دۇنيانىڭ 8-چوڭ مۆجىزىسى-نەمرۇت

دۇنيانىڭ 8-چوڭ مۆجىزىسى-نەمرۇت ھەققىدە

91047
دۇنيانىڭ 8-چوڭ مۆجىزىسى-نەمرۇت

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونى تارىخى ماكانلار، ئۆرپ-ئادەتلەر، تەبىئەت ۋە تەۋەككۈچىلىككە قىزىقۇچىلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت رايونلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ توروسلارنىڭ جەنۇبىدىن سۈرىيە چېگرىسىغىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. رايوننىڭ بىر قىسمىدا ئاكدېڭىز كىلماتى، دىجلە دەرياسى جايلاشقان رايونلاردا بولسا قۇرۇقلۇق كىلماتى گەۋدىلىكتۇر. رايوندا ۋىلايەتنىڭ ئۆزىگە خاس كۈلتۈرى بار.
شەرقىي جەنۇبنىڭ ئەڭ يېشىل بولغان ۋىلايىتى ئادىيامان دۇنيانىڭ 8-چوڭ مۆجىزىسى ھېسابلىنىدىغان نەمرۇت تېغىدىكى تارىخى ھەيكەللەر سەۋەبلىك پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇردۇر. بۇ ھەيكەللەر كومماگېنې پادىشاھلىقىغا تەۋە تارىخى ئەسەرلەردۇر. تەخمىنەن 2150 مېتىر ئېگىزلىكتە بولغان نەمرۇت تېغىدا كونا قەلئەلەر، يېڭى قەلئەلەر، كاراكۇشتەپە ۋە جەندەرە كۆۋرۈكى بار بولۇپ، خەلق باغچىسى ھالىتىگە كەلگەن. ئادىيامانغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان تاغنىڭ چوققىسىدا شېغىل تاشلار بىلەن بەرپا قىلىنغان تۈمۈلۈس رايونىدا مىلادىدىن ئىلگىرى 69-يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 72-يىللار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن كومماگېنې پادىشاھى 1-ئانتىئوكوسقا تەۋە مازارلىقنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي ۋە غەربىدە چوڭ قىيالاردىن ياسالغان تاش ھەيكەللىرى بار. يانمۇ-يان تىزىلغان ھەيكەللەردىن تۆتى ئەر كىشىنىڭ، بىرى ئايالنىڭ كىشىنىڭ ھەيكىلىدۇر. ھەيكەللەر تۈمۈلۈسنىڭ كەينى تەرىپىگە تىزىلغان. تاشلار ئۈستىدىكى موتىفلار پارس كۈلتۈرى ۋە كىيىنىش ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. تاشلار ئۈستىدە پادىشاھلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈنلىرىدىكى پائالىيەتلەر، پەرمەنلار، دۆلەت قانۇنلىرى ۋە قاپارتما رەسىملەر بار. ھەيكەللەر يۇنان ۋە ئىران مىتولوگىيەسىدە قەيت قىلىنىدىغان بەزى «تەڭرى»لەرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇلار باش تەڭرى زىئۇس، ئوڭ تەرىپىدە تەقدىر ۋە بەرىكەت تەڭرىسى تىكخې-فورتۇنا، سول تەرىپىدە ئۇرۇش ۋە قۇياش تەڭرىسى ئاپوللون، ئوڭ تەرىپىنىڭ باش قىسمىدا كومماگېنلەرنىڭ تۇنجى پادىشاھى 1-ئانتىئوكوس ۋە سول تەرىپىنىڭ باش قىسمىدا قۇدرەت تەڭرىسى ھېراكلىس (ھېركۈل) ھەيكىلى مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولسا بۈركۈت ۋە يولۋاس ھەيكەللىرى بار.
1-ئانتىئوكھوسنىڭ بۇ مازارلىقى تۇنجى قېتىم 1881-يىلى چەتئەللىك يول ئىنژىنېرلىرى تەرىپىدىن بايقالغان. 1987-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «دۇنيانىڭ 8-چوڭ مۆجىزىسى» سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان. تاغنىڭ ئەڭ ئاز 2000 يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلىنىشىغا ۋە بىلىم دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇلۇشىغا تۈرك مۇزيېچىلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان ھامدى ئەپەندى باشلامچىلىق قىلغان.
نەمرۇت تېغى تەبئىي گۈزەللىكلەر بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تاغ ئەتراپىدا تاغنىڭ چىقىش يولى ئۈستىگە جايلاشقان ۋە ئارىسىدىن ئۆتكەن كاختا ئۆستىڭى بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىدىغان كونا ۋە يېڭى قەلئەلەر بار. يېڭى قەلئەلەرنىڭ ئاخىرقى قېتىم مەملۇكلۇقلار دەۋىرىدە ئىشلىلتىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ جايدا جامە، ھامام، دۇككانلار ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۇچرايدۇ. بۇ قەلئەدە قىيالاردىن ئويۇلۇپ ياسالغان تۇنېل بار بولۇپ، بۇ تۇنېل كاختا ئۆستىڭىگە تۇتۇشىدۇ.
كونا قەلئە دەپ ئاتىلىدىغان قەلئەلەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەلىلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. بۇ قەلئەنىڭ يېنىدا سەلەيكوسنىڭ قېرىندىشى ئارسامېس دەۋرىدە قۇرۇلغان ئىككى شەھەر خارابىلىكى مەۋجۇت. بۇلاردىن ئارسېمىيا دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرنىڭ پادىشاھلىقنىڭ يازلىق پايتەختى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قەدىمىي شەھەردە ھېلېنىستىك-رىم ۋە ۋىزاتىنىيە دەۋىرلىرىگە تەۋە خارابىلىكلەر بار. بۇ تارىخى ماكانلارنىڭ 8-10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مازارلىق ئۈستىدە 3 چوڭ تاش تۈۋرۈك مەۋجۇت. تۈۋرۈكلەرنڭ بىرىدە بۈركۈت ھەيكلى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جايغا قاراكۇش ياكى بۈركۈت دېيىلىدۇ. بۇ مازارلىقنىڭ كومماگېنې پادىشاھىلىقىنڭ كېنىزەكلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ سەۋەبلىك كىچىك خاتىرە مۇنارى ئاياللار خاتىرە مۇنار مازارلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈمۈلۈس مازارلىقىنىڭ ئەتراپىدا تۆت تۈۋرۈك ۋە بۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇغا، بۈركۈت ۋە شىر ھەيكەللىرى بار.
نەمرۇت تېغىنى زىيارەت قىلغانلار ئارىسىدا قۇياشنىڭ چىقىش ۋە پېتىشىنى تاماشا قىلىش ئارقىلىق زوق ئالغىلى بولىديۇ. يازنىڭ ئوتتۇرلۇرىغىچە دۋاملىشىدىغان سوغۇق ۋە شاماللىق ھاۋاسىنىڭ ئەكسىچە، باھار ئايلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن يەرلىك ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن بۇ تاغنىڭ چوققىسىدا يېتىپ قوپۇشقا رازى بولىدۇ.
ئادىيامانغا يېقىن يەرگە جايلاشقان بۇ گۈزەل خاتىرە مۇنار تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ 5 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان چاكال ۋادىسىدىكى تارىخى پېررې شەھرى، شۇنداقلغاا نۇرغۇن ئۆڭكۈرنى، بۇ جايدىكى تام رەسىملىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كونا ئۆتەڭلارنى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. كۈلتۈر قىممەت ئۆلچەملىرى نۇقتىسىدىن شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىنىڭ ئەڭ باي ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان شەھەردە ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەرگە تەۋە دىنى ۋە خەلق ئىمارەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تارىخنىڭ مەشھۇر قەلئەسى «ھىسنى مەنسۇر» ئەتراپىغا قۇرۇلغان شەھەر ھەر دەۋىردە مۇھىم ئولتۇراق رايونى بولغان. ۋىلايەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخى بايلىقلىرىدىن بىرىمۇ كاختا ئۆستىڭىنىڭ ئەڭ تار يېرىدە بەرپا قىلىنغان جەندەرە كۆۋرۈكىدۇر. بۇ كۆۋرۈك رىم پادىشاھى سېپتىمۇس سېۋېرۇس ئەتىراپىدىن ياسالغان. جەندەرە كۆۋرۈكى 150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋە دەريادىن 30 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان.
رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخولوگىيەلىك قېزىلما خىزمەتلىرىدە تېپىلغان ئاسارە-ئەتىقەلەر مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ۋىلايەت تائام كۈلتۈرى جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تائاملار ناھايىتى ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدۇ. رايونغا خاس شورپا تۈرى بولغان «مەيىر» ۋە نان خىلى بولغان «قورۇمىلىق خىتاپ» ناھايىتى مىزىلىك تائاملاردىن ھېسابلىنىدۇ.
ئادىياماندا مىڭلارچە يىلدىن بۇيان رايوندا مەۋجۇتلۇقىنى دۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ، رايونغا خاس خەلق كۈلتۈرى شەكىللەندۈرگەن. رايون خەلقىنىڭ سەنئەت ۋە ئېستىتىك زوقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان گېلەم، كىگىز، يۈگەن قاتارلىق مەھسۇلاتلار ساياھەت مەقسەتلىك ئىشلەپچىقىلىرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر