ئىسلام دىنىنىڭ مەككە دەۋرى

مەككىدە ئادەم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە كېيىنچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يېڭىدىن بىنا قىلىنغان، ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇقەددەسلىكى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى بارلىق دەۋرلەر بويى ھېچ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن ئىبادەت ئورنى بار.

208010
ئىسلام دىنىنىڭ مەككە دەۋرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەككە، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قىتئەلەر ئوتتۇرىسىدا مەركىزىي بىر يەرگە جايلاشقان. ئالەمشۇمۇل ھەرىكەتنىڭ باش قارارگاھى بولۇشقا بەكمۇ لايىق. بۇ يەردە، ئادەم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە كېيىنچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يېڭىدىن بىنا قىلىنغان، ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇقەددەسلىكى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى بارلىق دەۋرلەر بويى ھېچ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن ئىبادەت ئورنى مەۋجۇتتۇر.
مىلادىيە تارىخى بويىچە 610- يىلىغا كەلگەندە بۇيەردە دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىلاھى نۇر يېپيېڭى يۈزى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارىتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پەيغەمبەرلىك زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. دەرۋەقە بۇ تارىختىن ئېتىبارەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەككىدە ئىنسانلارنى ھەق دىن بولغان ئىسلامغا چاقىرىشقا باشلىدى. ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ شانلىق ۋەزىپسىنى باشتا ئۆز ئائىلىسى، بارلىق يېقىن دوستلىرى ۋە ئۆز قەبىلىسىدىن باشلىدى. ئۇ تەبلىغ قىلغان دىننى ئەڭ دەسلەپتە قوبۇل قىلغان كىشى سۆيۈملۈك ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى زەيد ئىبنى ھارىس ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر پەرىشتە ۋاستىسى بىلەن تەلىم بېرىلگەن ۋەھى، مەككىدىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئەنئەنىنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنى بىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، دەسلەپتە دىنىي تەبلىغنى مەخپىي ھالەتتە ئېلىپ باردى. بۇ ئەھۋال ئۈچ يىلدەك داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا دىنغا دەۋەت قىلىنغانلار يېقىن ئەتراپىدىكى كىشلەر بىلەن چەكلىك بولدى. تۆتىنچى يىلدىن ئېتىبارەن مەلۇم سانغا ۋە بىخەتەرلىك ھىسسىياتىغا ئېرىشكەن مۇسۇلمانلار جامەئەسى، يېڭى كىملىكلىرىنى ئاز-تولا ئاشكارىلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەككىدىكى مۇشرىكلارنىڭ شىددتلىك ھۇجۇمىغا ۋە خىلمۇخىل شەكىللەردىكى ئازاپلىرىغا ئۇچراشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارنى مۇداپئە قىلالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. مەككىدە قالغان مۇسۇلمانلار مۇشرىكلارنىڭ بېسىم ۋە ھاقارەتلىرىگە دۇچار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۇلار تەرىپىدىن ئۈچ يىل جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىلدى. بۇ جەرياندا مۇسۇلمانلار تولۇق مەنىسى بويىچە ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي بايقۇت ۋە قورشاۋ ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى. ئەڭ ئاخرىدا بولسا، ئىسلامنىڭ مەككىدە تەبلىغ قىلىشى ۋە تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت تاپالمىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مەدىنىگە كۆچۈشنى قارار قىلدى.
...
باشتا ساپ ئىسلام ئېتىقادىغا ئىگە بولغان مەككىلىكلەر زاماننىڭ ئۆتۈىشىگە ئەگىشىپ ھەق دىننىڭ توغرا يولدىن ئادىشىپ خاتا ئېتىقاد يولىغا كىرىپ قالغان. مۇتلەق قۇدرەت ئىگىسى، ئۇلۇغ ئاللاھ ئېڭىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭغا زاتىغا ياراشمايدىغان بەزى سۈپەتلەرنى چاپلاشقا باشلىغان. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان ھەيكەللەرنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغان. باشقا بىر تەرەپتىن، مەككىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىكى ئالاھىدىكى سەۋەبىدىن خىرىستيانلىق، زەردۇشتلۇق، ئاتەشپەرەسلىك دېگەندەك دىنلار ۋە ئاتېئىزملىق چۈشەنچە ئاز ساندىكى بەزى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا باشلىغان. قىزىقارلىقى شۇكى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن. ئەقەللىسى، كەئبىنىڭ ئەتراپىغا ئەرەبىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۈزلەرچە بۇت ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كەئبىنىڭ ئىچكى قىسمىغا نەقىشلەنگەن رەسىملەر ئىچىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىملىرىمۇ بولغان.
