تۈرك كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە بولغان تۈركلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمىشىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ياردىملىشىشنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۆرنەكلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز.

167440
تۈرك كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق


تۈرك ئۆرپ – ئادەتلىرى - 51
تۈرك كۈلتۈرىدە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە بولغان تۈركلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمىشىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ياردىملىشىشنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۆرنەكلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. خۇددى ئىلگىرىكى پىروگراممىلىرىمىزدا تىلغا ئالغىنىمىزغا ئوخشاش ئوسمانلى ۋەقىپ ئەنئەنىسىنى بۇنىڭ ئەڭ گۈزەل مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. قىش پەسلىدە خىلمۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايلارغا كۆچەلمەي قالغان قۇشلارنى قوغداش ۋەقپىسىدىن تارتىپ، كوچا ھايۋانلىرىنى قوغداپ، ئاسرايدىغان، كېسەللىرىنى داۋالايدىغان ۋەقپىلەرگىچە، ھېيتتا كېچىك بالىلارغا يېڭى كېيىم - كېچەك ئېلىپ بېرىدىغان ۋەقىپلەردىن مەدرىسە، دوختۇرخانا، چەشمە ۋە كۈتۈپخانا سالىدىغان ۋەقىپلەرگىچە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ شۇنداقلا ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ ۋە ساخاۋەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۈلگىلىك نامايەندىسىنى ئۇچرىتالايمىز. دېمىسىمۇ ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقىلىقى، بىر پۈتۈنلىكى ۋە ساغلام مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن تۇلىمۇ مۇھىم.
** *** ***** *** ****** ** ** *****
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پىروگرامممىمىزدا توختالغىنىمىزغا ئوخشاش ھەدىيەلىشىشنىڭ بىر قىسمىنى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش دەپ باھالاشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن؛ يېڭى توي قىلغان جۇپلارغا ئائىلە قۇرۇش جەريانىدىكى ياردەم ئېھتىياجىغا ماس بىر شەكىلدە كېلىن ۋە كۈيئوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىن، ئۇرۇق - تۇغقانلار، دوست – يارەنلەر ۋە خۇلۇم خوشنىلاردىن ھەدىيىلەر كېلىدۇ. ئۆي سېتىۋالغاندا مۇبارەكلەپ ھەدىيە ئېلىپ بېرىشمۇ پۈتۈنلەي ئۆينىڭ كەم قالغان جابدۇقلىرىنى تۇلۇقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىلەر ھازىرقى كۈندىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان شەكىلدە داۋاملاشماقتا. بەزى جايلاردا قىسمەن ئۆزگىرىشلەرمۇ بار، مەسىلەن يېڭى ئۆيلەنگەن جۇپلارغا ياكى يېڭى ئۆي سېتىۋالغان كىشىلەرگە ھەدىيە ئورنىدا ئۆي جابدۇقلىرى ئەمەس، پۇل ئېلىپ بېرىش كەڭ ئومۇملاشماقتا. شۇنىڭدەك تۇغۇت، سۈننەت تويى، ئۆلۈم ياكى توي ئۈچۈن بېرىلىدىغان زىياپەتلەردە ئانادولۇدا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىلەردىن بىرسى، ئىش تەقسىماتى جەھەتتە ياردەملىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆي ئىگىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تاماق ئېتىش، داسقان سېلىش ھەتتا تاماق سۇنۇش ئىشلىرىغا ئۇرۇق – توغقان، خۇلۇم – خوشنا ھەممەيلەن قول - قول ياردەم قىلىشىدۇ.
ئانادولۇدا ئىجتىمائىي بىر قۇرۇلمىغا ئايلانغان ياردەملىشىش ئەنئەنىسى «ئىمەجە» دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، «ئىمەجە» ئانادولۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، بولۇپمۇ كېچىك ئولتۇراق رايونلىرى بولغان يېزا، ناھىيەلىرىدە، قېيىن، كۆپ ۋاقىت ياكى كۆپ ئادەم كۈچى كېتىدىغان ئىشلارغا خالىسانە ئۆزىنى ئاتىغان ۋە شۇ ئىشلارنى قىلالايدىغان ھەمدە نۆۋەتلىشىپ ياردەمدە بولىدىغان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىمەجە» دېگەنلىك «مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ قىلىنغان ئىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر شۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن پۇل كېتىدىغان بولسا ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بۇنىڭغا يېتەرلىك بولمىسا، كېتەرلىك پۇلنى توپلاش ئۈچۈن ئەتراپقا خەۋەر تارقىتىلىدۇ. پۇل توپلىنىپ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇنداق بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقىرىلغان ئىشلارنى «سەلما» دەپمۇ ئاتايدۇ. توپلانغان پۇل ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان ئىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ توي، ئەسكەرگە يولغا سېلىش، بىرەر ياشنى ئوقۇش ئۈچۈن شەھەرگە ئەۋەتىش، ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش دېگەندەك پۇل كېتىدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن «سەلما» ئارقىلىق پۇل تۇپلىنىدۇ ۋە ئېھتىياجلىق كىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
يېزا - قىشلاقلاردا بولسا، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى تېرۇلغۇ يەرگە ۋە چارۋىچىلىققا باغلانغان شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن جىسمانىي ئەمگەك كۈچى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يولدىشى كېسەل بولۇپ قالغان ياكى ئوغلى ئەسكەرلىككە كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ قالغان ئائىلىلەرگە يۇقىرىقى «ئىمەجە» ئۇسۇلى بويىچە ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ ياردەملەر، مەزكۇر ئەھۋالدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئىپادە تاپىدۇ. ئانادولۇدا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىشىنى قىلالماس بولۇپ قالغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىشى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن يېتىشەلمەي قالغانلارغىمۇ «ئىمەجە» ئۇسۇلى ئارقىلىق ياردەم قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورتاق تۇرمۇش ساھەسى ۋە ئورتاق ئېھتىياجلارنى قامداش مەركىزى قۇرۇپ چىقىشتىمۇ «ئىمەجە» ئۇسۇلى ئىشلىتىلىدۇ. تۇرۇشلۇق جايغا مەكتەپ، كىلىنىكا ۋە جامە قاتارلىقلارنى ياساشتا شۇ يەرلىك خەلقلەرمۇ قول - قول ئىشلىشىپ بېرىدۇ.
«ئىمەجە» ئۇسۇلى بۇنىڭدىن باشقا كېچىك تىپتىكى ياردەملىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن؛ قىشنىڭ تەييارلىقىمۇ ئۆزئارا ياردەملىشىش ئاساسىدا ئىجتىمائىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىشتا قالايدىغان ئوتۇنلارنىڭ تەييارلىنىشى، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنىڭ كېسىلىشى، قىش ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان ياكى كونسىرۋالىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش، ئاش كېسىش، كۆك - تات ئېچىتمىسى ياساش، كېلىن قىز ئۈچۈن بىزەك ھازىرلاش قاتارلىق ئىشلار ئومۇمەن ھەممەيلەن بىرلىكتە پىلانلىشىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن بىر قانچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئىمەجە» ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقان خوشنىلار ھەم ئىش قىلىدۇ، ھەم ناخشا - قوشاق ئېيتىشىپ، بىرلىكتە كۆڭۈل ئاچىدۇ.
*** *** *** *** *** *** *****
يىزا خەلقىنىڭ يەنە «ئىمەجە» ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلىشىپ ياساپ چىققان «يېزا ئۆيلىرى» بولىدۇ. يىزىنىڭ مۆتىۋەر ئائىلىرى بۇ «يىزا ئۆيلىرى»گە بەزىدە ئۆز ئىسمىنى بېرىدۇ. بۇ «يېزا ئۆيلىرى» ئەنئەنىسى 13 – ئەسىردىكى ئانادولۇ سولجۇقىيلىرى دەۋرىدىن تارتىپ كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئۆيلەر يىزىنىڭ ئورتاق ئىگىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يېزىدا چوقۇم بىر «يېزا ئۆيى» بولىدۇ. بۇنداق ئۆيلەردە يېزىغا كەلگەن مېھمانلار كۈتۈۋېلىنىدۇ ۋە يېزىنىڭ ئىلغار شەخىسلىرى ھىمايە قىلىنىدۇ. «يېزا ئۆيى»گە يېزىغا كەلگەن مېھمان، تىجارەتچى، سېتىقچى، چارۋىچى، مۇساپىر قاتارلىقلار راھەت بىر شەكىلدە چۈشەلەيدۇ. ئۇلارنى مېھمان قىلىشقا كېتەرلىك بارلىق ئېھتىياجلار يېزا خەلقى تەرىپىدىن قامدىلىنىدۇ. قىسقىسى «يېزا ئۆيلىرى» مۇساپىر، يولۇچى، مېھمان، يوقسۇل، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھېچ تارتىنىپ ئولتۇرماي پايدىلىنالايدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگىنى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇرۇنقى چاغلاردا «يېزا ئۆيلىرى»نىڭ يېنىدا يەنە مۇساپىرلارنىڭ ئۇلاغلىرى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئېغىل ياسالغان بولۇپ، بۇ ئېغىللار «يېزا ئۆيلىرى»نىڭ يېنىدا ياكى ئاستى قەۋىتىدە بولاتتى. يېزىغا كەلگەن مېھمانلار يېزا خەلقى تەرىپىدىن مېھمان قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلاغلىرىغىمۇ ئوزۇق بېرىلەيتتى. يېزىدىكى بىرەر ئائىلىگە كەلگەن مېھمان پۈتۈن يېزىنىڭ مېھمىنى ھېسابلىناتتى ۋە ھەممەيلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ، مېھماننىڭ خوشال بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى.
شۇنىڭدەك قىش پەسلىدە ئەتراپتىكى يېزالاردىن بىرەر ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىمۇ يېزا خەلقى قويۇپ بەرمەي، «يېزا ئۆيلىرى»دە قوندۇرۇپ قالاتتى. تۈرك مېھماندۇستلىقىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىغان بۇ «يېزا ئۆيلىرى» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېزا خەلقىنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى قامدايتتى. مەسىلەن توي – تۆكۈنلەردە توي زالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى.
دەرۋەقە «يېزا ئۆيلىرى» خەلق ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ مەركىزىي بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. «يېزا ئۆيلىرى»نىڭ رولى پەقەتلا بۇلاردىن ئىبارەت ئەمەس، ئەلۋەتتە. يېزىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى ئۈچۈنمۇ مۇشۇ ئۆيلەر ئىشلىتىلىدۇ. ئانادولودا ئەمدىكى چاغدا ئۆز رولىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا باشلاۋاتقان بۇ «يېزا ئۆيلىرى» ئەنئەنىسى ھەقىقەتەنمۇ تۈرك كۈلتۈرىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش بولماقتا.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! يۇقىرىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلىمى ئوقۇتقۇچىسى دوچەنت دوكتۇر فاتىمە ئەھسەن تۇران تەرىپىدىن تاييارلانغان تۈرك – ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق پىروگراممىمزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر