نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ قىسقىچە ھاياتى
‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر پىروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر پىروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
نۇمان قۇرتۇلمۇش 1959- يىلى ئۈنيەدە دۇنياغا كەلدى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا باكلاۋورلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق دېسسېرتاتسىيەسىنى ياقلىدى ۋە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. 1992- يىلى ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق، 1994- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ئېلان قىلىنغان كۆپ ساندىكى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن سىرت «سانائەتتىن ھالقىغان ئۆزگىرىش» ۋە «ئەمگەك كۇچىنى باشقۇرۇشتا ياپونىيە مودېلى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئۇزۇن يىللار بويىچە ئىجتىمائىي سىياسەت، ئىش ئىقتىسادى ۋە ئەمگەك كۈچىنى باشقۇرۇش پەنلىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.
1998- يىلى سىياسەت سەھنىسىگە پائال قەدەم قويغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، ‹فەزىلەت› پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك شۆبىسى باشلىقى ۋە ئومۇمىي باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئارقىدىن فەزىلەت پارتىيەسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ‹سائادەت› پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك شۆبىسى باشلىقلىقى ۋە پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭدى.
سائادەت پارتىيەسىنىڭ 2008- يىلى 26- ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلانغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، 2010- يىلى 11- ئىيۇلدا قايتىدىن پارتىيە باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى 2010- يىلى 1- دېكابىردا سائادەت پارتىيەسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى سىياسىي ھەرىكىتىنى باشلىدى. 2010- يىلى 1- نويابىر كۈنى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹خەلقنىڭ ئاۋازى پارتىيەسى› نى قۇرغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، 2012- يىلى 22- سېنتەبىردە چاقىرىلغان بىر گەۋدىلىشىش يىغىنى نەتىجىسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سېپىگە قەدەم باستى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2012- يىلى 4- ئۆكتەبىردە چاقىرىلغان مەركىزىي ئىجرائىيە ئىشلىرى ئورگىنى يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى. 2014- يىلى 10- ئاۋغۇستتا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىن 62- ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ نۇمان قۇرتۇلمۇشنى مۇئاۋىن باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۆيلۈك – ئۇچاقلىق بولۇپ، ئۈچ پەرزەنتى بار.
يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق.
مەنبە: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تور بېتى ۋە ئاگېنتلىقلار