مەزكۇر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، ئىسلام دىنى مەككە دەۋرىدە ئۈستىدە ئەڭ كۆپ توختالغان مەسىلىلەردىن بىرى ۋە ئاساسىي تېما- ئېتىقاد تېىمىسى بولغان. ئېتىقاد تېمىسىنىڭ بېشىدا بولسا، خەلق ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئومۇملىشىپ كەتكەن ئاللاھ تېمىسى كېلىدۇ. مەككىلىك مۇشرىكلار ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ ئۇلۇغ ئاللاھنى تونۇيتتى، بىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئىسىم بىلەن، يەنى «ئاللاھ» ئسىمى بىلەن ئىشىنەتتى. ھەتتا قۇرئان ئايەتلىرىدە ئوچۇق كۆرسىتىلگىنىدەك، يەر شارىنىڭ، ئاسمانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ، ئىگىسىنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن زېمىننى يېڭىدىن تىرىلدۈرۈگۈچىنىڭ، ئاسماندىن ۋە زېمىندىن بارچە مەخلۇقاتنى رىزقلاندۇرغۇچىنىڭ، قۇلاقلارنى ۋە كۆزلەرنى باشقۇرغۇچىنىڭ، ئۆلۈك بەدەندىن جانلىقنى، جانلىق بەدەندىن ئۆلۈكنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ، كائىناتتىكى بارلىق ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچىنىڭ، ھەممە مەۋجۇداتنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىنىڭ ۋە ئۆزىنى مۇھاپىزەت قلىش ئۈچۈن ھېچكىمگە موھتاج ئەمەس زاتنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ بىرىنچى مەسىلىسى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئەمەس، ھېچقانداق شېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ چۈشەندۈرۈش بولغان. ئىسلامنىڭ ئەسلى مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن شېرىك چۈشەنچىسىنى تازىلاش بولغان. لېكىن ئۇلار بۇ ئىلاھلار ۋاسىتسى بىلەن بىز ئاللاھقا يېقىنلىشىمىز دەپ ئىشىنەتتى. بۇلار ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ۋاسىتە بولۇپ بىزگە كۈچ قوشىدۇ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ، بىزگە شاپائەت قىلىدۇ ۋە بىزنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇدۇ دەپ قارايىتتى.
ئىسلام دىنىنىڭ مەككە دەۋرىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولسا، پەرىشتە چۈشەنچىسىدۇر. مەككىلىكلەر پەرىشتە ئۇقۇمىنى بىلەتتى. ئەمما، پەرشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قارايىتتى. قۇرئان بۇنداق قاراشلارنى كەسكىن رەۋىشتە رەت قىلدى. ئىسلام دىنى بۇ شەكىلدە مەككە دەۋرىدە خەلق ئىچىدە بار بولغان خاتا پەرىشتە چۈشەنچىسىنى تۈزۈتۈشكە بەكمۇ كۆپ ئەھمىيەت بەردى. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تولۇق ئىتائەت قىلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك روھانى مەخلۇقلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قۇرئاننىڭ مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان ئايەتلىرىدە يۇقىرىدىكى ئىككى تېما بىلەن بىللە ئاخىرەت مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ كۆپ توختالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاخىرەت مەسىلىسى ھەققىدە مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ خىلمۇخىل يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەن مەلۇماتلار سايىسىدە قىيامەت كۈنىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى مەلۇم. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە ھېچ ئىشەنمىگەنلىكىنى ۋە نەزىرىگە ئالمىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە ئانچە رولى بولمىغان ئاخىرەت چۈشەنچىسىنى ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ دائىرىدە ئاللاھ، ئاخىرەتكە ئىشىنىشنى قۇرئاندا 26 قېتىم ئۆزىگە ئىمان بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئالغان. ھەمدە قۇرئاندا ئاخىرەت كۈنىنى 40 تىن ئارتۇق ئىسىم بىلەن زىكىر قىلغان. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەر بىرى ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاخىرەت كۈنىنىڭ مۇتلەق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا دائىر بەشەرىي ھادىسىلەردىن ۋە كائىناتتىن مىساللار كەلتۈرگەن. ھەر خىل شەكىلدە مۇشۇنداق بىر كۈن بولمىغان ئەھۋالدا ھاياتنىڭ مەنىسىز بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر