش كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، بىراق بۇنى ھەقلىق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئىنسان بولۇشنىڭ تەقەززاسى يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋملاشتۇرۇش نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر خىل قەبىلىلەر ياكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بىلەن دىئالوگنى تايانچ قىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، يالغۇز ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇھىم بولغان بىر ئەخلاقىي پوزىتسىيەدۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، يېڭى يىل ۋە ئولېمپىك مۇسابىقىلارغا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل پائالىيەتلەر ۋە ۋاقىتلار يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سېمۋوللار بولۇپ، بىراق بۇلارنىڭ ھازىرچە تاكامۇللىشىش سەۋىيەسىگە يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم. ھەقىقىي يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مۇھىت ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىڭ ئۇپرىتىلماسلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزگىچە يېڭى بىر كۈلتۈرنىڭ باشقا ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
ھەقىقىي يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكتە سۆيۈنەلەيدىغان ۋە بىرلىكتە قايغۇرالايدىغان ئۇقۇملاردا بىرلىككە كەلگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر